< يارىتىلىش 24 >

ئىبراھىم قېرىپ، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدى؛ پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا ھەر تەرەپتە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى. 1
ئىبراھىم ئۆيىدىكى ئەڭ مۆتىۋەر خىزمەتكارى، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى باشقۇرىدىغان غوجىدارغا: ــ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويغىن؛ 2
مەن سېنى ئاسمانلارنىڭ خۇداسى شۇنداقلا يەرنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرىمەنكى، سەن مەن ھازىر تۇرۇۋاتقان بۇ قانائانىيلارنىڭ ئارىسىدىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ بەرمەي، 3
بەلكى ئۆز يۇرتۇمغا، شۇنداقلا ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇم ئىسھاققا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن، ــ دېدى. 4
خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: ــ مۇبادا ئۇ قىز مەن بىلەن بۇ يۇرتقا كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزلىرى چىققان شۇ يۇرتقا ئوغۇللىرىنى ياندۇرۇپ ئاپىرامدىمەن؟ ــ دېدى. 5
ئىبراھىم ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ ھېزى بول، ئوغلۇمنى ھەرگىز شۇ يەرگە ياندۇرۇپ بارمىغىن! 6
مېنى ئاتامنىڭ ئۆيى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن يېتەكلەپ ئېلىپ كەلگۈچى، يەنى ماڭا سۆز قىلىپ: ــ «سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ يۇرتنى بېرىمەن»، دەپ ماڭا قەسەم قىلغان، ئاسماننىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئۆز پەرىشتىسىنى ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۇ يەردىن ئوغلۇمغا قىز ئېلىپ كېلەلەيسەن. 7
شۇنداقتىمۇ، ئەگەر قىز سەن بىلەن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، مەن ساڭا قىلدۇرىدىغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئەمما ئوغلۇمنى ئۇ يەرگە ھەرگىز ياندۇرۇپ بارمىغىن، ــ دېدى. 8
شۇنىڭ بىلەن خىزمەتكار قولىنى خوجىسى ئىبراھىمنىڭ يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، بۇ توغرىدا ئۇنىڭغا قەسەم قىلدى. 9
ئاندىن خىزمەتكار بۇ توغرىدا خوجىسىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى، شۇنداقلا خوجىسىنىڭ ھەرخىل ئېسىل نەرسىلىرىنى ئېلىپ يولغا چىقتى؛ ئۇ ئارام-ناھارائىم رايونىغا سەپەر قىلىپ، ناھورنىڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. 10
ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكۈندۇردى: بۇ كەچقۇرۇن، قىز-ئاياللارنىڭ سۇ تارتقىلى چىقىدىغان چېغى ئىدى. 11
ئۇ دۇئا قىلىپ: ــ ئەي خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئۆتۈنىمەنكى، بۈگۈن مېنىڭ ئىشىمنى ئوڭغا تارتقايسەن، خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن. 12
مانا مەن بۇ يەردە قۇدۇقنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمەن ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قىزلىرى بۇ يەرگە سۇ تارتقىلى كېلىۋاتىدۇ. 13
ئەمدى شۇنداق بولسۇنكى، مەن قايسى قىزغا: «كوزمزىكىڭنى چۈشۈرسەڭ، مەن سۇ ئىچىۋالسام بوپتىكەن!» دېسەم، ئۇ جاۋاب بېرىپ: «مانا ئىچكىن، مەن تۆگىلىرىڭنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېسە، ئۇ قىز سەن قۇلۇڭ ئىسھاققا بېكىتكىنىڭنىڭ ئۆزى بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجام ئىبراھىمغا شاپائەت قىلغىنىڭنى بىلەلەيمەن، ــ دېدى. 14
ئۇ تېخى سۆزىنى تۈگەتمەيلا، مانا رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلدى؛ ئۇ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكاھتىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى ئىدى؛ 15
قىز ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ، ھېچ ئەر كىشى تەگمىگەن پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ، كومزەكنى تولدۇرۇپ ئاندىن چىقتى. 16
خىزمەتكار ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ: ــ ئۆتۈنۈپ قالاي، كومزىكىڭتىن ئازغىنا سۇ ئوتلىۋالاي، دېدى. 17
ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ ئىچكەيلا، ئەي خوجام! دەپلا، كومزەكنى دەرھال قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ سۇ ئىچىشى ئۈچۈن سۇندى. 18
ئۇ سۈيىدىن ئۇنىڭغا قانغۇچە ئىچكۈزگەندىن كېيىن: ــ تۆگىلىرىگىمۇ قانغۇچە سۇ ئىچكۈزۈپ قوياي، ــ دېدى. 19
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئولاققا تۆكۈۋېتىپ، يەنە قۇدۇققا سۇ تارتقىلى يۈگۈرۈپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭ ھەممە تۆگىلىرىگە سۇ تارتىپ بەردى. 20
ئۇ كىشى ئۇنىڭغا كۆزىنى تىككىنىچە جىمجىت تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوڭ قىلغان، قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈۋاتاتتى. 21
تۆگىلەر سۇ ئىچىپ قانغاندا، شۇنداق بولدىكى، ھېلىقى كىشى يېرىم شەكەللىك بىر ئالتۇن بۇرۇن ھالقىسى بىلەن ئىككى قولىغا ئون شەكەللىك ئالتۇن بىلەزۈكنى چىقىرىپ قىزغا بېرىپ ئۇنىڭغا: 22
سەن كىمنىڭ قىزى بولىسەن؟ ماڭا دەپ بەرسەڭ! ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە بىزگە قونغۇدەك جاي بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 23
قىز ئۇنىڭغا: ــ مەن مىلكاھنىڭ ناھورغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى، 24
يەنە ئۇنىڭغا: ــ بىزنىڭكىدە سامان بىلەن بوغۇز كەڭرى، [سىلەرگە] قونغىلى جايمۇ بار، ــ دېدى. 25
شۇئان بۇ ئادەم ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ: 26
ئۆز شاپائىتى بىلەن خوجامدىن ۋاپادارلىقىنى ئايىمىغان، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇلغاي! پەرۋەردىگار بۇ سەپىرىمدە مېنى خوجامنىڭ قېرىنداشلىرى تۇرغان ئۆيگە باشلاپ كەلدى! ــ دېدى. 27
قىز يۈگۈرۈپ بېرىپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىسىنىڭ ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ بەردى. 28
ئەمدى رىۋكاھنىڭ لابان دېگەن بىر ئاكىسى بار ئىدى. لابان قۇدۇقنىڭ بېشىغا، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. 29
چۈنكى ئۇ سىڭلىسىنىڭ بۇرۇن ھالقىسىنى ۋە قوللىرىدىكى بىلەزۈكلەرنى كۆرۈپ، ھەمدە سىڭلىسىنىڭ: ئۇ ئادەم ماڭا مۇنداق-مۇنداق دېدى، دېگىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ قېشىغا باردى. مانا، ئۇ كىشى قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنىڭ قېشىدا تۇراتتى. 30
لابان ئۇنىڭغا: ــ ئەي پەرۋەردىگارنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئاتا قىلىنغۇچى، كىرگەيلا! نېمە ئۈچۈن تاشقىرىدا تۇردىلا؟ مەن ئۆينى تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي راسلىدىم، ــ دېدى. 31
ئۇ ئادەم ئۆيگە كىردى؛ لابان تۆگىلەردىن يۈكنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە سامان بىلەن بوغۇز بېرىپ، ئۇ كىشىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى؛ 32
ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا تائام قويۇلدى؛ لېكىن ئۇ: ــ مەن گېپىمنى دېمەي تۇرۇپ تائام يېمەيمەن، ــ دېدى. لابان جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقايلا، دېدى. 33
