< ئەزرا 6 >

ئاندىن پادىشاھ دارىئۇس بابىلدىكى دۆلەت-بايلىقلار ساقلانغان «ئارخىپلار ئۆيى»نى تەكشۈرۈپ چىقىشقا يارلىقلارنى چۈشۈردى. 1
是に於てダリヨス王詔言を出しバビロンにて寳物を蔵むる所の文庫に就て査べ稽しめしに
مېدىئا ئۆلكىسىدىكى ئاخمېتا قەلئەسىدىن بىر ئورام قەغەز تېپىلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر خاتىرە پۈتۈلگەن: 2
メデア州の都城アクメタにて一の卷物を得たり その内に書しるせる記録は是のごとし
«پادىشاھ قورەشنىڭ بىرىنچى يىلى، پادىشاھ قورەش يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە دائىر مۇنداق بىر يارلىق چۈشۈرىدۇ: ــ «قۇربانلىق سۇنۇلىدىغان ئورۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۆي يېڭىۋاشتىن سېلىنسۇن؛ ئۇلى پۇختا سېلىنسۇن، ئۆينىڭ ئىگىزلىكى ئاتمىش گەز، كەڭلىكى ئاتمىش گەز بولسۇن. 3
クロス王の元年にクロス王詔言を出せり云くヱルサレムなる神の室の事につきて諭す その犠牲を獻ぐる所なる殿を建てその石礎を堅く置ゑ其室の高を六十キユビトにし其濶を六十キユビトにし
ئۈچ قەۋەت يوغان تاش، بىر قەۋەت يېڭى ياغاچ بىلەن سېلىنسۇن، بارلىق خىراجەت پادىشاھلىق خەزىنىسىدىن چىقىم قىلىنسۇن. 4
巨石三行新木一行を以せよ 其費用は王の家より授くべし
ئەسلىدە نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ بابىلغا ئاپىرىپ قويغان، خۇدانىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىغا قايتىدىن يەتكۈزۈلۈپ، ھەربىرى ئۆز جايىغا قويۇلسۇن؛ ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيىگە قۇيۇلسۇن!». 5
またネブカデネザルがヱルサレムの殿より取いだしてバビロンに携へきたりし神の室の金銀の器皿は之を還してヱルサレムの殿に持ゆかしめ神の室に置てその故の所にあらしむべしと
[دارىئۇستىن يارلىق چۈشۈرۈلۈپ]: «ــ شۇڭا، ئى دەريانىڭ شۇ تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي ۋە شېتار-بوزناي ھەم سىلەرنىڭ ھەمراھلىرىڭلار، يەنى دەريانىڭ شۇ تەرىپىدىكى ئافارساقلىقلار، ئەمدى سىلەر ئۇ يەردىن نېرى كېتىڭلار! 6
然ば河外ふの總督タテナイおよびセタルボズナイとその同僚なる河外ふのアパルサカイ人汝等これに遠ざかるべし
خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن؛ يەھۇدىيلارنىڭ باش ۋالىيسى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئەسلىدىكى ئورنىغا سېلىشىغا يول قويۇڭلار. 7
神のその室の工事を妨ぐる勿れ ユダヤ人の牧伯とユダヤ人の長老等に神のその家を故の處に建しめよ
شۇنىڭدەك مەن خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنىڭ سېلىنىشى ئۈچۈن يەھۇدالارنىڭ ئاقساقاللىرى توغرۇلۇق سىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردۇمكى: ــ دەريانىڭ غەرب تەرىپىدىن، پادىشاھلىق خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغان باج كىرىمىدىن سىلەر كېچىكتۈرمەي شۇ ئادەملەرگە تولۇق خىراجەت ئاجرىتىپ بېرىڭلار، قۇرۇلۇش ھېچ توختاپ قالمىسۇن. 8
我また詔言を出し其神の家を建ることにつきて汝らが此ユダヤ人の長老等に爲べきことを示す 王の財寳の中すなはち河外ふの租税の中より迅速に費用をその人々に與へよその工事を滯ほらしむる勿れ
ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا، جۈملىدىن ئاسماندىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشقا، مەيلى ئەركەك تورپاق بولسۇن، قوچقار ياكى قوزىلار بولسىمۇ، شۇلار بېرىلسۇن؛ يەنە يېرۇسالېمدىكى كاھىنلارنىڭ بەلگىلىگىنى بويىچە بۇغداي، تۇز، شاراب ياكى زەيتۇن مايلار بولسۇن شۇلارنىڭ بىرىمۇ كەم قىلىنماي، ھەر كۈنى تەمىن ئېتىپ تۇرۇلسۇن. 9
又その需むる物即ち天の神にたてまつる燔祭の小牛牡羊および羔羊ならびに麥鹽酒油など凡てヱルサレムにをる祭司の定むる所に循ひて日々に怠慢なく彼等に與へ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاسماندىكى خۇداغا خۇشبۇي قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈپ، پادىشاھقا ۋە پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىسۇن. 10
彼らをして馨しき香の犠牲を天の神に獻ぐることを得せしめ王とその子女の生命のために祈ることを得せしめよ
مەن يەنە بۇيرۇيمەنكى، كىمكى بۇ يارلىقنى ئۆزگەرتسە، شۇ كىشىنىڭ ئۆيىنىڭ بىر تال لىمى سۇغۇرۇۋېلىنىپ تىكلەنگەندىن كېيىن، شۇ كىشى ئۇنىڭغا ئېسىپ مىخلاپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇۋېتىلسۇن! 11
かつ我詔言を出す誰にもせよ此言を易る者あらば其家の梁を抜きとり彼を擧て之に釘ん その家はまた之がために厠にせらるべし
