< يارىتىلىش 23 >

ساراھ بىر يۈز يىگىرمە يەتتە ياشقىچە ئۆمۈر كۆردى. بۇ ساراھنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى ئىدى. 1
ساراھ قانائان زېمىنىدىكى كىرىئات-ئاربا، يەنى ھېبروندا ۋاپات بولدى. ئىبراھىم بېرىپ ساراھ ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار قىلدى. 2
ئىبراھىم ئۆز مەرھۇمەسىنىڭ يېنىدىن قوپۇپ، ھىتتىيلارغا سۆز قىلىپ: 3
ــ مەن بولسام ئاراڭلاردا مۇساپىر مېھمان، خالاس؛ سىلەر ئەمدى ئاراڭلاردىن ماڭا بىر يەرلىك بېرىڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ مەرھۇمەمنى ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرمىسۇن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلاي، ــ دېدى. 4
ھىتتىيلار ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ ئى خوجام، بىزگە قۇلاق سالغايلا! سىلى ئارىمىزدا خۇدانىڭ بىر شاھزادىسى ھېسابلىنىلا! ئارىمىزدىكى ئەڭ ئېسىل يەرلىكنى تاللاپ، شۇ يەردە مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلغايلا! مەرھۇمەلىرىنى دەپنە قىلىشقا ھېچقايسىمىز ئۆز يەرلىكىنى سىلىدىن ئايىمايدۇ، ــ دېدى. 5
6
ئىبراھىم ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇ زېمىندىكى خەلققە، يەنى ھىتتىيلارغا تەزىم قىلىپ، 7
ئۇلارغا: ــ ئەگەر مەرھۇمەمنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرىۋەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، دەپنە قىلىشىمنى راۋا كۆرسەڭلار، ئۇنداقتا سۆزۈمنى ئاڭلاپ مېنىڭ ئۈچۈن زوھارنىڭ ئوغلى ئەفرونغا سۆز قىلىپ، 8
ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ ئايىغىدا ئۆزىنىڭكى بولغان ماكپېلاھنىڭ غارىنى ماڭا بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىڭلار. ئۇ ماڭا بۇنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۆرىستان بولۇشقا تولۇق نەرخىدە بەرسۇن، ــ دېدى. 9
شۇ چاغدا ئەفرون ھىتتىيلار ئارىسىدا ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ھىتتىيلىق ئەفرون ھىتتىيلارنىڭ ئالدىدا، يەنى شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ: ــ 10
يوقسۇ، ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا. بۇ ئېتىزلىقنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى غارنى سىلىگە بېرەي؛ ئۇنى ئۆز خەلقىم بولغان ئادەملەرنىڭ ئالدىدا سىلىگە بەردىم؛ ئۆز مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا، ــ دېدى. 11
ئاندىن ئىبراھىم يەنە زېمىن خەلقى ئالدىدا تەزىم قىلىپ، 12
شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ قۇلاقلىرى ئالدىدا ئەفرونغا: ــ ئىلتىماسىمغا قۇلاق سالغايلا؛ مەن بۇ ئېتىزلىقنىڭ نەرخى بويىچە پۇل بېرەي، ئۇنى مەندىن قوبۇل قىلغايلا، ئاندىن مەن مېيىتىمنى شۇ يەردە دەپنە قىلاي، ــ دېدى. 13
ئەفرون ئىبراھىمغا جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: 14
ئەي خوجام، ماڭا قۇلاق سالغايلا؛ تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشكە يارايدىغان بىر ئېتىزلىق، سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا نېمە ئىدى؟ سىلى مېيىتلىرىنى دەپنە قىلغايلا ــ دېدى. 15
ئىبراھىم ئەفروننىڭ سۆزىگە قوشۇلدى؛ ئاندىن ئەفرون ھىتتىيلار ئالدىدا ئېيتقان باھانى، يەنى شۇ چاغدىكى سودا ئۆلچىمى بويىچە تۆت يۈز شەكەل كۈمۈشنى تارازىدا تارتىپ بەردى. 16
شۇنداق قىلىپ مامرەنىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھقا جايلاشقان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى، يەنى ئېتىزلىقنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭدىكى غار، شۇنداقلا ئېتىزلىقنىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى 17
ھىتتىيلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئىبراھىمغا تاپشۇرۇلۇپ، [يەنى ئەفروننىڭ] شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدىن بارلىق كىرگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ مۈلكى قىلىپ بېكىتىلدى. 18
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئايالى ساراھنى قانائان زېمىنىدىكى مامرە (يەنى، ھېبرون)نىڭ ئۇدۇلىدىكى ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. 19
شۇ تەرىقىدە ئۇ ئېتىزلىق ۋە ئۇنىڭدىكى غار ھىتتىيلار تەرىپىدىن ئىبراھىمغا گۆرىستان بولۇشقا تايىن قىلىندى. 20

< يارىتىلىش 23 >