< ئەزاكىيال 47 >

[ھېلىقى كىشى] مېنى ئۆينىڭ دەرۋازىسىغا قايتا ئاپاردى. مانا، ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن سۇلار شەرققە قاراپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئالدى شەرققە قارايتتى. سۇلار ئۆينىڭ ئاستىدىن، ئوڭ تەرىپىدىن، قۇربانگاھنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىن ئېقىپ چۈشەتتى. 1
ئۇ مېنى شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىسىدىن چىقاردى؛ ئۇ مېنى ئايلاندۇرۇپ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭ سىرتىغا ئاپاردى؛ مانا، سۇلار ئوڭ تەرىپىدىن ئېقىپ تۇراتتى. 2
ھېلىقى كىشى قولىدا ئۆلچىگۈچ تانىنى تۇتۇپ، شەرققە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ مىڭ گەز ئۆلچىدى، ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ ئوشۇقىغا چىقاتتى. 3
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ تىزلىرىغا يەتتى. ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئاندىن مېنى سۇلاردىن ئۆتكۈزدى؛ سۇلار ئادەمنىڭ بېلىگە چىقاتتى. 4
ئۇ يەنە مىڭ گەز ئۆلچىدى؛ ئۇ مەن ئۆتەلمەيدىغان دەريا بولۇپ چىقتى؛ چۈنكى سۇلار ئۆرلەپ كەتتى؛ ئۇنىڭدا سۇ ئۈزگىلى بولاتتى، ئۇ ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا بولۇپ چىقتى. 5
ئۇ مەندىن: «ئىنسان ئوغلى، بۇنى كۆرگەنسەن؟» دەپ سورىدى؛ ئاندىن مېنى دەريانىڭ قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. 6
قىرغاققا قايتتىم، مانا، دەريانىڭ قىرغىقىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئىنتايىن كۆپ دەرەخلەر بار ئىدى. 7
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ سۇلار يۇرتنىڭ شەرقىگە چىقىدۇ؛ شۇ يەردىن ئۇلار ئاراباھ تۈزلەڭلىكىگە چۈشۈپ، ئاندىن دېڭىزغا كىرىدۇ. ئۇلار دېڭىزغا ئېقىپ كىرىشى بىلەن، دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ. 8
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بۇ «جۈپ دەريا» قايسى يەرگە ئېقىپ كەلسە، شۇ يەردىكى بارلىق سۇ ئۈزىدىغان جانىۋارلار ياشايدۇ؛ دېڭىزدا نۇرغۇن بېلىقلار بولىدۇ؛ چۈنكى سۇلار شۇ يەرگە ئېقىپ كېلىدۇ، ۋە دېڭىز سۇلىرى ساقايتىلىدۇ؛ دەريا نەگە ئاقسا، شۇ يەرنىڭ ھەممىسى ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. 9
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، بېلىقچىلار دېڭىز بويىدا تۇرىدۇ؛ ئەن-گەدىدىن ئەن-ئەگلائىمگىچە ئۇلارنىڭ تورلىرى يېيىلىدىغان جايلىرى بولىدۇ؛ دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ «ئوتتۇرا دېڭىز»دىكىدەك بەك كۆپ سورتلىرى بولىدۇ؛ 10
بىراق ئۇنىڭ زەي-سازلىقلىرى ساقايتىلمايدۇ؛ ئۇلار شورلۇق بولۇشقا تاپشۇرۇلىدۇ. 11
دەريا بويىدا، ئۇ ۋە بۇ قېتىدا، ئوزۇق بولىدىغان ھەرخىل دەرەخلەر ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى سولاشمايدۇ، ئۇلار مېۋىسىز قالمايدۇ؛ ئۇلار ھەر ئايدا يېڭىدىن مېۋىلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇنى سۇغىرىدىغان سۇلار مۇقەددەس جايدىن چىقىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مېۋىسى ئوزۇق، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دورا-دەرمانلار بولىدۇ. 12
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ تۆۋەندە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە زېمىن مىراس سۈپىتىدە بۆلۈنۈپ تەقسىم قىلىنىپ چېگرالار ئايرىلىدۇ؛ يۈسۈپنىڭ قەبىلىسىگە ئىككى ئۈلۈش بۆلۈنىدۇ. 13
مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەسەم ئىچكەندەك، سىلەر بىر-بىرىڭلارغا باراۋەرلىك بىلەن زېمىننى مىراس بولۇشقا بۆلىسىلەر؛ ئۇ سىلەرگە مىراس بولىدۇ. 14
زېمىننىڭ [تۆت] تەرىپىنىڭ چېگراسى مۇنداق: شىمالىي تەرىپى، «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلىنىپ خەتلوننىڭ يولىنى بويلاپ، زەداد شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ 15
ئۇ خامات، بېروتاھ، سىبرائىم (دەمەشق بىلەن خاماتنىڭ چېگرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا)، ھاۋراننىڭ چېگرىسىدا بولغان خازار-ھاتتىكون شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ 16
شۇنىڭدەك «ئوتتۇرا دېڭىز»دىن باشلانغان چېگرا ھازار-ئېنانغىچە سوزۇلىدۇ؛ ئۇ دەمەشقنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ، خاماتنىڭ شىمالىي رايونىنىڭ چېگراسىغا تۇتىشىدۇ؛ بۇ بولسا شىمالىي تەرىپى بولىدۇ. 17
شەرق تەرىپىنىڭ چېگرىسى، ھاۋران بىلەن دەمەشقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلىنىپ، گىلېئاد ۋە ئىسرائىل زېمىنىنى بۆلۈپ تۇرىدىغان ئىئوردان دەرياسى بولىدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن «ئۆلۈك دېڭىز»غىچە مىراسلارنى بۆلۈپ ئۆلچەيسىلەر. بۇ بولسا شەرق تەرىپى بولىدۇ. 18
جەنۇبىي تەرىپى بولسا، تامار شەھىرىدىن مېرىباھ-قەدەش دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىغىچە، ئاندىن مىسىر ۋادىسىدىن «ئوتتۇرا دېڭىز»غىچە سوزۇلىدۇ. بۇ جەنۇبىي چېگرا بولىدۇ. 19
غەربىي تەرىپى بولسا «ئوتتۇرا دېڭىز»نىڭ ئۆزى، خامات رايونىغا كىرىش ئېغىزىغىچە بولىدۇ؛ بۇ غەربىي چېگرىسى بولىدۇ. 20
سىلەر بۇ زېمىننى ئىسرائىلنىڭ قەبىلىسى بويىچە ئۆز-ئاراڭلاردا ئۈلۈشۈشۈڭلار كېرەك. 21
شۇنداق بولۇش كېرەككى، سىلەر ئۆز-ئاراڭلار ۋە ئاراڭلاردا ئولتۇراقلاشقان، ئاراڭلاردا بالىلىق بولغان مۇساپىرلارغا ئۇنى مىراس بولۇشقا چەك تاشلاپ بۆلىسىلەر؛ ئۇلار سىلەرگە نىسبەتەن ۋەتىنىدە تۇغۇلغان ئىسرائىللارغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئۇلار سىلەر بىلەن تەڭ چەك تاشلاپ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن مىراس ئالسۇن. 22
مۇساپىر قايسى قەبىلە ئارىسىدا ئولتۇراقلاشقان بولسا، سىلەر شۇ يەردىن ئۇنىڭغا مىراس تەقسىم قىلىسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 23

< ئەزاكىيال 47 >