< گالاتىيالىقلارغا 4 >

يەنە شۇنى ئېيتىمەنكى: گەرچە بىر بالا پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ئىگىسى بولسىمۇ، مىراسخور گۆدەك ۋاقىتلىرىدا تاكى ئاتىسى بەلگىلىگەن ۋاقىت توشمىغۇچە، ئۇ ئۆز ئۆيىدىكى قۇلدىن پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ يەنىلا خوجىدارلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ. 1
2
شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ گۆدەك ۋاقتىمىزدا، بۇ دۇنيادىكى «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر» ئاستىدا قۇل بولغانىدۇق. 3
لېكىن، ۋاقىت-سائىتى تولۇق توشقاندا، خۇدا ئۆز ئوغلىنى [بۇ دۇنياغا] ئەۋەتتى. ئۇ بىر ئايال كىشىدىن تۇغۇلغان، شۇنىڭدەك تەۋرات قانۇنى ئاستىدا تۇغۇلغانىدى. 4
بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدا تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشىغان [بىزلەرنى] بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىپ، بىزنىڭ ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىز ئۈچۈندۇر. 5
ھەم سىلەر ئۆز ئوغۇللىرى بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ: «ئاببا! ئاتام!» دەپ چاقىرغۇچى روھىنى ئەۋەتىپ قەلبىمىزگە سالدى. 6
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھازىر قۇل ئەمەس، بەلكى ئوغۇللىرىدۇرسىلەر؛ ئوغۇللىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدا ئارقىلىق ئۆزىگە مىراسخور بولىسىلەر. 7
بۇرۇن، خۇدانى تونۇمىغان ۋاقتىڭلاردا دەرۋەقە يالغان ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىغا تۇتۇلغانسىلەر. 8
ئەمدىلىكتە، ھازىر [ھەقىقىي] خۇدانى تونۇغانىكەنسىلەر، ــ ياكى ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خۇدا تەرىپىدىن تونۇلغانىكەنسىلەر، ئەمدى سىلەر نېمە دەپ بۇ دۇنيادىكى كۈچسىز، ئەبجەق ئەرزىمەس «ئاساسىي قائىدە-قانۇنىيەتلەر»گە قاراپ يانىسىلەر؟ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا يېڭىۋاشتىن قايتىشنى خالامسىلەر؟ 9
سىلەر ئالاھىدە كۈن، ئاي، پەسىل ۋە يىللارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ خاتىرىلەشكە باشلىدىڭلار! 10
مەن ئىلگىرى سىلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرىم بىكار كېتەرمىكىن، دەپ سىلەر ئۈچۈن ئەنسىرەۋاتىمەن. 11
قېرىنداشلار، مەن شۇنى سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، ماڭا ئوخشاش بولۇڭلار؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ئوخشاش بولدۇم. سىلەر ئەسلىدە ماڭا ھېچ ئازار يەتكۈزمىگەنىدىڭلار. 12
ئەمما سىلەرگە مەلۇمكى، ئەتلىرىمدىكى بىر زەئىپلىك تۈپەيلىدىن، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە بىرىنچى قېتىم يەتكۈزگەنىدىم. 13
ئۇ چاغدا، ئەتلىرىمدىكى بۇ زەئىپلىك سىلەرگە نىسبەتەن سىناقتەك بولسىمۇ، لېكىن سىلەر مېنى كەمسىتمىدىڭلار ياكى چەتكە قاقمىدىڭلار. ئەكسىچە، مېنى خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتىنى، ھەتتا مەسىھ ئەيسا ئۆزىنى كۈتكەندەك كۈتۈۋالدىڭلار. 14
ئۇ چاغدىكى بەخت-بەرىكىتىڭلار ئەمدى نەگە كەتتى؟! مەن سىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ ئېيتالايمەنكى، ئۇ چاغدا سىلەر مۇمكىن بولسا، ماڭا كۆزلىرىڭلارنى ئويۇپ بېرىشكىمۇ رازى ئىدىڭلار! 15
ئەمدىلىكتە، سىلەرگە ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكىم ئۈچۈن دۈشمىنىڭلارغا ئايلىنىپ قالدىممۇ؟ 16
