< ئەزاكىيال 46 >

رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچكى ھويلىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسى ئالتە «ئىش كۈنى»دە ئېتىكلىك بولىدۇ؛ بىراق شابات كۈنىدە ئۇ ئېچىلىدۇ؛ ۋە «يېڭى ئاي» بولغان كۈنلىرىدە ئۇ ئېچىلىدۇ. 1
شاھزادە سىرتتىن شۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ يولى بىلەن كىرىدۇ، ئۇ كىرىش ئېغىزىنىڭ كېشەك تېمى تۈۋىدە تۇرىدۇ؛ كاھىنلار بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا سەجدە قىلىدۇ ئاندىن چىقىدۇ؛ بىراق دەرۋازا كەچكىچە ئېتىلمەيدۇ. 2
زېمىندىكى خەلقمۇ شابات كۈنلىرىدە ۋە «يېڭى ئاي»لاردا شۇ دەرۋازىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا سەجدە قىلىدۇ. 3
شابات كۈنىدە شاھزادە پەرۋەردىگارغا سۇنغان قۇربانلىق بولسا ئالتە بېجىرىم پاخلان، بىر بېجىرىم قوچقار بولىدۇ. 4
بۇلارغا قوشۇلىدىغان ئاشلىق ھەدىيەلەر قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 5
«يېڭى ئاي»نىڭ كۈنىدە ئۇ سۇنغان قۇربانلىق ياش بىر بېجىرىم تورپاق، ئالتە پاخلان، بىر قوچقار بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولىدۇ. 6
بۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلەرنى قۇشۇپ سۇنىدۇ؛ تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 7
شاھزادە كىرگەندە، دەرۋازىنىڭ دالىنى بىلەن كىرىدۇ، ۋە شۇ يول بىلەن چىقىدۇ. 8
زېمىندىكى خەلق ھېيت كۈنلىرىدە بېكىتىلگەن «ئىبادەت سورۇن»لىرىغا پەرۋەردىگار ئالدىغا كىرگەندە، سەجدە قىلىشقا شىمالىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ جەنۇبىي دەرۋازىدىن كىرگەن كىشى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىدۇ؛ ئۇ كىرگەن دەرۋازىدىن چىقمايدۇ، بەلكى ئۇدۇلىغا مېڭىپ چىقىدۇ. 9
خەلق كىرگەندە شاھزادە ئۇلار بىلەن بىللە كىرىدۇ؛ ئۇلار چىققاندا، بىللە چىقىدۇ. 10
ھېيت-بايراملاردا ۋە «ئىبادەت سورۇن»لىرىدا بولسا، ئۇ قوشۇمچە سۇنغان ئاشلىق ھەدىيەلەر تورپاققا بىر ئەفاھ، قوچقارغا بىر ئەفاھ، پاخلانلارغا بولسا چامىنىڭ يېتىشىچە بولىدۇ؛ ھەربىر ئەفاھ ئۇنغا ئۇ بىر خىن زەيتۇن مېيىنى قوشۇپ سۇنىدۇ. 11
شاھزادە پەرۋەردىگارغا خالىس كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ياكى خالىس ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنماقچى بولسا، ئەمدى شەرققە قارايدىغان دەرۋازا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلىدۇ؛ شابات كۈنىدە قىلغاندەك، ئۇ ئۆز كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ۋە ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ؛ ئۇ قايتىپ چىقىدۇ؛ چىققاندىن كېيىن دەرۋازا ئېتىلىدۇ. 12
ھەر كۈندە سەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە بىر ياشلىق بېجىرىم پاخلاننى سۇنىسەن؛ سەن ھەر ئەتىگىنى تەييارلاپ بېرىسەن. 13
ھەر ئەتىگەندە سەن ئۇنىڭغا قوشۇپ ئاشلىق ھەدىيە، يەنى ئۇندىن ئالتىدىن بىر ئەفاھ ۋە ئۇننى مايلاشقا زەيتۇن مېيىدىن ئۈچتىن بىر ھىن تەييارلايسەن؛ بۇ پەرۋەردىگارغا ئەبەدىي بەلگىلىمە بىلەن بېكىتىلگەن ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. 14
ئۇلار ھەر ئەتىگەندە پاخلاننى، ئۇنىڭ ئاشلىق ھەدىيەسىنى زەيتۇن مېيى بىلەن ئەبەدىي كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنىدۇ. 15
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ شاھزادە ئۆز مىراسىدىن ئوغۇللىرىنىڭ بىرسىگە سوۋغا قىلغان بولسا، ئەمدى ئۇ يەنە ئاشۇ ئوغلىنىڭ ئۆز ئوغۇل-ئەجدادلىرى ئۈچۈن بولىدۇ؛ مىراس يولى بويىچە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىدۇ. 16
بىراق ئۇ ئۆز مىراسىدىن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ بىرىگە سوۋغا بەرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭكى «خالاس قىلىش يىلى»غىچە بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ شاھزادىگە قايتۇرۇلىدۇ؛ [شاھزادىنىڭ مىراسى] ئەسلى ئۆز ئوغۇللىرىغىلا مەنسۇپ بولىدۇ. 17
ۋە شاھزادە خەلققە جەبىر-زۇلۇم سېلىپ، ئۇلارنى مىراسىدىن ھەيدىۋەتمەيدۇ؛ ئۇ ئوغۇللىرىغا ئۆز ئىگىلىكىدىن مىراس تەقسىم قىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم ئۆز ئىگىلىكىدىن تارقىتىلمايدۇ. 18
ئاندىن [ھېلىقى كىشى] مېنى شىمالغا قارايدىغان، كاھىنلار ئۈچۈن بولغان مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى كىرىش يولى بىلەن ئاپاردى؛ مانا، ئۇنىڭ غەرب تەرىپىدە مەخسۇس بىر جاي بار ئىدى؛ 19
ئۇ ماڭا: «بۇ كاھىنلار ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى ۋە گۇناھ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدىغان ھەم ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پىشۇرىدىغان جايدۇر؛ بۇ جاينى بېكىتىشتىكى مەقسەت، خەلقنىڭ بۇ ئاشلارنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بۇ [ئاشلارنى] سىرتقى ھويلىغا ئېلىپ چىقمايدۇ. 20
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپىرىپ، مېنى ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن ئۆتكۈزدى؛ مانا، ھويلىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا [كىچىك] ھويلا بار ئىدى. 21
ھويلىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا، ئۇزۇنلۇقى قىرىق گەز، كەڭلىكى ئوتتۇز گەز بولغان توسما تاملىق ھويلىلار بار ئىدى؛ بۇ تۆت ھويلىنىڭ ئۆلچەملىرى ئوخشاش ئىدى. 22
بۇ تۆت ھويلا ئىچىدە ئەتراپىدا تاش تاختايلىق تەكچە بار ئىدى؛ تەكچە ئاستىدا ھەممە ئەتراپىدا قازان قاينىتىدىغان [ئوت قالايدىغان] جايلىرى بار ئىدى. 23
ئۇ ماڭا: «بۇلار «گۆش قاينىتىش ئۆيلىرى»، مۇشۇ يەرلەردە ئۆينىڭ خىزمىتىدە بولغانلار خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى قاينىتىدۇ» ــ دېدى. 24

< ئەزاكىيال 46 >