< يارىتىلىش 18 >

پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇبزارلىقنىڭ يېنىدا ئىبراھىمغا كۆرۈندى؛ بۇ كۈن ئەڭ ئىسسىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇراتتى. 1
And the Lord appeared unto him in the grove of Mamre; while he was sitting at the door of the tent in the heat of the day.
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ نەزەر سېلىۋىدى، مانا ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشى ئۆرە تۇراتتى. ئۇلارنى كۆرۈپ ئۇ چېدىرىنىڭ ئىشىكىدىن قوپۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يەرگە تەگكۈدەك تەزىم قىلىپ: 2
And he lifted up his eyes and looked, and lo, three men stood near him; and when he saw them, he ran to meet them from the door of the tent, and bowed himself to the ground;
ــ ئى رەببىم، ئەگەر پېقىر نەزەرلىرىدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆتۈنىمەنكى، قۇللىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتمىگەيلا؛ 3
And he said, My Lord, if now I have found favor in thy eyes, pass not away, I pray thee, from thy servant.
ئازغىنا سۇ كەلتۈرۈلسۇن، سىلەر پۇتلىرىڭلارنى يۇيۇپ دەرەخنىڭ تېگىدە ئارام ئېلىۋېلىڭلار. 4
Let a little water, I pray you, be fetched, and wash your feet, and rest yourselves under the tree.
سىلەر ئۆز قۇلۇڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىكەنسىلەر، مەن بىر چىشلەم نان ئېلىپ چىقاي، سىلەر ھاردۇقۇڭلارنى چىقىرىپ، ئاندىن ئۆتۈپ كەتكەيسىلەر، دېدى. ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ ئېيتقىنىڭدەك قىلغىن، دېۋىدى، 5
And I will fetch a morsel of bread, and comfort ye your heart, after that ye may pass on; since ye have once passed by your servant. And they said, So do, as thou hast spoken.
ئىبراھىم چېدىرىغا ساراھنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ئۈچ داس ئېسىل ئۇندىن تېز خېمىر يۇغۇرۇپ توقاچ ئەتكىن، ــ دېدى. 6
And Abraham hastened into the tent unto Sarah, and said, Make ready quickly three measures of fine meal, knead it, and make cakes.
ئاندىن ئىبراھىم كالا پادىسىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۇمران ئوبدان بىر موزاينى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى؛ ئۇ بۇنى تېزلا تەييار قىلدى. 7
And Abraham ran unto the herd, and fetched a calf tender and good, and gave it unto a young man, and he hastened to dress it.
ئاندىن ئىبراھىم سېرىق ماي، سۈت ۋە تەييارلاتقان موزاينى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇتۇپ، ئۆزى دەرەخنىڭ تېگىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇردى؛ ئۇلار ئۇلاردىن يېدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن: ئايالىڭ ساراھ نەدە، دەپ سورىۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، چېدىردا، دېدى. 8
And he took cream and milk, and the calf which he had dressed, and set it before them; and he stood by them under the tree, and they did eat.
9
And they said unto him, Where is Sarah thy wife! And he said, Behold, in the tent.
بىرسى: ــ مەن كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قېشىڭغا جەزمەن قايتىپ كېلىمەن، ۋە مانا ئۇ ۋاقىتتا ئايالىڭ ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. ساراھ بولسا ئۇنىڭ كەينىدىكى چېدىرنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ، بۇلارنى ئاڭلاۋاتاتتى. 10
And he said, I will certainly return unto thee at this time next year: and lo, Sarah thy wife shall have a son. And Sarah heard it at the door of the tent, which was behind him.
ئىبراھىم بىلەن ساراھ ئىككىسى ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى؛ ساراھتا ئايال كىشىلەردە بولىدىغان ئادەت كۆرۈش توختاپ قالغانىدى. 11
Now Abraham and Sarah were old and well stricken in years; it had ceased to be with Sarah after the manner of women.
