< ئەزاكىيال 40 >

بىزنىڭ سۈرگۈن بولغانلىقىمىزنىڭ يىگىرمە بەشىنچى يىلى، يىلنىڭ بېشىدا، ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، يەنى شەھەر بۆسۈلگەندىن ئون تۆت يىل كېيىن ــ دەل ئاشۇ كۈنىدە پەرۋەردىگارنىڭ قولى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمغا قوندى، ۋە ئۇ مېنى [شەھەرگە] ئاپاردى. 1
हमारी ग़ुलामी के पच्चीसवें बरस के शुरू' में और महीने की दसवीं तारीख़ को, जो शहर की तस्ख़ीर का चौदहवाँ साल था, उसी दिन ख़ुदावन्द का हाथ मुझ पर था, और वह मुझे वहाँ ले गया।
خۇدانىڭ ئالامەت كۆرۈنۈشلىرىدە ئۇ مېنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئاپىرىپ، ئىنتايىن ئېگىز تاغ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى؛ تاغنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە شەھەردەك بىر قۇرۇلۇش تۇراتتى. 2
वह मुझे ख़ुदा की रोयतों में इस्राईल के मुल्क में ले गया और उसने मुझे एक बहुत बुलन्द पहाड़ पर उतारा, और उसी पर दक्खिन की तरफ़ जैसे एक शहर का सा नक़्शा था।
ئۇ مېنى شۇ يەرگە ئاپاردى؛ مانا قولىدا كاناپ تانىسى ۋە ئۆلچەم خادىسىنى تۇتقان، مىسنىڭ كۆرۈنۈشىدە بولغان بىر كىشى؛ ئۇ دەرۋازىدا تۇراتتى. 3
जब वह मुझे वहाँ ले गया तो क्या देखता हूँ कि एक शख़्स है जिसकी झलक पीतल के जैसी है, और वह सन की डोरी और पैमाइश का सरकण्डा हाथ में लिए फाटक पर खड़ा है।
بۇ كىشى ماڭا: «ئىنسان ئوغلى، كۆزلىرىڭ بىلەن كۆرۈپ، قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭنى مەن ساڭا كۆرسىتىدىغان بارلىق ئىشلارغا باغلىغىن؛ چۈنكى بۇنىڭ ساڭا كۆرسىتىلىشى ئۈچۈن سەن مۇشۇ يەرگە ئېلىپ كېلىندىڭ. ئىسرائىل جەمەتىگە بارلىق كۆرگىنىڭنى ئايان قىل». 4
और उस शख़्स ने मुझे कहा, कि 'ऐ आदमज़ाद, अपनी आँखों से देख और कानों से सुन, और जो कुछ मैं तुझे दिखाऊँ उस सब पर ख़ूब ग़ौर कर, क्यूँकि तू इसी लिए यहाँ पहुँचाया गया है कि मैं यह सब कुछ तुझे दिखाऊँ; इसलिए जो कुछ तू देखता है, बनी इस्राईल से बयान कर।
ۋە مانا، ئىبادەتخانىنىڭ ھەممە تەرىپىدە تام بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ قولىدا ئالتە گەزلىك ئۆلچەم خادىسى بار ئىدى؛ شۇ چاغدىكى «بىر گەز» بىر گەز بىر ئالىقانغا توغرا كېلەتتى. ئۇ تامنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، بىر «خادا» چىقتى؛ ئېگىزلىكى بولسا، بىر «خادا» چىقتى. 5
और क्या देखता हूँ कि घर के चारों तरफ़ दीवार है, और उस शख़्स के हाथ में पैमाइश का सरकण्डा है, छ: हाथ लम्बा और हर एक हाथ पूरे हाथ से चार उँगल बड़ा था; इसलिए उसने उस दीवार की चौड़ाई नापी, वह एक सरकण्डा हुई और ऊँचाई एक सरकण्डा।
ئۇ شەرققە قارايدىغان دەرۋازىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پەلەمپەيلىرىگە چىقتى؛ ئۇنىڭ بوسۇغىسىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ئۇ بىر خادا چىقتى. يەنە بىر تەرىپىنىڭ كەڭلىكى بىر خادا چىقتى. 6
तब वह पूरब रूया फाटक पर आया, और उसकी सीढ़ी पर चढ़ा और उस फाटक के आस्ताने को नापा, जो एक सरकण्डा चौड़ा था और दूसरे आस्ताने का 'अर्ज़ भी एक सरकण्डा था।
[دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى] ھەربىر «ئويۇق ئۆي»نىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر خادا، كەڭلىكى بىر خادا ئىدى؛ ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقى بەش گەز ئىدى؛ دەرۋازىنىڭ ئىچىدىكى بوسۇغا، يەنى ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنىڭ ئالدىدىكى بوسۇغىنىڭ [ئىككى تەرىپىنىڭ] ئۇزۇنلۇقى [ئايرىم-ئايرىم] بىر «خادا» چىقتى؛ 7
और हर एक कोठरी एक सरकण्डा लम्बी और एक सरकण्डा चौड़ी थी, और कोठरियों के बीच पाँच पाँच हाथ का फ़ासिला था, और फाटक की डयोढ़ी के पास अन्दर की तरफ़ फाटक का आस्ताना एक सरकण्डा था।
ئۇ دەرۋازىنىڭ ئىچكىرىگە قارايدىغان دەھلىزنى ئۆلچىدى، [ئۇزۇنلۇقى] بىر خادا چىقتى. 8
और उसने फाटक के आँगन अन्दर से एक सरकण्डा नापी।
ئۇ دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، سەككىز گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كېشىكىنىڭ يېنىدىكى تامنىڭ قېلىنلىقى ئىككى گەز چىقتى. مۇشۇ دالان ئىچكىرىگە قارايتتى. 9
तब उसने फाटक के आँगन आठ हाथ नापी, और उसके सुतून दो हाथ और फाटक के आँगन अन्दर की तरफ़ थी।
شەرققە قارىغان دەرۋازىنىڭ ئىچىدە، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن، بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆيلەر بار ئىدى. ئۈچىلىسى ئوخشاش ئۆلچەمدە ئىدى؛ ئۈچ ئۆينىڭ ئىككى يان تېمى ئوخشاش قېلىنلىقتا ئىدى. 10
और पूरब रूया फाटक की कोठरियाँ तीन इधर और तीन उधर थीं, यह तीनों पैमाइश में बराबर थीं, और इधर — उधर के सुतूनों का एक ही नाप था।
ئۇ دەرۋازىنى ئۆلچىدى، كەڭلىكى ئون گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ جەمئىي ئۇزۇنلۇقى ئون ئۈچ گەز ئىدى. 11
और उसने फाटक के दरवाज़े की चौड़ाई दस हाथ और लम्बाई तेरह हाथ नापी।
بۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتىكى بىر توسما تام بار ئىدى، ۋە ئۇ ياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا بىر گەز قېلىنلىقتا بىر توسما تام بار ئىدى؛ ھەرياندىكى ئويۇق ئۆيلەرنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى. 12
और कोठरियों के आगे का हाशिया हाथ भर इधर और हाथ भर उधर था, और कोठरियाँ छ: हाथ इधर और छ: हाथ उधर थीं।
ئۇ دەرۋازىنىڭ جەمئىي كەڭلىكىنى، يەنى بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىدىن] ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئۆگزىسىنىڭ [ئارقا لېۋىغىچە] يىگىرمە بەش گەز چىقتى؛ بۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىلەن ئۇ تەرەپتىكى ئويۇق ئۆينىڭ ئىشىكى بىر-بىرىگە قارىشاتتى. 13
तब उसने फाटक की एक कोठरी की छत से दूसरी की छत तक पच्चीस हाथ चौड़ा नापा दरवाज़े के सामने का दरवाज़ा।
ئۇ ئىچكى ھويلىغا كىرىش ئېغىزىدىكى تۈۋرۈكلەرنى ئۆلچىدى؛ ئۇلارنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش گەز چىقتى؛ دەرۋازا تېمى بۇ ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى ئوراپ تۇرغانىدى. 14
और उसने सुतून साठ हाथ नापे और सहन के सुतून दरवाज़े के चारों तरफ़ थे।
دەرۋازىنىڭ تۈۋىدىن دالاننىڭ ئىچكى ئېغىزىغىچە ئەللىك گەز چىقتى. 15
