< يارىتىلىش 19 >

ئىككى پەرىشتە كەچتە سودومغا يېتىپ كەلدى؛ شۇ چاغدا لۇت سودومنىڭ دەرۋازىسىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا چىقىپ يۈزى يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: 1
ــ مانا، ئەي خوجىلىرىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ قونۇپ قالغايسىلەر؛ ئاندىن ئەتە سەھەر قوپۇپ يولغا چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، دېۋىدى، بۇلار جاۋابەن: ــ ياق، بىز شەھەر مەيدانىدا كەچلەيمىز، ــ دېدى. 2
ئەمما ئۇ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇۋىدى، ئاخىر ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بېرىپ ئۆيىگە كىردى. ئۇ ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، پېتىر توقاچلارنى پىشۇرۇپ بەردى، ئۇلار غىزالاندى. 3
ئۇلار تېخى ياتمىغانىدى، شەھەردىكىلەر، يەنى سودومنىڭ ئەركەكلىرى، ياش، قېرى ھەممىسى ھەرقايسى مەھەللىلەردىن كېلىپ ئۆينى قورشىۋالدى؛ 4
ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ بۈگۈن كەچتە سېنىڭكىگە كىرگەن ئادەملەر قېنى؟ ئۇلارنى بىزگە چىقىرىپ بەر، بىز ئۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىمىز، ــ دېدى. 5
لۇت دەرۋازىنىڭ ئالدىغا، ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ، 6
ئۇلارغا: ــ ئەي بۇرادەرلىرىم، مۇنداق رەزىللىكنى قىلماڭلار! 7
مانا، تېخى ھېچ ئەر بىلەن بىللە بولمىغان ئىككى قىزىم بار؛ ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي. ئۇلار بىلەن خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار. ئەمما بۇ ئادەملەر ئۆگزەمنىڭ سايىسى ئاستىغا كىرگەنىكەن، سىلەر ئۇلارنى ھېچنېمە قىلماڭلار! ــ دېدى. 8
لېكىن ئۇلار جاۋاب بېرىپ: «نېرى تۇر!» دېگىنىچە، يەنە: ــ بۇ يەردە تۇرۇشقا كەلگەن بۇ مۇساپىر ھاكىم بولماقچىمىكەن؟ ئەمدى ساڭا ئۇلارغا قىلغاندىنمۇ بەتتەر يامانلىق قىلىمىز! ــ دەپ لۇتنى قىستاپ، ئىشىكنى چېقىشقا باستۇرۇپ كەلدى. 9
ئەمما ئۇ ئىككى كىشى قوللىرىنى ئۇزىتىپ لۇتنى ئۆيگە ئۆز قېشىغا تارتىپ ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى 10
ۋە ئۆينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كىچىكىدىن تارتىپ چوڭىغىچە كورلۇققا مۇپتىلا قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرۋازىنى ئىزدەپ، ھالىدىن كەتتى. 11
ئاندىن ئىككەيلەن لۇتقا: ــ مۇشۇ يەردە يەنە بىرەر كىمىڭ بارمۇ؟ كۈيئوغۇل، ئوغۇل ياكى قىزلىرىڭ ۋە ياكى شەھەردە باشقا ئادەملىرىڭ بولسا ئۇلارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتكىن! 12
چۈنكى بىز بۇ يەرنى يوقىتىمىز؛ چۈنكى ئۇلار توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچ، پەرۋەردىگار بىزنى ئۇنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى، ــ دېدى. 13
شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنى ئالىدىغان [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ: «ئەمدى قوپۇپ بۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار شەھەرنى يوقىتىدۇ» ــ دېدى. ئەمما ئۇ [بولغۇسى] كۈيئوغۇللىرىنىڭ نەزىرىگە چاقچاق قىلغاندەك كۆرۈندى. 14
تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ: ــ ئەمدى قوپۇپ ئايالىڭ بىلەن قېشىڭدىكى ئىككى قىزىڭنى ئالغىن؛ بولمىسا شەھەرنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ، ھالاك بولىسەن، ــ دېدى. 15
ئەمما ئۇ تېخىچە ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىككىيلەن لۇتنىڭ قولىنى، ئايالىنىڭ قولىنى ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئەچىقىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. 16
ئۇلارنى چىقارغاندىن كېيىن شۇ ئىش بولدىكى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ جېنىڭنى ئېلىپ قاچ، ھالاك بولماسلىقىڭ ئۈچۈن كەينىڭگە قارىماي، تۈزلەڭلىكتىكى ھېچ يەردە توختىماي، تاغقا قاچقىن! ــ دېدى. 17
لېكىن لۇت ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولمىغاي، ئەي خوجام، ئۆتۈنۈپ قالاي! 18
