< ئەزرا 10 >

ئەزرا دۇئا قىلىپ، گۇناھىنى تونۇپ يىغلاپ خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا يىقىلىپ دۈم ياتقان چاغدا، ئىسرائىللاردىن ناھايىتى چوڭ بىر جامائەت، ئەر-ئاياللار ۋە بالىلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ يىغىلدى؛ كۆپچىلىكمۇ قاتتىق يىغلاپ كېتىشتى. 1
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەھىيەلنىڭ ئوغلى شېكانىيا ئەزراغا: ــ بىز خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ بۇ زېمىندىكى يات تائىپىلەردىن خوتۇن ئاپتۇق. ھالبۇكى، ئىسرائىل ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىد بار؛ 2
بىز ئەمدى خۇدايىمىز بىلەن ئەھدىلىشەيلى، خوجامنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن بۇ خوتۇنلارنى ۋە ئۇلاردىن تۆرەلگەن پەرزەنتلەرنى يولغا سېلىپ قويايلى. ھەممە ئىش تەۋرات قانۇنى بويىچە قىلىنسۇن. 3
تۇر! بۇ ئىش ساڭا باغلىقتۇر، بىز سېنى قوللايمىز؛ جۈرئەتلىك بولۇپ ئىشنى ئادا قىلغىن، ــ دېدى. 4
شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ، كاھىنلارنىڭ لاۋىيلارنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ باشلىقلىرىنى شۇ سۆز بويىچە ئىش قىلىمىز، دەپ قەسەم ئىچىشكە ئۈندىدى، ئۇلار قەسەم ئىچتى. 5
ئاندىن ئەزرا خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدىن قوپۇپ ئەلىياشىبنىڭ ئوغلى يەھوھاناننىڭ ئۆيىگە كىردى؛ ئۇ ئۇ يەرگە كەلگەندە غىزامۇ يېمىدى، سۇمۇ ئىچمىدى، چۈنكى ئۇ سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ئېچىناتتى. 6
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە جاكارلىنىپ، يېرۇسالېمغا يىغىلىڭلار، 7
ئەمىرلەر ۋە ئاقساقاللارنىڭ نەسىھىتى بويىچە، كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېتىپ كەلمىسە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ جامائىتىدىنمۇ ئايرىلىدۇ، دەپ، جاكارنامە چىقىرىلدى. 8
شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا ۋە بىنيامىندىكى بارلىق ئەرلەر ئۈچ كۈنگىچە يېرۇسالېمغا يىغىلىپ بولدى. ئۇ توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمىنچى كۈنى ئىدى؛ بارلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدىكى مەيدانغا كېلىپ ئولتۇردى، كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن قورقاچقا، شۇنىڭدەك قاتتىق ياغقان يامغۇر تۈپەيلىدىن، تىترەپ كېتىشتى. 9
كاھىن ئەزرا ئورنىدىن قوپۇپ ئۇلارغا: ــ سىلەر خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ يات تائىپىلەرنىڭ قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ ئىسرائىللارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاشۇردۇڭلار. 10
ئەمدى سىلەر ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىڭلارنى تونۇپ، ئۇنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغاننى قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇ زېمىندىكى تائىپىلەردىن ۋە بۇ يات ئەللىك خوتۇنلىرىڭلاردىن ئارىنى ئوچۇق قىلىڭلار، دېدى. 11
پۈتۈن جامائەت يۇقىرى ئاۋازدا جاۋاپ بېرىپ: ــ ماقۇل، بىز ئۆزلىرىنىڭ شۇ گەپلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز. 12
بىراق ئادەملەر بەك كۆپ، يەنە كېلىپ يامغۇر پەسلى بولغاچقا تالادا تۇرالمايمىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن بىر-ئىككى كۈندە پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، چۈنكى بىزدە بۇ ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلار ناھايىتى كۆپتۇر! 13
