< ئەزاكىيال 44 >

ۋە ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ئۇ ئېتىكلىك ئىدى. 1
پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ دەرۋازا ئېتىكلىك تۇرىدۇ؛ ئۇ ئېچىلمايدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن كىرمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئۇنىڭدىن كىرگەن؛ شۇڭا ئۇ ئېتىكلىك قالىدۇ. 2
پەقەت شاھزادە، شاھزادىلىك سۈپىتى بىلەن شۇ دەرۋازىنىڭ [كارىدورىدا] ئولتۇرۇپ پەرۋەردىگار ئالدىدا نان يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇ [دەرۋازنىنىڭ] دالىنىدىن كىرىدۇ ۋە شۇ يولدىن چىقىدۇ، ــ دېدى. 3
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىدىن چىقىرىپ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ مەن كۆردۇم، مانا، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنى تولدۇردى؛ مەن دۈم يىقىلدىم. 4
پەرۋەردىگار ماڭا شۇنداق دېدى: ــ ئىنسان ئوغلى، مېنىڭ ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرى ھەم قانۇنلىرى توغرۇلۇق ئېيتىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزۈڭ بىلەن كۆر، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا؛ ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش يولى ۋە مۇقەددەس جاينىڭ چىقىش يوللىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئېسىڭدە تۇت. 5
ئاندىن ئاسىيلارغا، يەنى ئىسرائىل جەمەتىگە شۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلارغا بولدى بەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى! 6
سىلەر بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن سىرت، ماڭا نان، قۇربانلىق مېيى ۋە قېنىنى سۇنغىنىڭلاردا، سىلەر يات ئادەملەرنى، قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغانلارنى مېنىڭ مۇقەددەس جايىمدا، يەنى مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرۇپ ئۇنى بۇلغاشقا كىرگۈزدۇڭلار؛ ئۇلار ئەھدەمنى بۇزدى. 7
سىلەر مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە مەسئۇلىيەت بىلەن سادىق بولماي، بەلكى مۇقەددەس جايىمدا ئۆزۈڭلارنىڭ ئورنىغا مەسئۇل بولۇشقا [يات ئادەملەرنى] ئىشقا قويدۇڭلار». 8
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئادەملەردىن، يەنى قەلبىدە خەتنە قىلىنمىغان، تېنىدە خەتنە قىلىنمىغان ھەرقانداق يات ئادەمنىڭ مېنىڭ مۇقەددەس جايىمغا كىرىشىگە بولمايدۇ 9
لېكىن ئىسرائىلنىڭ مەندىن ئېزىپ كېتىشى بىلەن، مەندىن يىراقلىشىپ ئازغان، مەبۇدلىرىغا ئىنتىلگەن لاۋىي جەمەتىدىكىلەر ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ؛ 10
ھالبۇكى، ئۇلار يەنىلا مۇقەددەس ئورنۇمدا، ئۆي دەرۋازىلىرىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ۋە ئۆي خىزمىتىدە بولىدىغان خىزمەتكارلار بولىدۇ؛ ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. 11
ئەمما خەلق مەبۇدلىرىغا چوقۇنغاندا، ئۇلار خەلقنىڭ شۇ ئىشلىرىدا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل جەمەتىنى قەبىھلىككە ئېلىپ بارىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، شۇڭا مەن ئۇلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. 12
شۇڭا ئۇلار مەن ئۈچۈن كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە مېنىڭ يېنىمغا يېقىن كەلمەيدۇ، ياكى مېنىڭ مۇقەددەس نەرسىلىرىمگە، «ئەڭ مۇقەددەس» نەرسىلىرىمگە يېقىن كەلمەيدۇ؛ ئۇلار بەلكى ئۆز خىجالىتىنى ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشى كېرەك. 13
بىراق مەن ئۇلارنى ئۆينىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتىگە، ئۇنىڭ بارلىق خىزمىتىگە ۋە ئۇنىڭدا قىلىنىدىغان بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن. 14
بىراق ئىسرائىل مەندىن ئېزىپ كەتكەندە، ئۆز مۇقەددەس جايىمغا قاراشقا سادىق كاھىنلار، يەنى لاۋىيلار بولغان زادوكنىڭ ئەۋلادىلىر ــ ئۇلار خىزمىتىمدە بولۇشقا يېنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار قۇربانلىقىلارنىڭ مېيىنى ۋە قېنىنى سۇنۇشقا مېنىڭ ئالدىمدا تۇرىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 15