और मदख़ल के फाटक के सामने से लेकर, अन्दरूनी फाटक के आँगन तक पचास हाथ का फ़ासिला था।
ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇدۇل تېمىدا، شۇنداقلا ئويۇق ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدا، دالاننىڭ يېنىدا ئوخشاشلا روجەكلەر بار ئىدى؛ مۇشۇ روجەكلەر سىرتىغا قاراپ تارىيىپ ماڭغان ئىدى؛ ھەربىر ئارىلىقتىكى تام-تۈۋرۈكلەرگە پالما دەرەخلىرى نەققىشلەنگەنىدى. 16
और कोठरियों में और उनके सुतूनों में फाटक के अन्दर चारों तरफ़ झरोके थे, वैसे ही आँगन के अन्दर भी चारों तरफ़ झरोके थे, और सुतूनों पर खजूर की सूरतें थीं।
ئۇ مېنى سىرتقى ھويلىغا ئاپاردى؛ مانا، كىچىك خانىلار، ۋە سىرتقى ھويلىنى چۆرىدەپ ياسالغان تاش تاختايلىق سۇپا؛ سۇپىنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇز كىچىك خانا سېلىنغان. 17
फिर वह मुझे बाहर के सहन में ले गया, और क्या देखता हूँ कि कमरे हैं और चारों तरफ़ सहन में फ़र्श लगा था, और उस फ़र्श पर तीस कमरे थे।
بۇ تاش تاختايلىق سۇپا ھويلىدىكى دەرۋازىلارغا تۇتاشقان، ئۇنىڭ كەڭلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا باراۋەر ئىدى؛ بۇ «پەس تاش سۇپا» ئىدى. 18
और वह फ़र्श या'नी नीचे का फ़र्श फाटकों के साथ साथ बराबर लगा था।
ئۇ تۆۋەنكى دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدىن ئىچكى ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆلچىدى؛ شەرق ۋە شىمال تەرەپلەرنىڭمۇ يۈز گەز چىقتى. 19
तब उसने उसकी चौड़ाई नीचे के फाटक के सामने से अन्दर के सहन के आगे, पूरब और उत्तर की तरफ़ बाहर बाहर सौ हाथ नापी।
ئاندىن سىرتقى ھويلىغا كىرىدىغان، شىمالغا قارايدىغان دەرۋازىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۆلچىدى. 20
फिर उसने बाहर के सहन के उत्तर रूया फाटक की लम्बाई और चौड़ाई नापी।
ئۇنىڭ بۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي، ئۇ تەرىپىدە ئۈچتىن ئويۇق ئۆي بار ئىدى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرى بىرىنچى دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز. 21
और उसकी कोठरियाँ तीन इस तरफ़ और तीन उस तरफ़ और उसके सुतून और मेहराब पहले फाटक के नाप के मुताबिक़ थे; उसकी लम्बाई पचास हाथ और चौड़ाई पच्चीस हाथ थी।
ئۇنىڭ دېرىزىلىرى، دالانلىرى، پالما دەرەخ نەقىشلىرى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ كىشىلەر ئۇنىڭ يەتتە باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بىلەن چىقاتتى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى. 22
और उसके दरीचे और आँगन और खजूर के दरख़्त पूरब रूया फाटक के नाप के मुताबिक़ थे, और ऊपर जाने के लिए सात ज़ीने थे; उसके आँगन उनके आगे थी।
ئىچكى ھويلىدا شىمال ۋە شەرقتىكى دەرۋازىلارغا ئۇدۇل بىردىن دەرۋازە تۇراتتى؛ ئۇ دەرۋازىدىن دەرۋازىغىچە ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. 23
और अन्दर के सहन का फाटक उत्तर रूया और पूरब रूया फाटकों के सामने था, और उसने फाटक से फाटक तक सौ हाथ नापा।
