< يارىتىلىش 15 >

بۇ ئىشلاردىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئابرامغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە كېلىپ: «ئەي ئابرام، قورقمىغىن؛ مەن ئۆزۈم قالقىنىڭ ۋە زور ئىنئامىڭدۇرمەن» ــ دېدى. 1
After these things the word of the Lord came unto Abram in a vision, saying, Fear not Abram; I am thy shield, thy reward shall be exceedingly great.
لېكىن ئابرام: ــ ئەي رەب پەرۋەردىگار، ماڭا نېمە بېرىسەن؟ مانا، مەن بالىسىز تۇرسام، ئۆي-بىساتلىرىمغا ۋارىسلىق قىلغۇچى مۇشۇ دەمەشقلىك ئەلىئېزەرلا باردۇر، ــ دېدى. 2
And Abram said, Lord God, what wilt thou give me, seeing I go childless, and the steward of my house is Eliezer of Damascus?
ئابرام يەنە: مانا، سەن ماڭا ھېچ نەسىل بەرمىدىڭ، مانا ئۆيۈمدە تۇرۇۋاتقانلاردىن بىرى ماڭا ۋارىس بولىدۇ، دېدى. 3
And Abram said, Behold to me thou hast given no seed; and lo, one born in my house will be my heir.
شۇ ھامان پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى ئۇنىڭغا كېلىپ: «بۇ كىشى ساڭا ۋارىس بولمايدۇ، بەلكى ئۆز پۇشتۇڭدىن بولىدىغان كىشى ساڭا ۋارىس بولىدۇ»، ــ دېدى. 4
And behold, the word of the Lord came unto him, saying, This one shall not be thy heir; but he that shall come forth out of thy own bowels shall be thy heir.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: ــ ئەمدى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى سانا ــ قېنى، ئۇلارنى سانىيالامسەنكىن؟! ــ دېدى. ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ نەسلىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دېدى. 5
And he brought him forth abroad, and said, Look now toward the heaven, and count the stars, if thou be able to count them; and he said unto him, So shall thy seed be.
ئابرام پەرۋەردىگارغا ئىشەندى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىكى بۇ [ئىشەنچنى] ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى دەپ ھېسابلىدى. 6
And he believed in the Lord; and he accounted it to him for righteousness.
يەنە ئۇنىڭغا: مەن بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىشقا سېنى كالدىيەدىكى ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگاردۇرمەن، ــ دېدى. 7
And he said unto him, I am the Lord that brought thee out of Ur of the Chaldees, to give unto thee this land, to inherit it.
لېكىن [ئابرام]: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، مەن ئۇنىڭغا جەزمەن ئىگە بولىدىغىنىمنى قانداق بىلىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 8
And he said, Lord God, whereby shall I know that I shall inherit it?
[پەرۋەردىگار] ئۇنىڭغا: ــ مەن ئۈچۈن ئۈچ ياشلىق بىر ئىنەك، ئۈچ ياشلىق بىر چىشى ئۆچكە، ئۈچ ياشلىق بىر قوچقار بىلەن بىر كەپتەر ۋە بىر باجكا ئېلىپ كەلگىن، ــ دېدى. 9
And he said unto him, Take me a heifer of three years old, and a she-goat of three years old, and a ram of three years old, and a turtle-dove, and a young pigeon.
شۇڭا ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرسىنى يېرىمدىن ئىككى پارچە قىلىپ، يېرىمىنى يەنە بىر يېرىمىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىپ قويۇپ قويدى؛ ئەمما قۇشلارنى پارچىلىمىدى. 10
And he took unto him all these, and divided them in the midst, and laid each piece one opposite the other; but the birds he did not divide.
قاغا-قۇزغۇنلار تاپلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەندە، ئابرام ئۇلارنى ئۈركۈتۈپ ھەيدىۋەتتى. 11
And the birds of prey came down upon the carcasses; but Abram drove them away.
لېكىن كۈن پاتاي دېگەندە، ئابرامنى ئېغىر بىر ئۇيقۇ باستى ۋە مانا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەھشەتلىك بىر ۋەھىمە، توم قاراڭغۇلۇق چۈشتى. 12
And when the sun was about going down, a deep sleep fell upon Abram; and lo, a horror, dark and great, fell upon him.
ئاندىن پەرۋەردىگار ئابرامغا: ــ جەزمەن بىلىشىڭ كېرەككى، سېنىڭ نەسلىڭ ئۆزلىرىنىڭ بولمىغان بىر زېمىندا مۇساپىر بولۇپ، شۇ يەردىكى خەلقنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ ۋە شۇنداقلا، بۇ خەلق ئۇلارغا تۆت يۈز يىلغىچە جەبىر-زۇلۇم سالىدۇ. 13
And he said unto Abram, Know of a surety that thy seed shall be a stranger in a land which is not theirs, and they will make them serve, and they will afflict them four hundred years.
لېكىن مەن ئۇلارنى قۇللۇققا سالغۇچى شۇ تائىپىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن. كېيىن ئۇلار نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ شۇ يەردىن چىقىدۇ. 14
And also that nation whom they shall serve, will I judge; and afterward shall they go out with great substance.
ئەمما سەن بولساڭ، ئامان-خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭغا قوشۇلىسەن؛ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ئاندىن دەپنە قىلىنىسەن. 15
But thou shalt come to thy fathers in peace; thou shalt be buried in a good old age.
لېكىن شۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ، [نەسلىڭ] بۇ يەرگە يېنىپ كېلىدۇ؛ چۈنكى ئامورىيلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ زىخى تېخى توشمىدى، دېدى. 16
Yet the fourth generation shall come hither again; for the iniquity of the Emorites will not be full until then.
شۇنداق بولدىكى، كۈن پېتىپ قاراڭغۇ بولغاندا، مانا، گۆشلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان، ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرغان بىر ئوتدان بىلەن يالقۇنلۇق بىر مەشئەل كۆرۈندى. 17
And it came to pass, when the sun had gone down, and it was dark, that behold a smoking furnace, and a burning flame, which passed between those pieces.
دەل شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئابرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە بۇ زېمىننى مىسىرنىڭ ئېقىنىدىن تارتىپ ئۇلۇغ دەريا، يەنى ئەفرات دەرياسىغىچە بېرىمەن؛ يەنى كېنىيلەر، كەنىززىيلار، كادمونىيلار، 18
On the same day the Lord made a covenant with Abram, saying, Unto thy seed have I given this land, from the river of Egypt unto the great river, the river Euphrates;
19
The Kenites, and the Kenizzites, and the Kadmonites,
ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، رەفايىيلار، 20
And the Hittites, and the Perizzites, and the Rephaim,
ئامورىيلار، قانائانىيلار، گىرگاشىيلار ۋە يەبۇسىيلارنىڭ يۇرتىنى ئۇلارنىڭكى قىلىمەن» دېدى. 21
And the Emorites, and the Canaanites, and the Girgashites, and the Jebusites.

< يارىتىلىش 15 >