< يارىتىلىش 25 >

ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. 1
А Авраам іще взяв жінку, а ймення їй Кетура́.
ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. 2
А вона породила йому Зімрана, і Йокшана, і Мадана, і Мідіяна, і Їшбака, і Шуаха.
يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى. 3
А Йокшан породив був Шеву та Дедана. А сини Деданові були: ашшури, і летуші, і леуми.
مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 4
А сини Мідіянові: Ефа, і Ефер, і Ханох, і Авіда, і Елдаа, — усі вони сини Кетури.
ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛ 5
І віддав Авраам усе, що мав, Ісакові.
ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. 6
А синам наложниць, що були в Авраама, дав Авраам подарунки, і відіслав їх від Ісака, сина свого, коли сам ще живий був, на схід, до краю східнього.
ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. 7
А оце дні літ Авраамового життя, які він прожив: сто літ, і сімдесят літ, і п'ять літ.
8
І спочи́в та й умер Авраам у старощах добрих, старий і нажившись. І він прилучився до своєї рідні.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. 9
І поховали його Ісак та Ізмаїл, сини його, у печері Махпелі, на полі Ефрона, сина Цохара хітте́янина, що навпроти Мамре́, —
بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 10
поле, що його Авраам був купив від синів Хетових, — там був похований Авраам і Сарра, жінка його.
ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى. 11
І сталося по Авраамовій смерті, — і поблагословив Бог Ісака, сина його. І осів Ісак при криниці Лахай-Рої.
تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ 12
А оце нащадки Ізмаїла, Авраамового сина, що його породила Авраамові єгиптянка Аґар, невільниця Саррина.
ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، 13
І оце імена синів Ізмаїла, за їхніми іменами й за нащадками їх: перворідний Ізмаїлів Невайот, і Кедар, і Адбеїл, і Мівсам,
مىشما، دۇماھ، ماسسا، 14
І Мішма, і Дума, і Масса,
ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. 15
Хадад, і Тема, Єтур, Нафіш, і Кедма.
بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى. 16
Оце вони, сини Ізмаїлові, і їхні ймення за дворами їх і за їх кочови́щами, — дванадцять начальників для їхніх племен.
ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. 17
А оце літа життя Ізмаїлового: сто літ, і тридцять літ, і сім літ. І спочи́в та й умер він, і був узятий до своєї рідні.
[ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى] ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى. 18
І розложилися вони від Хавіли аж до Шуру, що навпроти Єгипту, як іти до Ашшуру. І він оселився перед усіма свої́ми братами.
ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. 19
А оце о́повість про Ісака, Авраамового сина. Авраам породив Ісака.
ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. 20
І був Ісак віку сорока літ, як він узяв собі за жінку Ревеку, дочку Бетуїла арамеянина, з Падану арамейського, сестру арамеянина Лавана.
ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى. 21
І молився Ісак до Господа про жінку свою, бо неплідна була. І Господь був ублаганий ним, — і завагітніла Ревека, жінка його.
ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، [ھامىلىدار] بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى. 22
І кидалися діти в утробі її. І сказала вона: „Коли так, то для чого я це переношу!“І пішла запитатися Господа.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر، ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ، بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ، چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى. 23
І промовив до неї Господь: „Два племе́на в утробі твоїй, і два наро́ди з твого нутра́ будуть виділені, і стане сильніший наро́д від наро́ду, і старший молодшому бу́де служити“.
ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى. 24
І сповнились дні її, щоб родити, — і ось близнюки в утробі її.
ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى. 25
І вийшов перший червонуватий, увесь він — немов плащ волосяний. І назвали ймення йому: Ісав.
ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى. 26
А потім вийшов його брат, а рука його трималася п'яти Ісава. І назвав ім'я́ йому: Яків. А Ісак був віку шостидесяти літ, коли народились вони.
بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى. 27
І виросли хлопці. І став Ісав чоловіком, що знався на вловах, чоловіком поля, а Яків — чоловіком мирним, що в наметах сидів.
ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى. 28
І полюбив Ісак Ісава, бо здобич мисливська його йому смакувала, а Ревека любила Якова.
بىر كۈنى ياقۇپ [پۇرچاق] شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. 29
І зварив був Яків ї́жу, а з поля прибув Ісав, і змучений був.
ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى). 30
І сказав Ісав до Якова: „Нагодуй мене отим червоним, червоним отим, бо змучений я“. Тому то назвали ймення йому: Едом.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى. 31
А Яків сказав: „Продай же нині мені своє перворідство“.
ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. 32
І промовив Ісав: „Ось я умираю, — то нащо ж мені оте перворідство?“
ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى. 33
А Яків сказав: „Присягни ж мені нині“. І той присягнув йому, і продав перворідство своє Якову.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى. 34
І Яків дав Ісавові хліба й сочевичного варива. А той з'їв, і випив, і встав та й пішов. І знехтував Ісав перворідство своє.

< يارىتىلىش 25 >