< ئەزاكىيال 37 >

پەرۋەردىگارنىڭ قولى ۋۇجۇدۇمغا قوندى؛ پەرۋەردىگار مېنى روھى بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تۇرغۇزدى؛ ئۇ يەر سۆڭەكلەرگە تولدى. 1
ئۇ مېنى سۆڭەكلەر ئەتراپىدىن ئۇياق-بۇياققا ئۆتكۈزدى؛ مانا، بۇ ئوچۇق جىلغىدا [سۆڭەكلەر] ئىنتايىن نۇرغۇن ئىدى؛ ۋە مانا، ئۇلار ئىنتايىن قۇرۇپ كەتكەنىدى. 2
ئۇ مەندىن: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر قايتىدىن ياشنامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. مەن: ــ ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن بىلىسەن، ــ دېدىم. 3
ئۇ ماڭا: ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر ئۈستىگە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «ئى قۇرۇق سۆڭەكلەر، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 4
رەب پەرۋەردىگار بۇ سۆڭەكلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سىلەرگە بىر روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن، ۋە سىلەر ھايات بولىسىلەر. 5
مەن ئۈستۈڭلەرگە پەي-سىڭىرلەرنى سالىمەن، سىلەرنى تېرە بىلەن ياپىمەن، سىلەرگە روھ-نەپەس كىرگۈزىمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر». 6
شۇڭا مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە بېشارەت بەردىم؛ مەن بېشارەت بېرىشىمگە، بىر شاۋقۇن كۆتۈرۈلدى، مانا جالاق-جۇلاق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، سۆڭەكلەر جىپسىلىشىپ، بىر-بىرىگە قوشۇلدى. 7
مەن كۆردۇم، مانا، پەي-سىڭىرلەر ۋە ئەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كېلىپ ئۇلارنى قاپلىدى؛ بىراق ئۇلاردا ھېچ روھ-نەپەس بولمىدى. 8
ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، روھ-نەپەسكە بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: تۆت تەرەپتىن شامال كەلگەيسىلەر، ئى روھ-نەپەس، ۋە مۇشۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر تىرىلسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈۋلەڭلەر» ــ دېدى. 9
شۇڭا مەن بۇيرۇلغاندەك بېشارەت بېرىۋىدىم، روھ-نەپەس ئۇلارغا كىردى-دە، ئۇلار ھايات بولۇپ تىك تۇردى ــ بۈيۈك بىر قوشۇنغا ئايلاندى. 10
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ سۆڭەكلەر بولسا ئىسرائىلنىڭ پۈتۈن جەمەتىدۇر. مانا، ئۇلار: «بىزنىڭ سۆڭەكلىرىمىز قۇرۇپ كەتتى، ئۈمىدىمىز ئۈزۈلدى؛ بىز تۈگەشتۇق!» ــ دەيدۇ. 11
شۇڭا بېشارەت بېرىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن گۆرۈڭلەرنى ئېچىپ، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقىرىمەن، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەرنى ئىسرائىل زېمىنىغا ئېلىپ كىرىمەن؛ 12
مەن گۆرۈڭلەرنى ئاچقىنىمدا، سىلەرنى گۆرۈڭلەردىن چىقارغىنىمدا، ئى مېنىڭ خەلقىم، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 13
ۋە مەن ئۆز روھىمنى سىلەرگە كىرگۈزىمەن، سىلەر ھايات بولىسىلەر؛ ۋە مەن سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزىمەن؛ سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنى شۇنداق سۆزنى قىلىپ، شۇنى ئادا قىلدى، دەپ بىلىپ يېتىسىلەر». 14
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 15
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان ئىسرائىللار ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ يەنە بىر تاياقنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئەفرائىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر ئۈچۈن» دەپ يازغىن؛ 16
ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قوي؛ ئۇلار قولۇڭدا بىر بولسۇن. 17
خەلقىمدىكىلەر سەندىن: «بۇ ئىشلار بىلەن نېمىنى چۈشەندۈرمەكچى بىزگە دەپ بەرمەمسەن؟» دەپ سورىسا، 18
ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئەفرائىمنىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ قولى تۇتقان يۈسۈپنىڭ تايىقىنى ئېلىپ، ئۇنى يەھۇدانىڭ تايىقىغا قوشۇپ ئۇلاپ، ئۇلارنى بىرلا تاياق قىلىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ قولۇمدا بىر تاياق بولىدۇ. 19
سەن يازغان تاياقلارنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا قولۇڭدا تۇتۇپ ئۇلارغا شۇنداق دېگىن: ــ 20
«رەب پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ئىسرائىل بالىلىرىنى بارغان ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى ھەرياندىن يىغىپ ئۆز زېمىنىغا ئېپكېلىمەن. 21
مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە بىر ئەل قىلىمەن؛ بىر پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلار قايتىدىن ئىككى ئەل بولمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئىككى پادىشاھلىققا ھېچ بۆلۈنمەيدۇ. 22
ئۇلار ئۆزلىرىنى قايتىدىن ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى، لەنەتلىك ئىشلىرى ياكى ئاسىيلىقلىرىنىڭ ھېچقايىسىسى بىلەن ھېچ بۇلغىمايدۇ؛ مەن ئۇلارنى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئولتۇراقلاشقان جايلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى پاكلاندۇرىمەن؛ ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 23
ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارغا پادىشاھ بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرلا پادىچىسى بولىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. 24
ئۇلار مېنىڭ قۇلۇم ياقۇپقا تەقدىم قىلغان، ئاتا-بوۋىلىرىڭلار تۇرۇپ كەلگەن زېمىندا تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنىڭدا تۇرىدۇ ــ ئۇلار، ئۇلارنىڭ بالىلىرى، ۋە بالىلارنىڭ بالىلىرى مەڭگۈ تۇرىدۇ ــ مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلارنىڭ شاھزادىسى بولىدۇ. 25
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ بۇ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنى جايىدا ماكانلاشتۇرۇپ ئاۋۇتىمەن؛ ۋە مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى ئۇلار ئارىسىغا مەڭگۈگە تىكلەيمەن. 26
مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم ئۇلاردا بولىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ. 27
مېنىڭ پاك-مۇقەددەس جايىم ئۇلار ئارىسىدا مەڭگۈگە تىكلەنگەندە، ئەمدى ئەللەر ئۆزۈم پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى پاك-مۇقەددەس قىلغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ». 28

< ئەزاكىيال 37 >