< ئەزرا 3 >

ئىسرائىل خەلقى ھەرقايسىسى ئۆز شەھەرلىرىدە ماكانلاشقانىدى؛ يەتتىنچى ئايغا كەلگەندە، خەلق بىر ئادەمدەك بولۇپ يېرۇسالېمغا يىغىلدى. 1
يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا بىلەن ئۇنىڭ كاھىن قېرىنداشلىرى، شېئالتىئەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ، خۇدانىڭ ئادىمى مۇسا پۈتكەن قانۇن كىتابىدا پۈتۈلگىنىدەك پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇش ئۈچۈن ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ قۇربانگاھىنى سېلىشقا كىرىشتى. 2
گەرچە ئۇلار شۇ يەرلىك خەلقلەردىن قورقسىمۇ، لېكىن قۇربانگاھنى ئەسلىدىكى ئۇلى ئۈستىگە سېلىپ، ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۆتكۈزۈشكە كىرىشتى. 3
ئۇلار يەنە [مۇقەددەس قانۇندا] پۈتۈلگىنى بويىچە «كەپىلەر ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن تەلەپكە مۇۋاپىق سان بويىچە كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى سۇنۇشاتتى. 4
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يەنە ھەر كۈنلۈك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، يېڭى ئاي قۇربانلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق مۇقەددەس دەپ بېكىتىلگەن ھېيتلىرى ئۈچۈن تەقدىم قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى، شۇنىڭدەك ھەربىر كىشىنىڭ كۆڭلىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنىدىغان ئىختىيارىي قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ تۇراتتى. 5
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەتتىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇشقا باشلىدى؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى تېخى سېلىنمىدى. 6
ئۇلار تاشچىلار بىلەن ياغاچچىلارغا پۇل تاپشۇردى ۋە شۇنداقلا پارس پادىشاھى قورەشنىڭ ئىجازىتى بىلەن زىدونلۇقلار بىلەن تۇرلۇقلارغا كېدىر ياغىچىنى لىۋاندىن [ئوتتۇرا] دېڭىز ئارقىلىق يوپپاغا ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا يىمەك-ئىچمەك ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىدى. 7
جامائەت يېرۇسالېمدىكى خۇدانىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككىنچى يىلى ئىككىنچى ئايدا شېئالتىيەلنىڭ ئوغلى زەرۇببابەل، يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئا ۋە ئۇلارنىڭ كاھىن ۋە لاۋىي قېرىنداشلىرىنىڭ قالدىسى، شۇنىڭدەك سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ يېرۇسالېمغا كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى؛ ئۇلار يەنە يىگىرمە ياشتىن ئاشقان لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى سېلىش قۇرۇلۇشىغا نازارەتچىلىككە قويدى. 8
يەشۇئا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھەم قېرىنداشلىرى، كادمىيەل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى يەھۇدانىڭ ئەۋلادلىرى خۇدانىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلارنى نازارەت قىلىشقا بىر نىيەتتە ئاتلاندى؛ ھېنادادنىڭ ئوغۇللىرى، ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىمۇ ۋە قېرىنداش لاۋىيلار ئۇلارغا ياردەملەشتى. 9
تامچىلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە ئۇل سالىدىغان چاغدا كاھىنلار خاس كىيىملىرىنى كىيىپ، كانايلىرىنى چېلىپ، ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان لاۋىيلار جاڭجاڭ چېلىپ، ھەممىسى قاتار-قاتار سەپ بولۇپ تۇرغۇزۇلدى؛ ئۇلار داۋۇت بەلگىلىگەن كۆرسەتمىلەر بويىچە پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇشتى. 10
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۆزئارا: ــ «پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ ئىسرائىلغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ ھەمدۇسانا ۋە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشتى. بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇلى سېلىنىپ بولغاچقا، خالايىق پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ توۋلاپ تەنتەنە قىلىشتى. 11
لېكىن كاھىنلاردىن، لاۋىيلاردىن ۋە جەمەت باشلىقلىرىدىن نۇرغۇنلىرى، يەنى ئەسلىدە ئىلگىرىكى ئۆينى كۆرگەن نۇرغۇن قېرى ئادەملەر كۆز ئالدىدا سېلىنغان بۇ ئۆينىڭ ئۇلىغا قاراپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشتى؛ نۇرغۇن باشقا كىشىلەر خۇشال بولۇپ تەنتەنە قىلىپ توۋلاشتى؛ 12
ۋە خەلق ھەتتا كىملەرنىڭ تەنتەنە قىلىشىۋاتقانلىقى بىلەن كىملەرنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئايرىۋالالماي قالدى؛ چۈنكى جامائەت تەنتەنە قىلىپ قاتتىق توۋلىشاتتى؛ ۋە بۇ ئاۋاز يىراق-يىراقلارغا ئاڭلىناتتى. 13

< ئەزرا 3 >