< يارىتىلىش 22 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئىبراھىمنى سىناپ ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئىبراھىم! دېدى. ئۇ: مانا مەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. 1
After these things, God tested Abraham, and said to him, “Abraham!” He said, “Here I am.”
ئۇ: ــ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى سەن سۆيىدىغان يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا يۇرتىغا بېرىپ، شۇ يەردە، مەن ساڭا ئېيتىدىغان تاغلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنغىن، ــ دېدى. 2
He said, “Now take your son, your only son, Isaac, whom you love, and go into the land of Moriah. Offer him there as a burnt offering on one of the mountains which I will tell you of.”
ئەتىسى ئىبراھىم سەھەر قوپۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، يىگىتلىرىدىن ئىككىيلەن بىلەن ئىسھاقنى بىللە ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئوتۇن يېرىپ، خۇدا ئۇنىڭغا ئېيتقان يەرگە قاراپ ماڭدى. 3
Abraham rose early in the morning, and saddled his donkey; and took two of his young men with him, and Isaac his son. He split the wood for the burnt offering, and rose up, and went to the place of which God had told him.
ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ، يىراقتىن ئۇ يەرنى كۆردى. 4
On the third day Abraham lifted up his eyes, and saw the place far off.
ئىبراھىم يىگىتلىرىگە: ــ سىلەر ئېشەك بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. مەن بالام بىلەن ئۇ يەرگە بېرىپ، سەجدە قىلىپ، ئاندىن قېشىڭلارغا يېنىپ كېلىمىز، ــ دېدى. 5
Abraham said to his young men, “Stay here with the donkey. The boy and I will go over there. We will worship, and come back to you.”
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كۆيدۈرمە قۇربانلىققا كېرەكلىك ئوتۇننى ئېلىپ، ئوغلى ئىسھاققا يۈدكۈزۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، ئىككىسى بىللە يۈرۈپ كەتتى. 6
Abraham took the wood of the burnt offering and laid it on Isaac his son. He took in his hand the fire and the knife. They both went together.
ئىسھاق ئاتىسى ئىبراھىمغا: ــ ئەي ئاتا! دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن، ئوغلۇم، دېدى. ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ مانا ئوت بىلەن ئوتۇنغۇ بار، ئەمما كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدىغان قوزا قېنى؟ ــ دەپ سورىۋىدى، 7
Isaac spoke to Abraham his father, and said, “My father?” He said, “Here I am, my son.” He said, “Here is the fire and the wood, but where is the lamb for a burnt offering?”
ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ ئەي ئوغلۇم، خۇدا ئۆزى ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قوزىنى تەمىنلەيدۇ، ــ دېدى. ئاندىن ئىككىسى بىرگە يولىنى داۋاملاشتۇردى. 8
Abraham said, “God will provide himself the lamb for a burnt offering, my son.” So they both went together.
ئاخىرىدا ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا ئېيتقان جايغا يېتىپ كەلدى. ئىبراھىم ئۇ يەردە قۇربانگاھ ياساپ، ئۈستىگە ئوتۇننى تىزىپ قويدى. ئاندىن ئۇ ئوغلى ئىسھاقنى باغلاپ، ئۇنى قۇربانگاھدىكى ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ياتقۇزدى. 9
They came to the place which God had told him of. Abraham built the altar there, and laid the wood in order, bound Isaac his son, and laid him on the altar, on the wood.
ئاندىن ئىبراھىم قولىنى ئۇزىتىپ، ئوغلىنى بوغۇزلىغىلى پىچاقنى ئالدى. 10
Abraham stretched out his hand, and took the knife to kill his son.
