< يارىتىلىش 11 >

ئۇ زاماندا پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى تىل ھەم سۆز بىرخىل ئىدى. 1
لېكىن شۇنداق بولدىكى، ئادەملەر مەشرىق تەرەپكە سەپەر قىلىپ، شىنار يۇرتىدا بىر تۈزلەڭلىكنى ئۇچرىتىپ، شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى. 2
ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ كېلىڭلار، بىز خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! ــ دېيىشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارىماي ئىشلەتتى. 3
ئۇلار يەنە: ــ كېلىڭلار، ئەمدى ئۆزۈمىزگە بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەردە ئۇچى ئاسمانلارغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياسايلى! شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە بىر نام تىكلىيەلەيمىز. بولمىسا، پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىلىپ كېتىمىز، ــ دېيىشتى. 4
ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار ئادەم بالىلىرى بىنا قىلىۋاتقان شەھەر بىلەن مۇنارنى كۆرگىلى چۈشتى. 5
پەرۋەردىگار: ــ «مانا، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر قوۋمدۇر، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىمۇ بىردۇر؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر! بۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغان ھەرقانداق ئىشىنى ھېچ توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. 6
شۇڭا بىز تۆۋەنگە چۈشۈپ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ گەپلىرىنى ئۇقالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى [باشقا-باشقا قىلىپ] قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتەيلى» ــ دېدى. 7
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شەھەرنى ياساشتىن توختاپ قالدى. 8
شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ نامى «بابىل» دەپ ئاتالدى؛ چۈنكى ئۇ يەردە پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۇ جايدىن پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارىتىۋەتتى. 9
تۆۋەندىكىلەر شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ توپان ئۆتۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن، شەم يۈز يېشىدا، ئۇنىڭدىن ئارفاكشاد تۆرەلدى. 10
ئارفاكشاد تۇغۇلغاندىن كېيىن شەم بەش يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 11
ئارفاكشاد ئوتتۇز بەش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن شېلاھ تۆرەلدى. 12
شېلاھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئارفاكشاد تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 13
شېلاھ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئېبەر تۆرەلدى. 14
ئېبەر تۇغۇلغاندىن كېيىن شېلاھ تۆت يۈز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 15
ئېبەر ئوتتۇز تۆت ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن پەلەگ تۆرەلدى. 16
پەلەگ تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېبەر تۆت يۈز ئوتتۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 17
پەلەگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن رەئۇ تۆرەلدى. 18
رەئۇ تۇغۇلغاندىن كېيىن پەلەگ ئىككى يۈز توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 19
رەئۇ ئوتتۇز ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن سېرۇگ تۆرەلدى. 20
سېرۇگ تۇغۇلغاندىن كېيىن رەئۇ ئىككى يۈز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 21
سېرۇگ ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ناھور تۆرەلدى. 22
ناھور تۇغۇلغاندىن كېيىن سېرۇگ ئىككى يۈز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 23
ناھور يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن تەراھ تۆرەلدى. 24
تەراھ تۇغۇلغاندىن كېيىن ناھور بىر يۈز ئون توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن يەنە ئوغۇل-قىزلار تۆرەلدى. 25
تەراھ يەتمىش ياشقا كىرگەندە ئۇنىڭدىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى. 26
تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ تەراھتىن ئابرام، ناھور ۋە ھاران تۆرەلدى؛ ھاراندىن لۇت تۆرەلدى. 27
لېكىن ھاران تۇغۇلغان يۇرتى بولغان، كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھنىڭ ئالدىدا، تەراھتىن ئىلگىرى ئۆلدى. 28
ئابرام بىلەن ناھور ئىككىسى ئۆيلەندى. ئابرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى ساراي، ناھورنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مىلكاھ ئىدى؛ مىلكاھ ھاراننىڭ قىزى ئىدى؛ ھاران بولسا مىلكاھ ۋە ئىسكاھنىڭ ئاتىسى ئىدى. 29
لېكىن ساراي تۇغماس بولغاچقا، ئۇنىڭ بالىسى يوق ئىدى. 30
تەراھ بولسا ئوغلى ئابرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئابرامنىڭ ئايالى ساراينى ئېلىپ، قانائان زېمىنىغا بېرىش ئۈچۈن كالدىيلەرنىڭ ئۇر شەھىرىدىن يولغا چىقتى؛ بىراق ئۇلار ھاران دېگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 31
تەراھنىڭ كۆرگەن كۈنلىرى ئىككى يۈز بەش يىل بولۇپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. 32

< يارىتىلىش 11 >