ئۇ مېنى جەنۇب تەرەپكە ئاپاردى؛ مانا، جەنۇبقىمۇ قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرى، دالانلىرىنى ئۆلچىدى، ئۇلار باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 24
और वह मुझे दक्खिन की राह से ले गया, और क्या देखता हूँ कि दक्खिन की तरफ़ एक फाटक है, और उसने उसके सुतूनों को और उसके आँगन को इन्हीं नापों के मुताबिक़ नापा।
دەرۋازىنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپىدىكى دېرىزىلەر باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 25
और उसमें और उसके आँगन में चारों तरफ़ उन दरीचों की तरह दरीचे थे; लम्बाई पचास हाथ, चौड़ाई पच्चीस हाथ।
ئۇنىڭغا چىقىدىغان يەتتە باسقۇچ بار ئىدى؛ ئۇنىڭ دالىنى ئىچكىرىگە قارايتتى؛ ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىدە پالما دەرىخىنىڭ نەقىشى بار ئىدى، ئۇ تەرەپتە بىرى، بۇ تەرەپتە بىرى بار ئىدى. 26
और उसके ऊपर जाने के लिए सात ज़ीने थे, और उसके आँगन उनके आगे थी और सुतूनों पर खजूर की सूरते थीं, एक इस तरफ़ और एक उस तरफ़।
ئىچكى ھويلىغا كىرىدىغان، جەنۇبقا قارايدىغان بىر دەرۋازا بار ئىدى؛ ئۇ جەنۇبىي تەرەپتە دەرۋازىدىن دەرۋازىغا ئۆلچىدى، يۈز گەز چىقتى. 27
और दक्खिन की तरफ़ अन्दरूनी सहन का फाटक था, और उसने दक्खिन की तरफ़ फाटक से फाटक तक सौ हाथ नापा।
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىغا جەنۇبىي دەرۋازىدىن ئەكىردى؛ ۋە جەنۇبىي دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقا دەرۋازىلەرنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى. 28
और वह दक्खिनी फाटक की रास्ते से मुझे अन्दरूनी सहन में लाया, और इन्हीं नापों के मुताबिक़ उसने दक्खिनी फाटक को नापा।
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 29
और उसकी कोठरियों और उसके सुतूनों और उसके आँगन को इन्हीं नापों के मुताबिक पाया और उसमें और उसके आँगन में चारों तरफ़ दरीचे थे; लम्बाई पचास हाथ और चौड़ाई पच्चीस हाथ थी।
ئەتراپىدا ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز ئەتراپىدا دالىنى بار ئىدى. 30
और आँगन चारों तरफ़ पच्चीस हाथ लम्बी और पाँच हाथ चौड़ी थी।
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 31
उसकी आँगन बैरूनी सहन की तरफ़ थी और उसके सुतूनों पर खजूर की सूरतें थीं और ऊपर जाने के लिए आठ ज़ीने थे।
ئۇ مېنى ئىچكى ھويلىدا شەرق تەرەپكە ئاپاردى؛ ئۇ تەرەپتىكى دەرۋازىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 32
और वह मुझे पूरब की तरफ़ अन्दरूनी सहन में लाया और इन्हीं नापों के मुताबिक़ फाटक को पाया।
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالىنىنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش ئىدى؛ ئۇنىڭ ۋە دالىنىنىڭ ئەتراپلىرىدا دېرىزىلەر بار ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 33
और उसकी कोठरियों और सुतूनों और आँगन को इन्हीं नापों के मुताबिक़ पाया, और उसमें और उसके आँगन में चारों तरफ़ दरीचे थे; लम्बाई पचास हाथ चौड़ाई पच्चीस हाथ थी।
ئۇنىڭ دالىنى بولسا سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىنىڭ] ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدىكى تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 34