ئۇ: ــ مەن بولسام ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارىمەن؛ 34
پەرۋەردىگار خوجامغا كۆپ بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ئۇلۇغ بىر كىشى بولدى. ئۇ ئۇنىڭغا قوي بىلەن كالا، كۈمۈش بىلەن ئالتۇن، قۇل بىلەن دېدەكلەرنى، تۆگە بىلەن ئېشەكلەرنى بەردى. 35
خوجامنىڭ ئايالى ساراھ قېرىغاندا خوجامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجام [ئوغلىغا] ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىدى. 36
خوجام مېنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «سەن مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندىكى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرمە، 37
بەلكى جەزمەن ئاتامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز تۇغقانلىرىمنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەيسەن»، ــ دېدى. 38
ئۇ ۋاقىتتا مەن خوجامغا: «ئۇ قىز مەن بىلەن كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟» ــ دېسەم، 39
ئۇ ماڭا جاۋاب بېرىپ: «تۇتقان يوللىرىم ئۇنىڭغا ئوچۇق بولغان پەرۋەردىگارىم ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ بىلەن ئەۋەتىپ، يولۇڭنى ئوڭ قىلىدۇ. بۇ تەرىقىدە سەن مېنىڭ ئائىلىدىكىلىرىم ئارىسىدىن، ئاتامنىڭ جەمەتى ئىچىدىن ئوغلۇمغا خوتۇن ئېلىپ بېرىسەن. 40
شۇنداق قىلىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، سەن مەن قىلدۇرغان قەسەمدىن خالاس بولىسەن؛ ئۇلار ساڭا قىزنى بەرمىسىمۇ ئوخشاشلا قەسەمدىن خالاس بولىسەن»، ــ دېگەنىدى. 41
شۇڭا مەن بۈگۈن بۇ قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ: ــ ئەي، خوجام ئىبراھىمنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، ئەگەر سەن بۇ سەپىرىمنى ئوڭ قىلساڭ: ــ 42
مانا مەن سۇ قۇدۇقىنىڭ يېنىدا تۇرۇۋاتىمەن؛ ۋە شۇنداق بولسۇنكى، سۇ تارتقىلى كەلگەن قىزغا: «كوزاڭدىن ماڭا بىر ئوتلام سۇ بەرگەن بولساڭ»، دېسەم، 43
ئۇ ماڭا: «سەن ئىچكىن، تۆگىلىرىڭگىمۇ سۇ تارتىپ بېرەي»، دەپ جاۋاب بەرسە، ئۇنداقتا بۇ قىز دەل پەرۋەردىگار ئۆزى خوجامنىڭ ئوغلى ئۈچۈن بېكىتكەن قىز بولسۇن، دەپ دۇئا قىلغانىدىم. 44
كۆڭلۈمدە تېخى سۆزۈم تۈگىمەيلا، مانا، رىۋكاھ كومزەكنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ بويىغا چۈشۈپ سۇ تارتتى؛ مەن ئۇنىڭغا: ــ ئىلتىپات قىلىپ، ماڭا سۇ ئىچكىلى قويساڭ، دېۋىدىم، 45
ئۇ دەرھال كومزىكىنى مۈرىسىدىن چۈشۈرۈپ: «ئىچكەيلا، تۆگىلىرىنىمۇ سۇغىرىپ قوياي»، دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىچتىم؛ ئۇ تۆگىلىرىمنىمۇ سۇغىرىپ قويدى. 46
ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: ــ كىمنىڭ قىزى بولىسەن، دەپ سورىسام، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ناھورنىڭ مىلكاھدىن تۇغۇلغان ئوغلى بېتۇئەلنىڭ قىزى بولىمەن، ــ دېدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈكلەرنى سېلىپ قويدۇم؛ 47
ئاندىن ئېڭىشىپ پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدىم؛ خوجامنىڭ قېرىندىشىنىڭ قىزىنى ئۇنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ يولۇمنى ئوڭ قىلغىنى ئۈچۈن، خوجامنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتتىم. 48
ئەمدى سىلەر خوجامغا ئىخلاس قىلىپ شاپائەت كۆرسىتەيلى دېسەڭلار، بۇنى ماڭا دەڭلار. ئەگەر خالىمىساڭلار، ئۇنىمۇ ماڭا ئېيتىڭلار، مەن ئوڭ تەرەپكە ياكى سول تەرەپكە بارىمەن، ــ دېدى. 49
