< يارىتىلىش 16 >

ئەمما ئابرامنىڭ ئايالى ساراي ئۇنىڭغا ھېچ بالا تۇغۇپ بەرمىدى؛ لېكىن ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى؛ 1
ساراي ئابرامغا: ــ مانا، پەرۋەردىگار مېنى تۇغۇشتىن توستى. ئەمدى سەن مېنىڭ دېدىكىمنىڭ قېشىغا كىرگىن؛ بەلكىم ئۇ ئارقىلىق ئانا بولۇپ تىكلىنىشىم مۇمكىن، ــ دېدى. ئابرام بولسا ساراينىڭ سۆزىنى قوبۇل كۆردى. 2
شۇنىڭ بىلەن ئابرامنىڭ ئايالى ساراي دېدىكى مىسىرلىق ھەجەرنى ئۆز ئېرى ئابرامغا توقاللىققا ئاپىرىپ بەردى (ئۇ ۋاقىتتا ئابرام قانائان زېمىنىدا ئون يىل ئولتۇرغانىدى). 3
ئابرام ھەجەرنىڭ قېشىغا كىردى ۋە ئۇ ھامىلىدار بولدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى بىلگىنىدە، ئۇ ئايال خوجايىنىنى كۆزگە ئىلماس بولۇپ قالدى. 4
ساراي ئابرامغا قېيىداپ: ــ ماڭا چۈشكەن بۇ خورلۇق سېنىڭ بېشىڭغا چۈشسۇن! مەن ئۆز دېدىكىمنى قۇچىقىڭغا سېلىپ بەردىم؛ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىنى كۆرگەندە مەن ئۇنىڭ نەزىرىدە كۆزگە ئىلىنمىدىم. خەير، پەرۋەردىگار سەن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھۆكۈم چىقارسۇن! ــ دېدى. 5
ئابرام سارايغا: ــ مانا، دېدىكىڭ ئۆز قولۇڭدىدۇر؛ ساڭا نېمە لايىق كۆرۈنسە ئۇنىڭغا شۇنى قىلغىن، ــ دېدى. بۇنىڭ بىلەن ساراي ئۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىشقا باشلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتتى. 6
ئەمما پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا، يەنى شۇر يولىنىڭ بويىدىكى بۇلاقنىڭ يېنىدىن تېپىپ، ئۇنىڭغا: 7
ئەي ساراينىڭ دېدىكى ھەجەر، نەدىن كەلدىڭ، نەگە بارىسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مەن خوجايىنىم ساراينىڭ ئالدىدىن قېچىپ چىقتىم، ــ دېدى. 8
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: ــ ئايال خوجايىنىڭنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا بول، ــ دېدى. 9
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا يەنە: ــ سېنىڭ نەسلىڭنى شۇنداق ئاۋۇتىمەنكى، كۆپلۈكىدىن ئۇنى ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ــ دېدى. 10
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: مانا، سەن ھامىلىدارسەن؛ سەن بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ جەبىر-جاپايىڭنى ئاڭلىدى. 11
ئۇ ياۋا ئېشەك كەبى بىر ئادەم بولىدۇ؛ ئۇنىڭ قولى ھەر ئادەمگە قارشى ئۇزىتىلىدۇ، شۇنىڭدەك ھەر ئادەمنىڭ قولى ئۇنىڭغا قارشى ئۇزىتىلىدۇ؛ ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئايرىم تۇرىدۇ، دېدى. 12
ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن مۇشۇ يەردە مېنى كۆرگۈچىنى ئارقىسىدىن كۆردۈم» دەپ، ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى: «سەن مېنى كۆرگۈچى تەڭرىدۇرسەن» دەپ ئاتىدى. 13
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇدۇق: «بەئەر-لاھاي-روي» دەپ ئاتالدى. ئۇ قادەش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدىدۇر. 14
ھەجەر ئابرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئابرام ھەجەر ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 15
ھەجەر ئابرامغا ئىسمائىلنى تۇغۇپ بەرگەندە ئابرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى. 16

< يارىتىلىش 16 >