خۇدانىڭ مۇشۇ ئىش تۈپەيلى كەلگەن قاتتىق غەزىپىنىڭ بىزدىن كەتكۈچە، باشلىقلىرىمىز پۈتكۈل جامائەتكە ۋەكىل بولۇپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرسۇن؛ بىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىمىزدە يات ئەللەردىن خوتۇن ئالغانلارمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقال ۋە ھاكىملىرى بىلەن بىرلىكتە كېلىپ بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلسۇن، ــ دېدى. 14
بۇ ئىشقا پەقەت ئاساھەلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياھزىيا قارشى چىقتى، مەشۇللام بىلەن لاۋىي شاببىتاي ئۇلارنى قوللىدى. 15
شۇنىڭ بىلەن سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئەنە شۇنداق قىلدى. كاھىن ئەزرا ۋە ئاتا جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى بولغانلار جەمەتى بويىچە بۇ ئىشقا ئايرىلدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسمىلىرى بويىچە تىزىملاندى. ئۇلار ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا كىرىشتى. 16
ئۇلار يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغان ئەرلەرنىڭ سورىقىنى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تۈگەتتى. 17
كاھىنلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلاردىن مۇشۇلار چىقتى: ــ يوزاداكنىڭ ئوغلى يەشۇئانىڭ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مائاسېياھ، ئەلىئېزەر، يارىب، گەدالىيا. 18
ئۇلار خوتۇنلىرىمىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز دەپ [قەسەم قىلىپ] قول بېرىشتى ۋە گۇناھى ئۈچۈن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىسىدىن بىر قوچقارنى سۇندى. 19
ئىممەرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھانانى بىلەن زەبادىيا؛ 20
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە مائاسېياھ، ئېلىياھ، شېمايا، يەھىيەل ۋە ئۇززىيا؛ 21
پاشخۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، مائاسېياھ، ئىسمائىل، نەتانەل، يوزاباد ۋە ئەلاساھ. 22
لاۋىيلار ئىچىدە يوزاباد، شىمەي، كېلايا («كېلىتا»مۇ دېيىلىدۇ)، پىتاھىيا، يەھۇدا بىلەن ئەلىئېزەر؛ 23
غەزەلكەشلەر ئىچىدە ئەلىياشىب؛ دەرۋازىۋەنلەر ئىچىدە شاللۇم، تەلەم، ئۇرى. 24
ئىسرائىللاردىن: ــ پاروشنىڭ ئەۋلادلىرىدىن رامىيا، يىززىيا، مالكىيا، مىيامىن، ئەلىئازار، مالكىيا، بىنايا؛ 25
ئېلامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتانىيا، زەكەرىيا، يەھىيەل، ئابدى، يەرىموت بىلەن ئېلىياھ؛ 26
زاتتۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەليويىناي، ئەلىياشىب، ماتتانىيا، يەرىموت، زاباد بىلەن ئازىزا؛ 27
بىباينىڭ ئەۋلادلىرىدىن يوھوھانان، ھانانىيا، زابباي بىلەن ئاتلاي؛ 28
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشۇللام، ماللۇق، ئادايا، ياشۇب، شېئال بىلەن راموت؛ 29
پاھات-موئابنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئادنا، جىلال، بىنايا، مائاسېياھ، ماتتانىيا، بەزالەل، بىننۇئىي بىلەن ماناسسەھ؛ 30
ھارىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەلىئېزەر، يىشىيا، مالكىيا، شېمايا، شىمېئون، 31
بىنيامىن، ماللۇق ۋە شەمارىيا؛ 32
خاشۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماتتىناي، ماتتاتاھ، زاباد، ئەلىفەلەت، يەرەماي، ماناسسەھ ۋە شىمەي؛ 33
بانىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ماداي، ئامرام، ئۇئەل، 34
بىنايا، بەدىيا، كېلۇھاي، 35
ۋانىيا، مەرەموت، ئەلىياشىب، 36
ماتتانىياھ، ماتتىناي، يائاسۇ، 37
بانى، بىننۇئىي، شىمەي، 38
شەلەمىيا، ناتان، ئادايا، 39
ماكنادىباي، شاشاي، شاراي، 40
ئازارەل، شەلەمىيا، شەمارىيا، 41
شاللۇم، ئامارىيا، يۈسۈپ؛ 42
نېبونىڭ ئەۋلادلىرىدىن جەئىيەل، ماتتىتىياھ، زاباد، زېبىنا، يادداي، يوئېل ۋە بىنايا. 43
بۇلارنىڭ ھەممىسى يات ئەللىك خوتۇنلارنى ئالغانلار ئىدى، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بەزىلەرنىڭ خوتۇنلىرى پەرزەنتمۇ كۆرگەنىدى. 44

< ئەزرا 10 >