और उसका आँगन बैरूनी सहन की तरफ़ था और उसके सुतूनों पर इधर — उधर खजूर की सूरतें थीं, और ऊपर जाने के लिए आठ ज़ीने थे।
ئۇ مېنى شىمالىي دەرۋازىغا ئاپاردى، ۋە ئۇنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى باشقىلىرىغا ئوخشاش ئىدى. 35
और वह मुझे उत्तरी फाटक की तरफ़ ले गया और इन्हीं नापों के मुताबिक़ उसे पाया।
ئۇنىڭ ئويۇق ئۆيلىرى، ئارىلىق تاملىرى، دالانلىرى [باشقىلىرىغا] ئوخشاش ئىدى؛ ئەتراپىدا دېرىزىلەر بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز، ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە بەش گەز ئىدى. 36
उसकी कोठरियों और उसके सुतूनों और उसके आँगन को जिनमें चारों तरफ़ दरीचे थे, लम्बाई पचास हाथ चौड़ाई पच्चीस हाथ थी।
ئۇنىڭ دالىنىدىكى تۈۋرۈكلەر سىرتقى ھويلىغا قارايتتى؛ ئۇنىڭ [كىرىش ئېغىزىدىكى] ئىككى يان تۈۋرۈكىدە پالما دەرەخلەرنىڭ نەقىشى بار ئىدى؛ ئۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ سەككىز باسقۇچلۇق پەلەمپىيى بار ئىدى. 37
और उसके सुतून बैरूनी सहन की तरफ़ थे, और उसके सुतूनों पर इधर उधर खजूर की सूरतें थीं और ऊपर जाने के लिए आठ जीने थे।
ھەربىر دەرۋازا [ئىككى] تۈۋرۈكىنىڭ يېنىدا ئىشىكلىك كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ ئۇلار شۇ ئۆيلەردە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى يۇياتتى. 38
और फाटकों के सुतूनों के पास दरवाज़ेदार हुजरा था, जहाँ सोख़्तनी कु़र्बानियाँ धोते थे।
دەرۋازىنىڭ دالىنىدا ئۇياندا ئىككىدىن شىرە، بۇياندا ئىككىدىن شىرە بار ئىدى؛ ئۇلار شىرەلەرنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، گۇناھ قۇربانلىقى ۋە ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقلىرىنى سويىدۇ. 39
और फाटक के आँगन में दो मेज़े इस तरफ़ और दो उस तरफ़ थीं, कि उन पर सोख़्तनी क़ुर्बानी और ख़ता की क़ुर्बानी और जुर्म की क़ुर्बानी ज़बह करें।
شىمالىي دەرۋازىنىڭ دالىنىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەلەمپەينىڭ بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى؛ دالاننىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يەنە بىر يېنىدا ئىككى شىرە بار ئىدى. 40
और बाहर की तरफ़ उत्तरी फाटक के मदख़ल के पास दो मेज़ें थीं, और फाटक की डयोढ़ी की दूसरी तरफ़ दो मेजें।
شۇنىڭدەك دەرۋازىنىڭ ئۇ يېنىدا تۆت شىرە، بۇ يېنىدا تۆت شىرە بار ئىدى ــ جەمئىي سەككىز جوزا بار ئىدى؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدە قۇربانلىقلارنى سويىدۇ. 41
फाटक के पास चार मेज़ें इस तरफ़ और चार उस तरफ़ थीं, या'नी आठ मेज़े जिन पर ज़बह करें।
يەنە تاشتىن يونۇپ ياسالغان، ئۇزۇنلۇقى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر گەز كېلىدىغان تۆت شىرە بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سويىدىغان قورال-ئەسۋابلار قويۇلىدۇ. 42
सोख़्तनी क़ुर्बानी के लिए तराशे हुए पत्थरों की चार मेजें थीं, जो डेढ़ हाथ लम्बी और डेढ़ हाथ चौड़ी और एक हाथ ऊँची थीं, जिन पर वह सोख़्तनी क़ुर्बानी और ज़बीहे को ज़बह करने के हथियार रखते थे।
دەرۋازا ئىچىدە، تاملىرى ئۈستىگە بىر ئالىقان ئۇزۇنلۇقتىكى جۈپ ئىلمەكلىك كانارلار بېكىتىلگەن. شىرەلەر ئۈستىگە قۇربانلىق گۆشلىرى قويۇلىدۇ. 43
और उसके अन्दर चारों तरफ़ चार उंगल लम्बी अंकड़ियाँ लगी थीं और क़ुर्बानी का गोश्त मेज़ों पर था।
ئىچكى ھويلا ئىچىدە ۋە ئىچكى دەرۋازىنىڭ سىرتىدا مەدھىيە ناخشىچىلىرى ئۈچۈن ئىككى كىچىك ئۆي بار ئىدى؛ بىرى شىمالىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، جەنۇبقا يۈزلەنگەن؛ يەنە بىرى جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ يېنىدا، شىمالغا يۈزلەنگەنىدى. 44
और अन्दरूनी फाटक से बाहर अन्दरूनी सहन में जो उत्तरी फाटक की जानिब था, गाने वालों के कमरे थे और उनका रुख़ दक्खिन की तरफ़ था, और एक पूरबी फाटक की जानिब था जिसका रुख़ उत्तर की तरफ़ था।
ئۇ ماڭا: «جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى ئىبادەتخانىغا مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. 45
और उसने मुझ से कहा, कि “यह कमरा जिसका रुख़ दक्खिन की तरफ़ है, उन काहिनों के लिए है जो घर की निगहबानी करते हैं;
جەنۇبقا يۈزلەنگەن ئۆي كاھىنلار، يەنى قۇربانگاھ ۋەزىپىسىگە مەسئۇللار ئۈچۈندۇر. بۇلار بولسا زادوكنىڭ جەمەتىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتلىرى؛ شۇلارلا لاۋىي جەمەتىدىلەر ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا خىزمىتىدە بولۇشقا كىرەلەيدۇ» ــ دېدى. 46
और वह कमरा जिसका रुख़ उत्तर की तरफ़ है, उन काहिनों के लिए है जो मज़बह की मुहाफ़िज़त में हाज़िर हैं; यह बनी सदूक़ हैं जो बनी लावी में से ख़ुदावन्द के सामने आते हैं कि उसकी ख़िदमत करें।”
ئۇ ھويلىنى ئۆلچىدى؛ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز، كەڭلىكى يۈز گەز، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ قۇربانگاھ بولسا مۇقەددەسخانا ئالدىدا تۇراتتى. 47
और उसने सहन को सौ हाथ लम्बा और सौ हाथ चौड़ा मुरब्बा नापा और मज़बह घर के सामने था।
ئۇ مېنى مۇقەددەسخانىنىڭ دالىنىغا ئاپاردى؛ ئۇ دالان ئېغىزىنىڭ ئىككى يېنىدىكى تاملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى؛ بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز، يەنە بىر تەرەپتىكىسى بەش گەز چىقتى؛ دالان ئېغىزىنىڭ [ئۆزى ئون تۆت گەز ئىدى]؛ دالان ئېغىزىدىكى تامنىڭ [ئىچكى تەرىپىنىڭ] كەڭلىكى بۇ تەرىپى ئۈچ گەز، ئۇ تەرىپى ئۈچ گەز ئىدى. 48
फिर वह मुझे घर के आँगन में लाया और आँगन को नापा; पाँच हाथ इधर पाँच हाथ उधर और फाटक की चौड़ाई तीन हाथ इस तरफ़ थी और तीन हाथ उस तरफ़।
دالاننىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز، ئۇزۇنلۇقى ئون بىر گەز ئىدى؛ ئۇنىڭغا چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى؛ تۈۋرۈكىمۇ بار ئىدى، ئۇ يېنىدا بىرى، بۇ يېنىدا بىرى بار ئىدى. 49
आँगन की लम्बाई बीस हाथ और चौड़ाई ग्यारह हाथ की और सीढ़ी के ज़ीने जिनसे उस पर चढ़ते थे और सुतूनों के पास पील पाए थे, एक इस तरफ़ और एक उस तरफ़।

< ئەزاكىيال 40 >