< ئەزاكىيال 39 >

«ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، گوگنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى گوگ، ــ روش، مەشەك ۋە تۇبالنىڭ ئەمىرى، مەن ساڭا قارشىمەن؛ 1
مەن سېنى ئارقىڭغا ياندۇرۇپ، يېتكىلەپ، سېنى شىمالنىڭ ئەڭ قەرىدىن چىقىرىمەن، ئىسرائىلنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە تاجاۋۇز قىلدۇرىمەن؛ 2
مەن ئوقيايىڭنى سول قولۇڭدىن ئۇرۇپ تاشلىغۇزىۋېتىمەن، ئوقلىرىڭنى ئوڭ قولۇڭدىن چۈشۈرىۋېتىمەن؛ 3
سەن ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىسەن؛ سەن ۋە سېنىڭ بارلىق قوشۇنلىرىڭ، ساڭا ھەمراھ بولغان ئەللەر يىقىلىسىلەر؛ مەن سېنى بارلىق يىرتقۇچ ئۇچار-قاناتلارغا گۆش، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوۋ بولۇشقا تەقدىم قىلدىم. 4
سەن دالادا يىقىلىسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 5
مەن ماگوگ ئۈستىگە ۋە دېڭىز بويىدا ئامان-ئېسەن تۇرغانلارغا ئوت ياغدۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 6
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى خەلقىم ئىسرائىل ئارىسىدا تونۇتىمەن؛ پاك-مۇقەددەس نامىمنىڭ قايتىدىن بۇلغىنىشقا قەتئىي يول قويمايمەن؛ ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئىسرائىلدا تۇرغان مۇقەددەس بولغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 7
مانا، ئۇ كېلىدۇ! بۇ ئىشلار چوقۇم بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بۇ دەل مەن ئېيتقان كۈنىدۇر. 8
ئىسرائىل شەھەرلىرىدە تۇرۇۋاتقانلار چىقىپ قوراللارنى، جۈملىدىن سىپار-قالقانلار، ئوقيالار، توقماقلار ۋە نەيزىلەرنى كۆيدۈرۈپ ئوت قالايدۇ ــ ئۇلار بۇلار بىلەن يەتتە يىل ئوت قالايدۇ. 9
دالادىن ھېچ ئوتۇن ئېلىنمايدۇ، ئورمانلاردىن ھېچ ياغاچ كېسىلمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار قوراللارنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىدىن ئولجا تۇتقانلارنى ئولجا تۇتىدۇ، ئۆزلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 10
ۋە شۇ كۈنىدە شۇنداق بولىدۇكى، ئىسرائىل زېمىنىدىن، يەنى دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ جىلغىسىدىن گوگقا بىر يەرلىك بولۇشى ئۈچۈن بىر ئورۇننى بېرىمەن؛ بۇ يەرلىك بولسا ئۆتكۈچىلەرنىڭ يولىنى توسىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە گوگ ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىنى كۆمىدۇ؛ ئۇ «ھامون-گوگ جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. 11
ئىسرائىل جەمەتى زېمىنىنى ھالال قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى يەتتە ئاي كۆمىدۇ؛ 12
زېمىندىكى بارلىق خەلق ئۇلارنى يەرلىككە قويىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم ئۇلۇغلانغان مۇشۇ كۈنىدە بۇ ئىش ئۇلارغا شەرەپ بولىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 13
ئۇلار بىرنەچچە ئادەمنى زېمىننى داۋاملىق ئارىلاپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ زېمىن يۈزىدە قالغان جەسەتلىرىنى كۆمۈشتەك ئالاھىدە ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ئايرىيدۇ؛ ئۇلار شۇ يەتتە ئاي تۈگىگەندە، ئاندىن جەسەتلەرنى ئىزدەش خىزمىتىنى باشلايدۇ. 14
بۇ «زېمىندىن ئۆتكۈچىلەر» ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛ ئەگەر بىرسى ئادەمنىڭ ئۇستىخىنىنى كۆرگەن بولسا، ئۇ ئۇنىڭ يېنىغا بىر بەلگە تىكلەيدۇ؛ «ئىزدەپ كۆمگۈچىلەر» ئۇنى ھامون-گوگ جىلغىسىغا دەپنە قىلغۇچە بەلگە تۇرىدۇ 15
([جىلغىدا] «ھاموناھ» دەپ ئاتالغان بىر شەھەر بولىدۇ). ئۇلار شۇ يول بىلەن زېمىننى پاكلايدۇ». 16
ــ «ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار، دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا مۇنداق دېگىن: «يىغىلىشىپ كېلىڭلار، مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمغا، يەنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە قىلىنغان چوڭ قۇربانلىققا ھەرياندىن جەم بولۇڭلار! سىلەر شۇ يەردە گۆش يەپ، قان ئىچىسىلەر. 17
سىلەر باتۇرلارنىڭ گۆشىنى، يەر يۈزىدىكى شاھزادىلارنىڭ قېنىنى ــ قوچقارلارنىڭ، ئۆچكىلەرنىڭ، تورپاقلارنىڭ قېنىنى ئىچىسىلەر ــ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشاندىكى بوردالغان ماللاردۇر! 18
سىلەر مەن سىلەرگە قىلماقچى بولغان قۇربانلىقىمدىن، تويغۇچە ماي يەپ، تويغۇچە قان ئىچىسىلەر! 19
سىلەر داستىخىنىمدا ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىسىدىكىلەر، باتۇرلار، بارلىق جەڭچى پالۋانلار بىلەن تويۇنىسىلەر» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 20
ــ ۋە مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئەللەر ئارىسىغا كۆرسىتىمەن، بارلىق ئەللەر مېنىڭ يۈرگۈزگەن جازالىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قويغان قولۇمنى كۆرىدۇ. 21
ۋە شۇ كۈندىن تارتىپ ئىسرائىل جەمەتى مېنىڭ پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 22
ئەللەر ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قەبىھلىكى، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن سۈرگۈن بولغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مانا، مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىلىچلىنىپ يىقىلدى. 23
ئۇلارنىڭ پاسكىنىچىلىقى ۋە ئاسىيلىقلىرى بويىچە مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدىم، يۈزۈمنى ئۇلاردىن يوشۇردۇم». 24
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ھازىر ياقۇپنى سۈرگۈن بولغانلىقىدىن ئەسلىگە قايتۇرۇپ، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە رەھىم قىلىپ، ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن ئوتلۇق قىزغىنلىقىمنى كۆرسىتىمەن. 25
ئۆز زېمىنىدا ئامان-ئېسەن تۇرغىنىدا، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدىغان چاغ كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئەللەردىن قايتۇرۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنلىرىدىن يىغقىنىمدا، ۋە كۆپ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسەتكىنىمدە، شۇ چاغدا ئۇلار خىجالىتىنى ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ قىلغان ئاسىيلىقىنىڭ بارلىق گۇناھىنى كۆتۈرىدۇ؛ 26
27
ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا سۈرگۈن قىلدۇرغانلىقىم تۈپەيلىدىن، ۋە ئاندىن ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنى شۇ يەردە قالدۇرماي ئۆز زېمىنىغا يىغقانلىقىم تۈپەيلىدىن، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ 28
ۋە مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن قايتا ھېچ يوشۇرمايمەن؛ چۈنكى مەن ئىسرائىل جەمەتى ئۈستىگە ئۆز روھىمنى قۇيغان بولىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 29

< ئەزاكىيال 39 >