ئەمدى لابان بىلەن بېتۇئەل جاۋاب بېرىپ: ــ بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىن بولغاچ، سىلىگە يا ئۇنداق يا بۇنداق دېيەلمەيمىز. 50
مانا، رىۋكاھ ئالدىلىرىدا تۇرىدۇ؛ ئۇنى ئېلىپ كەتكەيلا. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك ئۆز خوجىلىرىنىڭ ئوغلىغا خوتۇن بولسۇن، ــ دېدى. 51
ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، يەرگە ئېڭىشىپ، پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلدى. 52
ئاندىن، خىزمەتكار كۈمۈش بۇيۇملارنى، ئالتۇن بۇيۇملارنى ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى چىقىرىپ، بۇلارنى رىۋكاھقا بەردى؛ ئۇ يەنە قىزنىڭ ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى سۇندى. 53
ئاندىن ئۇ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، شۇ يەردە قونۇپ قالدى. ئەتىسى سەھەردە قوپۇپ، ئۇ ئۇلارغا: مېنى خوجامنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇڭلار، دېۋىدى، 54
قىزنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ قىز بىرقانچە كۈن ياكى ئون كۈن يېنىمىزدا تۇرسۇن؛ ئاندىن بارسۇن، ــ دېدى. 55
ئەمما ئۇ ئۇلارغا: ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ سەپىرىمنى ئوڭ قىلغانىكەن، مېنى توسماڭلار؛ خوجامنىڭ قېشىغا بېرىشىم ئۈچۈن مېنى يولغا سېلىپ قويۇڭلار، ــ دېدى. 56
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ قىزنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى، دەپ 57
رىۋكاھنى چاقىرىپ ئۇنىڭدىن: ــ بۇ ئادەم بىلەن بارامسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ باراي، دەپ جاۋاب بەردى. 58
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سىڭلىسى رىۋكاھنى، ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سېلىپ قويدى. 59
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار رىۋكاھقا بەخت تىلەپ: ــ ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئانىسى بولغايسەن! نەسلىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولغاي! ــ دېدى. 60
شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ بىلەن ئۇنىڭ دېدەكلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، تۆگىلەرگە مىنىپ، ئۇ كىشىگە ئەگىشىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار رىۋكاھنى ئېلىپ يولغا چىقتى. 61
ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روي دېگەن جايدىن بايىلا قايتىپ كەلگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ جەنۇبتىكى نەگەۋدە تۇراتتى؛ 62
ئىسھاق كەچقۇرۇن ئىستىقامەتكە دالاغا چىققانىدى؛ ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا، مانا تۆگىلەر كېلىۋاتاتتى. 63
رىۋكاھ بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئىسھاقنى كۆردى؛ ئۇ دەرھال تۆگىدىن چۈشۈپ، خىزمەتكاردىن: ــ سەھرادا بىزنىڭ ئالدىمىزغا چىقىۋاتقان بۇ كىشى كىم بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. خىزمەتكار: ــ بۇ خوجامدۇر! دېدى. رىۋكاھ دەرھال چۈمبىلىنى تارتىپ يۈزىنى يېپىۋالدى. 64
65
خىزمەتكار ئەمدى قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئىسھاققا ئېيتىپ بەردى. 66
ئىسھاق قىزنى ئانىسى ساراھنىڭ چېدىرىغا باشلاپ كىردى؛ ئۇ رىۋكاھنى ئۆز ئەمرىگە ئالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنى بولدى. ئۇ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؛ بۇ تەرىقىدە ئىسھاق ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەللى تاپتى. 67

< يارىتىلىش 24 >