< ئەزاكىيال 36 >

ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل تاغلىرىغا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئىسرائىل تاغلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 1
И ты, сын человеческий, изреки пророчество на горы Израилевы и скажи: горы Израилевы! слушайте слово Господне.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ دۈشمەننىڭ سىلەرگە قاراپ: «ۋاھ! مەڭگۈ يۇقىرى جايلار بىزگە تەئەللۇق بولدى!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 2
Так говорит Господь Бог: так как враг говорит о вас: “а! а! и вечные высоты достались нам в удел”,
شۇڭا بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بەرھەق، چۈنكى ئۇلار سىلەرنى ۋەيرانە قىلىپ، ئەللەردىن قالغانلىرىغا تەۋە قىلىشقا ھەرياندىن سىلەرنى ئەزگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ۋە سىلەر ئەللەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك ۋە تۆھمەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن، 3
то изреки пророчество и скажи: так говорит Господь Бог: за то, именно за то, что опустошают вас и поглощают вас со всех сторон, чтобы вы сделались достоянием прочих народов и подверглись злоречию и пересудам людей, -
ئەمدى شۇڭا، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، رەب پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ رەب پەرۋەردىگار ئەللەردىن قالغانلىرىغا ئولجا ھەم مازاق ئوبيېكتى بولۇپ قالغان تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا، ۋەيران بولغان خارابىلەر ۋە تاشلىۋېتىلگەن شەھەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ 4
за это, горы Израилевы, выслушайте слово Господа Бога: так говорит Господь Бог горам и холмам, лощинам и долинам, и опустелым развалинам, и оставленным городам, которые сделались добычею и посмеянием прочим окрестным народам;
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خۇشال بولۇشۇپ قەلبىدىكى پۈتۈن ئۆچمەنلىكى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى ئۆزلىرىگە تەئەللۇق بولۇشقا بېكىتىپ، ئۇنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋالايلى دېگەن ئەللەردىن قالغانلىرىغا ۋە ئېدومدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەرھەق، مەن [ئۆز خەلقىمگە] بولغان قىزغىنلىقىمدىن چىققان ئاچچىق ئوتىدا سۆز قىلدىم: ــ 5
за это так говорит Господь Бог: в огне ревности Моей Я изрек слово на прочие народы и на всю Идумею, которые назначили землю Мою во владение себе, с сердечною радостью и с презрением в душе обрекая ее в добычу себе.
ئىسرائىل زېمىنى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ، تاغلار، ئېگىزلىكلەر، جىرالار ۋە جىلغىلارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز [خەلقىمگە بولغان] قىزغىنلىقىمدىن قەھرىم بىلەن سۆز قىلدىم ــ چۈنكى سىلەر ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى يېگەنسىلەر. 6
Посему изреки пророчество о земле Израилевой и скажи горам и холмам, лощинам и долинам: так говорит Господь Бог: вот, Я изрек сие в ревности Моей и в ярости Моей, потому что вы несете на себе посмеяние от народов.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ شۇنداق قەسەم ئىچكەنكى، بەرھەق، ئەتراپىڭلاردىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئۆزى ئىشىتىدۇ. 7
Посему так говорит Господь Бог: Я поднял руку Мою с клятвою, что народы, которые вокруг вас, сами понесут срам свой.
لېكىن سىلەر، ئى ئىسرائىل تاغلىرى، شاخلىنىسىلەر، خەلقىم ئىسرائىلغا مېۋە بېرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ. 8
А вы, горы Израилевы, распустите ветви ваши и будете приносить плоды ваши народу Моему Израилю; ибо они скоро придут.
چۈنكى مانا، مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىدۇرمەن؛ مەن سىلەرگە قارايمەن، سىلەر يۇمشىتىلىسىلەر ھەم تېرىلىسىلەر. 9
Ибо вот, Я к вам обращусь, и вы будете возделываемы и засеваемы.
ۋە مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەملەرنى، يەنى ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى كۆپەيتىمەن؛ شەھەرلەر ئاھالىلىك بولىدۇ، خارابىلەر قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. 10
И поселю на вас множество людей, весь дом Израилев, весь, и заселены будут города и застроены развалины.
مەن ئۈستