< گالاتىيالىقلارغا 2 >

يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم. 1
مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم. 2
نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛ 3
[شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى»] بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى. 4
لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛ 5
لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق [ئەربابلار] دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى [خۇش خەۋەرگە] قوشقىنى يوق ئىدى. 6
دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ 7
(چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە [روسۇل بولۇشقا] كۈچلەندۈرگەنىدى)، 8
ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر-شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى. 9
ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم. 10
بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم. 11
چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ [شۇ قېرىنداشلاردىن] ئۆزىنى تارتتى. 12
ھەتتا باشقا يەھۇدىي [قېرىنداشلار] ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى. 13
ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا: «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم، 14
ۋە يەنە: «بىز [ئىككىمىز] تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز، 15
لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد-ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم. 16
ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز! 17
ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى [تەۋرات قانۇنىغا] خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن. 18
چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن. 19
مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان-ئېتىقادىدىندۇر. 20
مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن-بىكار بولۇپ قالاتتى. 21

< گالاتىيالىقلارغا 2 >