شۇڭا ساراھ ئۆز ئىچىدە كۈلۈپ: ــ مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا لەززەت كۆرەلەرمەنمۇ؟ ئېرىممۇ قېرىپ كەتكەن تۇرسا؟ ــ دەپ خىيال قىلدى. 12
Therefore Sarah laughed within herself, saying, After I am waxed old shall I have pleasure, my lord also being old!
پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا: ــ ساراھنىڭ: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، راستتىنلا بالا تۇغارمەنمۇ؟» دەپ كۈلگىنى نېمىسى؟ 13
And the Lord said unto Abraham, Wherefore did Sarah laugh, saying, Shall I of a surety bear a child, since I am old?
پەرۋەردىگارغا مۇمكىن بولمايدىغان تىلسىمات ئىش بارمۇ؟ بېكىتكەن ۋاقىتتا، يەنى كېلەر يىلى دەل بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن ۋە ئۇ ۋاقىتتا ساراھنىڭ بىر ئوغلى بولىدۇ، ــ دېدى. 14
Is anything too hard for the Lord? At the time appointed I will return unto thee, at this time next year, and Sarah shall have a son.
ئەمما ساراھ قورقۇپ كېتىپ: ــ كۈلمىدىم، دەپ ئىنكار قىلدى. لېكىن ئۇ: ــ ياق، سەن كۈلدۈڭ، ــ دېدى. 15
Then Sarah denied, saying, I laughed not; for she was afraid; but he said, Nay; indeed thou didst laugh.
ئاندىن بۇ زاتلار ئۇ يەردىن قوپۇپ، سودوم تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇردى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. 16
And the men rose up from there and looked toward Sodom; and Abraham went with them to bring them on the way.
پەرۋەردىگار: ــ مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولامدۇ؟ 17
And the Lord said, Shall I hide from Abraham what I am about doing?
چۈنكى ئىبراھىمدىن ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك بىر ئەل چىقىدۇ ۋە شۇنىڭدەك يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەل-مىللەتلەر ئۇ ئارقىلىق بەخت-بەرىكەتكە مۇيەسسەر بولىدىغان تۇرسا؟ 18
Seeing that Abraham shall surely become a great and mighty nation, and all the nations of the earth shall be blessed in him?
چۈنكى مەن ئۇنى بىلىپ تاللىغانمەن؛ ئۇ چوقۇم ئۆز بالىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھەققانىيلىقنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنكى پەرۋەردىگار ئىبراھىم توغرۇلۇق قىلغان ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن، ــ دېدى. 19
For I know him, that he will command his children and his household after him, that they shall keep the way of the Lord, to do righteousness and justice; in order that the Lord may bring upon Abraham that which he hath spoken concerning him.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: ــ «سودوم ۋە گوموررا توغرۇلۇق كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇلارنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، 20
And the Lord said, Because the cry against Sodom and Gomorrah is great, and because their sin is very grievous:
مەن ھازىرلا چۈشىمەن، قىلمىشلىرى راستتىنلا شۇ داد-پەريادلاردىن ماڭا مەلۇم بولغاندەك شۇنچە رەزىلمۇ، بىلىپ باقاي؛ ئۇنچە رەزىل بولمىغاندىمۇ، مەن ئۇنى بىلىشىم كېرەك». 21
I will go down now, and see if they have done according to the cry against them, which is come unto me, destruction [shall come upon them]; and if not, I will know it.
شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشىلەر ئۇ يەردىن قوزغىلىپ، سودوم تەرەپكە يول ئالدى. لېكىن ئىبراھىم يەنىلا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇراتتى. 22
And the men turned their faces from there, and went toward Sodom; but Abraham stood yet before the Lord.
ئىبراھىم يېقىن بېرىپ: ــ سەن راستتىنلا ھەققانىيلارنى رەزىللەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ 23
And Abraham drew near, and said, Wilt thou then destroy the righteous also with the wicked?
شەھەردە ئەللىك ھەققانىي كىشى بار بولۇشى مۇمكىن؛ سەن راستتىنلا شۇ جاينى ھالاك قىلامسەن، ئەللىك ھەققانىي كىشى ئۈچۈن ئۇ جاينى كەچۈرۈم قىلمامسەن؟ 24
Peradventure there are fifty righteous within the city; wilt thou then also destroy and not spare the place for the sake of the fifty righteous that are therein?