ۋە ئۆزىنىڭ نامىنى شۇ يەردە قالدۇرغان خۇدا مۇشۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆيىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى بۇزۇشقا قول ئۇزارتقان ھەرقانداق پادىشاھ ياكى خەلقنى ھالاك قىلسۇن! مەن دارىئۇس مۇشۇ يارلىقنى چۈشۈردۇم، ئەستايىدىللىق بىلەن بەجا كەلتۈرۈلسۇن!» دېيىلدى. 12
凡そ之を易へまたヱルサレムなるその神の室を毀たんとて手を出す王あるひは民は彼處にその名を留め給ふ神ねがはくはこれを倒したまへ 我ダリヨス詔言を出せり 迅速に之を行なへ
ئاندىن دەريانىڭ غەرب تەرىپىنىڭ باش ۋالىيسى تاتتىناي، شېتار-بوزناي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى پادىشاھ دارىئۇسنىڭ ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ ئىشنى بەجا كەلتۈردى. 13
ダリヨス王かく諭しければ河外ふの總督タテナイおよびセタルボズナイとその同僚迅速に之を行なへり
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زەكەرىيانىڭ بېشارەت بېرىشلىرى بىلەن شۇ ئىشتا روناق تاپتى. ئۇلار ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئەمرى بويىچە، شۇنداقلا قورەش، دارىئۇس ۋە ئارتاخشاشتا قاتارلىق پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشلەپ، ئۆينى يېڭىۋاشتىن قۇرۇپ چىقىش ئىشىنى پۈتتۈردى. 14
ユダヤ人の長老等すなはち之を建て預言者ハガイおよびイドの子ゼカリヤの預言に由て之を成就たり 彼等イスラエルの神の命に循ひクロス、ダリヨスおよびペルシヤ王アルタシヤスタの詔言に依て之を建竣ぬ
بۇ ئۆي دارىئۇس پادىشاھى سەلتەنىتىنىڭ ئالتىنچى يىلى، ئادار ئېيىنىڭ ئۈچىنچى كۈنى پۈتكۈزۈلدى. 15
ダリヨス王の治世の六年アダルの月の三日にこの室成り
ئىسرائىللار ــ كاھىنلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بۇ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاش مۇراسىمىنى خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزدى. 16
是に於てイスラエルの子孫祭司レビ人およびその餘の俘擄人よろこびて神のこの室の落成禮を行なへり
ئۆينى خۇدانىڭ ئۆزىگە ئاتاش مۇراسىمىدا ئۇلار يۈز تورپاق، ئىككى يۈز قوچقار ۋە تۆت يۈز قوزا سۇندى ھەم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ سانى بويىچە بارلىق ئىسرائىل ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئون ئىككى تېكىنى سۇندى. 17
即ち神のこの室の落成禮において牡牛一百牡羊二百 羔羊四百を獻げまたイスラエルの支派の數にしたがひて牡山羊十二を獻げてイスラエル全體のために罪祭となし
ئۇلار يەنە يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئىبادەت-خىزمىتىنى ئۆتەشكە، مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىلغىنى بويىچە، كاھىنلارنى ئۆز نۆۋىتى بويىچە، لاۋىيلارنى گۇرۇپپىلىرى بويىچە تۇرغۇزدى. 18
祭司をその分別にしたがひて立て レビ人をその班列にしたがひて立て ヱルサレムに於て神に事へしむ 凡てモーセの書に書しるしたるが如し
بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نى ئۆتكۈزدى. 19
斯て俘囚より歸り來りし人々正月の十四日に逾越節を行へり
چۈنكى كاھىنلار ۋە لاۋىيلار بىر نىيەت بىلەن بىرلىكتە پاكلىنىش رەسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەممىسى پاكلاندى؛ ئاندىن ئۇلار بارلىق سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى بولغان كاھىنلار ۋە ھەم ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاتىغان [قوزىلىرىنى] سويدى. 20
即ち祭司レビ人共に身を潔めて皆潔くなり一切俘囚より歸り來りし人々のため其兄弟たる祭司等のため又自己のために逾越の物を宰れり
سۈرگۈنلۈكتىن [يېڭىلا] قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە شۇنىڭدەك ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، ئۆزلىرىنى زېمىندىكى يات ئەللىكلەرنىڭ بۇلغاشلىرىدىن ئايرىپ چىققان بارلىق كىشىلەر قوزا گۆشلىرىنى بىرلىكتە يېيىشتى. 21
擄はれゆきて歸り來しイスラエルの子孫および其國の異邦人の汚穢を棄て是等に附てイスラエルの神ヱホバを求むる者等すべて之を食ひ
ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى ھەم ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئۇلارغا مايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆيىنى ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىنى قۇرۇشقا ئۇلارنىڭ قولىنى مۇستەھكەملىدى. 22
喜びて七日の間酵いれぬパンの節を行へり 是はヱホバかれらを喜ばせアッスリヤの王の心を彼らに向はせ彼をしてイスラエルの神にまします神の家の工事を助けさせたまひしが故なり

< ئەزرا 6 >