[مەن ئېيتىپ ئۆتكەن] ھېلىقى ئادەملەر سىلەرگە قىزغىنلىق كۆرسىتىدۇ، ئەمما نىيىتى دۇرۇس ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت سىلەرنى [نىجاتنىڭ] سىرتىغا چىقىرىپ، قىزغىنلىقىڭلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىۋالماقچى. 17
ئەمما مەن سىلەر بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتلاردىلا ئەمەس، بەلكى دائىم ياخشى ئىشقا قىزغىنلىق قىلىشنىڭ ئۆزى ياخشىدۇر، ئەلۋەتتە. 18
سۆيۈملۈك بالىلىرىم! مەسىھ سىلەردە تۆرەلدۈرۈلگۈچە مەن سىلەر ئۈچۈن تولغاق ئازابلىرىنى يەنە بىر قېتىم تارتىۋاتىمەن! 19
مېنىڭ ھازىرلا يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرگە باشقىچە تەلەپپۇز بىلەن سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋالىڭلار توغرۇلۇق نېمە قىلىشنى زادىلا بىلمەيۋاتىمەن! 20
ئى تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشاشنى خالايدىغانلار، سىلەردىن شۇنى سوراپ باقاي، سىلەر تەۋراتنىڭ ئۆزىدە نېمە دېيىلگەنلىكىگە قۇلاق سالمامسىلەر؟ 21
تەۋراتتا، ئىبراھىمنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، بىرى دېدەكتىن، يەنە بىرى ھۆر ئايالىدىن بولغان، دەپ خاتىرىلەنگەن. 22
دېدەكتىن بولغان ئوغۇل «ئەت بىلەن» تۇغۇلغان؛ ھۆر ئايالىدىن بولغان ئوغۇل بولسا خۇدانىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق تۇغۇلغاندۇر. 23
بۇ ئىككى ئىشنى بىر ئوخشىتىش دېگىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايال [خۇدانىڭ ئىنسانلار بىلەن] تۈزگەن ئىككى ئەھدىسىنىڭ ۋەكىلىدۇر. بىرىنچى ئەھدە سىناي [تېغىدىن] كېلىپ، دەرھەقىقەت بالىلىرىنى قۇللۇقتا بولۇشقا تۇغىدۇ؛ مانا ھەجەر ئۇنىڭغا ۋەكىلدۇر؛ 24
دېمەك، ھەجەر بولسا ئەرەبىستاندىكى سىناي تېغىغا سىمۋول قىلىنىپ، يەنى بۈگۈنكى يېرۇسالېمغا ئوخشىتىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ شەھەر ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى قۇللۇقتا تۇرماقتا. 25
ئەمما يۇقىرىدىن بولغان يېرۇسالېم ھۆردۇر، ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئانىسىدۇر؛ 26
چۈنكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنداق يېزىلغان: ــ «خۇشال بول، ئى پەرزەنت كۆرمىگەن تۇغماس ئايال! تەنتەنە قىلىپ ياڭرات، توۋلا، ئى تولغاق تۇتۇپ باقىمىغان! ــ چۈنكى غېرىب ئايالنىڭ بالىلىرى ئېرى بار ئايالنىڭكىدىن كۆپتۇر!» 27
ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئىسھاق خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن تۇغۇلغاندەك بىزمۇ خۇدانىڭ ۋەدىسى بويىچە تۇغۇلغان پەرزەنتلەرمىز. 28
لېكىن ئۇ چاغدا «ئەتلەردىن تۇغۇلغان» بالا «روھتىن تۇغۇلغان» بالىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىدەك، ھازىر شۇنداق بولىدۇ. 29
لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دېيىلگەن؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدىكىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكتىن تاپقان ئوغۇل ھەرگىز ھۆر ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولمايدۇ!» دەپ پۈتۈلگەن. 30
ئەمدى، قېرىنداشلار، بىز دېدەكنىڭ ئەمەس، بەلكى ھۆر ئايالنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرمىز. مەسىھ بىزنى ھۆرلۈكتە ياشىسۇن دەپ ھۆر قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدا تاپان تىرەپ تۇرۇڭلار ۋە قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا قايتىدىن قىسىلىپ قالماڭلار. 31

< گالاتىيالىقلارغا 4 >