مانا، كەمىنەڭ كۆزۈڭدە ئىلتىپات تاپتى، جېنىمنى قۇتقۇزدۇڭ، ماڭا زور مەرھەمەت كۆرسەتتىڭ؛ ئەمما مەن تاغقا قاچالمايمەن؛ ئۇنداق قىلسام، ماڭا بىرەر ئاپەت چۈشۈپ، ئۆلۈپ كېتەرمەنمىكىن. 19
قارا، ئاۋۇ شەھەرگە قېچىپ بارسا بولغۇدەك ناھايىتى يېقىن ئىكەن، شۇنداقلا كىچىك شەھەر ئىكەن! ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ شۇ يەرگە قېچىشىمغا يول قويغايسەن! ئۇ كىچىك [شەھەر] ئەمەسمۇ؟! جېنىم شۇ يەردە ئامان قالىدۇ! ــ دېدى. 20
پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەير، بۇ ئىشتىمۇ ساڭا ماقۇل بولاي، سەن ئېيتقان شۇ شەھەرنى ۋەيران قىلماي. 21
ئەمدى ئۇ يەرگە تېزدىن قېچىپ بارغىن؛ چۈنكى سەن شۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە ھېچ ئىش قىلالماسمەن، ــ دېدى. شۇڭا ئۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «زوئار» دەپ ئاتالغان. 22
لۇت زوئارغا يېتىپ بارغاندا كۈن نۇرى يەر يۈزىگە چېچىلغانىدى. 23
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئەرشتىن، ئۆز يېنىدىن سودوم بىلەن گوموررانىڭ ئۈستىگە گۈڭگۈرت ۋە ئوت ياغدۇرۇپ، 24
شۇ شەھەرلەرنى، پۈتكۈل تۈزلەڭلىكنى ھەمدە شەھەرلەردىكى بارلىق ئاھالىلەر ۋە يەردىن ئۈنگەنلەرنى قوشۇپ بەربات قىلدى. 25
لېكىن لۇتنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغان ئايالى كەينىگە قارىۋىدى، تۇز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالدى. 26
ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم قوپۇپ ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان جايغا چىقىپ، 27
سودوم بىلەن گوموررا تەرەپكە، شۇنداقلا تۈزلەڭلىكنىڭ ھەممە يېرىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، يەر يۈزىدىن خۇمداننىڭ تۈتۈنىدەك تۈتۈن ئۆرلەۋاتقىنىنى كۆردى. 28
ئەمما شۇنداق بولدىكى، خۇدا ئۇ تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى ۋەيران قىلغاندا، ئۇ ئىبراھىمنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇت تۇرغان شەھەرلەرنى بەربات قىلغاندا ئۇنى بالايىئاپەتنىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ قۇتقۇزدى. 29
ئەمما لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورققاچقا، زوئاردىن كېتىپ، تاغقا چىقىپ، ئىككى قىزى بىلەن شۇ يەردە ماكانلاشتى. ئۇ ئىككى قىزى بىلەن بىر ئۆڭكۈردە تۇردى. 30
ئەمدى چوڭ قىز كىچىكىگە: ــ ئاتىمىز بولسا قېرىپ كەتتى؛ دۇنيانىڭ قائىدە-يوسۇنى بويىچە بۇ يۇرتتا بىزگە يېقىنچىلىق قىلىدىغان ھېچ ئەر كىشى قالمىدى. 31
قېنى، ئاتىمىزنى شاراب بىلەن مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتايلى؛ شۇنداق قىلساق، بىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ ئۇرۇقىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. 32
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، چوڭ قىزى كىرىپ ئاتىسى بىلەن ياتتى. لېكىن لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. 33
ئەتىسى شۇنداق بولدىكى، چوڭى كىچىكىگە: ــ مانا، مەن ئاخشام ئاتام بىلەن ياتتىم؛ بۈگۈن كەچتىمۇ ئۇنىڭغا يەنە شاراب ئىچكۈزەيلى؛ شۇنىڭ بىلەن سەن كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ياتقىن؛ شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز پەرزەنت كۆرۈپ ئاتىمىزنىڭ نەسلىنى قالدۇرالايمىز، ــ دېدى. 34
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ كېچىسى ئاتىسىغا شاراب ئىچكۈزۈپ [مەست قىلىپ] قويۇپ، كىچىك قىزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى. ئەمما لۇت ئۇنىڭ كىرىپ ياتقىنىنىمۇ، قوپۇپ كەتكىنىنىمۇ ھېچ سەزمىدى. 35
شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ ئىككىلا قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 36
چوڭى بولسا ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى موئاب قويدى؛ ئۇ بۈگۈنكى موئابىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 37
كىچىكىمۇ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئېتىنى بەن-ئاممى قويدى. ئۇ بۈگۈنكى ئاممونىيلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 38

< يارىتىلىش 19 >