< ئەزاكىيال 9 >

ئۇ قۇلىقىمغا كۈچلۈك بىر ئاۋازدا توۋلاپ: ــ يېقىن كېلىڭلار، شەھەرگە مەسئۇل بولغۇچىلار، ھەربىرىڭلار ئۆز ھالاكەت قورالىڭلارنى قولۇڭلارغا تۇتۇڭلار، ــ دېدى. 1
ۋە مانا، ئالتە كىشىنىڭ [ئىبادەتخانىنىڭ] شىمالىغا قارايدىغان «يۇقىرى دەرۋازا» تەرەپتىن كېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ھەربىرىسى قولىدا بىتچىت قىلغۇچى قورالىنى تۇتقان؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن بىرسى بار ئىدى؛ ۋە ئۇلار [ئىبادەتخانىغا] كىرىپ، مىس قۇربانگاھنىڭ يېنىدا تۇردى. 2
شۇ چاغدا ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئەسلى تۇرغان كېرۇبتىن كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا تۇردى. پەرۋەردىگار يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنى ئېسىقلىق تۇرغان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: ــ 3
شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن، يەنى يېرۇسالېمنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، شەھەر ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئاھ-نادامەت چەككەن كىشىلەرنىڭ پېشانلىرىگە بىر بەلگە سالغىن، ــ دېدى. 4
ۋە ماڭا ئاڭلىتىپ باشقا كىشىلەرگە: ــ بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن شەھەرنى كېزىپ، ئادەملەرنى قىرىڭلار؛ كۆزۈڭلار رەھىم قىلمىسۇن، ئۇلارغا ئىچىڭلارنى ئاغرىتماڭلار! 5
بىرنىمۇ قويماي ھەممىنى ــ قېرىلار، ياش يىگىت-قىزلار، بوۋاق-بالىلار ۋە ئاياللارنى قويماي ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ پەقەت بەلگە قويۇلغان كىشىلەرگە يېقىنلاشماڭلار؛ بۇ ئىشنى ئۆز مۇقەددەس جايىمدىن باشلاڭلار، ــ دېدى. شۇڭا ئۇلار خۇدانىڭ ئۆيى ئالدىدا تۇرغان ھېلىقى ئاقساقاللاردىن باشلىغان. 6
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۆينى بۇلغاڭلار، ھويلىلىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار؛ ئەمدى بېرىڭلار! ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىقىپ شەھەر بويىچە ئادەملەرنى قىرىشقا باشلىدى. 7
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار ئادەملەرنى قىرغىنىدا، مەن يالغۇز قالدىم؛ ئۆزۈمنى يەرگە دۈم تاشلىدىم ۋە: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن يېرۇسالېمغا قارىتىلغان قەھرىڭنى تۆككەندە ئىسرائىلنىڭ بارلىق قالدىسىنى ھالاك قىلامسەن؟ ــ دېدىم. 8
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئىسرائىل ۋە يەھۇدا جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى ئىنتايىن رەزىل؛ چۈنكى ئۇلار: «پەرۋەردىگار زېمىننى تاشلاپ كەتتى؛ پەرۋەردىگار بىزنى كۆرمەيدۇ» ــ دەيدۇ. 9
«مەن بولسام، مېنىڭ كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ، ئىچىمنىمۇ ئۇلارغا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ يولىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن، ــ دېدى. 10
ۋە مانا، يېنىغا پۈتۈكچىنىڭ سىياھدېنىنى ئاسقان، كاناپ كىيىملەرنى كىيگەن كىشى قىلغان ئىشنى مەلۇم قىلىپ: «ماڭا سەن بۇيرۇغان ئىشنى ئورۇندىدىم» ــ دېدى. 11

< ئەزاكىيال 9 >