شۇئان پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ ئىبراھىم، ئىبراھىم! ــ دەپ ۋارقىرىدى. ئۇ: ــ مانا مەن، ــ دېدى. 11
Yahweh’s angel called to him out of the sky, and said, “Abraham, Abraham!” He said, “Here I am.”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ سەن بالىغا قولۇڭنى تەگكۈزمىگىن، ئۇنى ھېچنېمە قىلمىغىن؛ چۈنكى مەن سېنىڭ خۇدادىن قورققانلىقىڭنى بىلدىم؛ چۈنكى سېنىڭ ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى مەندىن ئايىمىدىڭ، ــ دېدى. 12
He said, “Don’t lay your hand on the boy or do anything to him. For now I know that you fear God, since you have not withheld your son, your only son, from me.”
ئىبراھىم بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مانا، ئارقىسىدا مۈڭگۈزلىرى چاتقالغا چىرمىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئىبراھىم بېرىپ قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇندى. 13
Abraham lifted up his eyes, and looked, and saw that behind him was a ram caught in the thicket by his horns. Abraham went and took the ram, and offered him up for a burnt offering instead of his son.
شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم شۇ جايغا «ياھۋەھ-يىرەھ» دەپ ئات قويدى. شۇڭا كىشىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ تېغىدا تەمىنلىنىدۇ» دېگەن بۇ سۆز بۈگۈنگە قەدەر ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. 14
Abraham called the name of that place “Yahweh Will Provide”. As it is said to this day, “On Yahweh’s mountain, it will be provided.”
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ئىبراھىمنى ئىككىنچى قېتىم چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ 15
Yahweh’s angel called to Abraham a second time out of the sky,
سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىماي بۇ ئىشنى قىلغىنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 16
and said, “‘I have sworn by myself,’ says Yahweh, ‘because you have done this thing, and have not withheld your son, your only son,
ــ مەن سېنى زور بەرىكەتلەپ، نەسلىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن كۆپەيتىپ، دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك غولدىتىمەن؛ نەسلىڭ بولسا دۈشمەنلىرىنىڭ دەرۋازىلىرىغا ئىگە بولىدۇ. 17
that I will bless you greatly, and I will multiply your offspring greatly like the stars of the heavens, and like the sand which is on the seashore. Your offspring will possess the gate of his enemies.
سەن مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالغىنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار نەسلىڭنىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرى ئۈچۈن بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ، ــ دېدى. 18
All the nations of the earth will be blessed by your offspring, because you have obeyed my voice.’”
ئاندىن ئىبراھىم يىگىتلىرىنىڭ قېشىغا يېنىپ باردى. ئۇلار ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ بەئەر-شېباغا يول ئالدى. ئىبراھىم بەئەر-شېبادا تۇرۇپ قالدى. 19
So Abraham returned to his young men, and they rose up and went together to Beersheba. Abraham lived at Beersheba.
بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئىبراھىمغا: «مانا مىلكاھمۇ ئىنىڭ ناھورغا بىرقانچە ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ»، دېگەن خەۋەر يەتتى. 20
After these things, Abraham was told, “Behold, Milcah, she also has borne children to your brother Nahor:
ئۇلار بولسا تۇنجى ئوغلى ئۇز، ئۇنىڭ ئىنىسى بۇز ۋە ئارامنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئەل، 21
Uz his firstborn, Buz his brother, Kemuel the father of Aram,
ئاندىن كەسەد، خازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئەل دېگەن ئوغۇللار ئىدى. 22
Chesed, Hazo, Pildash, Jidlaph, and Bethuel.”
(بېتۇئەلدىن رىۋكاھ تۆرەلدى). بۇ سەككىزىنى مىلكاھ ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا تۇغۇپ بەردى. 23
Bethuel became the father of Rebekah. These eight Milcah bore to Nahor, Abraham’s brother.
شۇنىڭدەك ئۇنىڭ كېنىزىكى رەئۇماھمۇ تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ دېگەنلەرنى تۇغۇپ بەردى. 24
His concubine, whose name was Reumah, also bore Tebah, Gaham, Tahash, and Maacah.

< يارىتىلىش 22 >