ئۇلار مۇقەددەس جايىمغا كىرىدۇ، مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشقا داستىخىنىمغا يېقىن كېلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ تاپشۇرۇقۇمغا مەسئۇل بولىدۇ. 16
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدىن كىرگەندە، كاناپ كىيىمنى كىيىشى كېرەك؛ ئىچكى ھويلا دەرۋازىلىرىدا ياكى مۇقەددەسخانا ئالدىدا خىزمەتتە بولغاندا، ئۇلاردا ھەرقانداق يۇڭدىن بولغان نەرسە بولمايدۇ؛ 17
بېشىغا كاناپتىن تىكىلگەن سەللە، بېلىنىڭ تۆۋىنىگە كاناپتىن تامبال كىيىدۇ؛ ئۇلار ئادەمنى تەرلىتىدىغان ھېچقانداق نەرسىنى كىيمەسلىكى كېرەك. 18
ئۇلار خەلقنىڭ ئالدىغا سىرتقى ھويلىغا چىققاندا، ئۇلار خىزمەت كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، ئۇلارنى مۇقەددەس «كىچىك خانىلار»غا قويۇپ قويىدۇ؛ ئۇلار خەلقنىڭ بۇ كىيىملىرىنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىگە تېگىپ كېتىپ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن باشقا كىيىملەرنى كىيىشى كېرەك. 19
ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەسلىكى، ياكى چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋەتمەسلىكى لازىم؛ ئۇلار پەقەت قىسقا چاچ قويۇشى كېرەك. 20
ئىچكى ھويلىغا كىرگەندە ھېچقايسى كاھىن شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك. 21
ئۇلار تۇل ياكى ئاجراشقان ئايالنى ئۆز ئەمرىگە ئالماسلىقى كېرەك؛ ئۇلار ئىسرائىل نەسلىدىن بولغان پاك قىزنى، ياكى كاھىندىن تۇل قالغان ئايالنى ئېلىشقا بولىدۇ. 22
ئۇلار خەلقىمگە پاك-مۇقەددەس بىلەن ئاددىينىڭ پەرقىنى ئۆگىتىدۇ، ئۇلارغا ھالال بىلەن ھارامنى قانداق پەرق ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. 23
ئەرز-دەۋالاردا ئۇلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا بولىدۇ؛ ئۇلار بۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھۆكۈملىرىم بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ مەن بېكىتكەن بارلىق ھېيت-بايراملىرىم توغرىسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلىشى كېرەك. 24
ئۆزىنى ناپاك قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆلۈكنىڭ يېنىغا ھېچ بارماسلىقى كېرەك؛ ھالبۇكى، ئۆلگەن ئاتىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزى، ئاكا-ئۇكىسى ياكى ئېرى يوق ئاچا-سىڭلىسى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ناپاك قىلىشقا بولىدۇ. 25
ئۆزىنى پاكلاندۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە كۈن سانىلىشى كېرەك؛ 26
ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، يەنى مۇقەددەس جايدا خىزمەتتە بولۇشقا ئىچكى ھويلىغا كىرگەن شۇ كۈنىدە، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقىنى سۇنۇشى كېرەك، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 27
بۇ ئۇلارغا مىراس بولىدۇ: ــ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا مىراس بولىمەن؛ سىلەر ئۇلارغا ئىسرائىل زېمىنىدىن ھېچقانداق ئىگىلىكنى تەقسىم قىلمايسىلەر؛ مەن ئۇلارنىڭ ئىگىلىكى بولىمەن. 28
ئۇلار ئاشلىق ھەدىيە، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىدىن يەيدۇ؛ ئىسرائىلدا مەخسۇس خۇداغا ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئۇلارنىڭكى بولىدۇ. 29
تۇنجى چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېسىلى، بارلىق ۋە ھەرقانداق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەر كاھىنلار ئۈچۈن بولىدۇ. سىلەر [ئارپا-بۇغدىيىڭلارنىڭ] ھوسۇلىنىڭ تۇنجى خېمىرىنى كاھىنغا تەقدىم قىلىشىڭلار كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بەخت-بەرىكەت ئۆيۈڭلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. 30
كاھىنلار ئۆزلۈگىدىن ئۆلگەن، ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھېچقانداق ھايۋان ياكى ئۇچار-قاناتلاردىن يېيىشكە بولمايدۇ. 31

< ئەزاكىيال 44 >