ياق، ياق! بۇ ئىش سەندىن نېرى بولغاي! ھەققانىيلارنى رەزىللەرگە قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ، ھەققانىيلارغا رەزىللەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش سەندىن نېرى بولغاي! پۈتكۈل جاھاننىڭ سوراقچىسى ئادالەت يۈرگۈزمەمدۇ؟ ــ دېدى. 25
Far be it from thee to do after this manner, to slay the righteous with the wicked, and that the righteous should be as the wicked; far be this from thee; shall the Judge of all the earth not exercise justice?
پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: ــ ئەگەر مەن سودوم شەھىرىدە ئەللىك ھەققانىينى تاپسام، ئۇلار ئۈچۈن پۈتكۈل جاينى ئاياپ قالىمەن، ــ دېدى. 26
And the Lord said, If I find in Sodom fifty righteous within the city, then will I spare all of the place for their sake.
ئاندىن ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن پەقەت توپا بىلەن كۈلدىن ئىبارەت بولساممۇ، مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى يەنە پېتىنالىدىم. 27
And Abraham answered and said, Behold now, I have taken upon me to speak unto the Lord, although I am but dust and ashes:
مۇبادا شۇ ئەللىك ھەققانىيدىن بەش كىشى كەم بولسا، سەن بۇ بەش كىشىنىڭ كەم بولغىنى ئۈچۈن پۈتكۈل شەھەرنى يوقىتامسەن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن شۇ يەردە قىرىق بەشنى تاپساممۇ، ئۇنى يوقاتمايمەن، دېدى. 28
Peradventure there will lack five of the fifty righteous; wilt thou then destroy all the city for the [lack of] these five? And he said, I will not destroy, if I find there forty and five.
ئىبراھىم ئۇنىڭغا سۆزىنى داۋام قىلىپ: ــ شۇ يەردە قىرىق كىشىلا تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، [پەرۋەردىگار]: ــ بۇ قىرىقى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 29
And he spoke yet again unto him, and said, Peradventure there will be found there forty. And he said, I will not do it for the sake of the forty.
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ئى ئىگەم، خاپا بولمىغايسەن، مەن يەنە سۆز قىلاي. شۇ يەردە ئوتتۇزى تېپىلىشى مۇمكىن؟ ــ دېدى. ئۇ: ــ ئەگەر مەن ئۇ يەردە ئوتتۇزنى تاپساممۇ، يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 30
And he said, Oh, let not the Lord be angry, and I will speak: Peradventure there will be found there thirty. And he said, I will not do it, if I find there thirty.
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ: ــ مانا ئەمدى مەن ئىگەم بىلەن سۆزلەشكىلى جۈرئەت قىلدىم؛ شۇ يەردە يىگىرمىسى تېپىلىشى مۇمكىن، ــ دېدى. پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: بۇ يىگىرمىسى ئۈچۈن ئۇ يەرنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 31
And he said, Behold now, I have taken upon me to speak unto the Lord: Peradventure there will be found there twenty. And he said, I will not destroy for the sake of the twenty.
ئۇ سۆزلەپ: ــ ئى ئىگەم، خاپا بولمىغاي، مەن پەقەت مۇشۇ بىر قېتىملا سۆز قىلاي! شۇ يەردە ئونى تېپىلىشى مۇمكىن، دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن ئونى ئۈچۈن ئۇنى يوقاتمايمەن، ــ دېدى. 32
And he said, Oh, let not the Lord be angry, and I will speak yet but this once: Peradventure there will be found there ten. And he said, I will not destroy, for the sake of the ten.
پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن كەتتى؛ ئىبراھىممۇ ئۆز جايىغا قايتىپ كەتتى. 33
And the Lord went away, when he had finished speaking with Abraham; and Abraham returned unto his place.

< يارىتىلىش 18 >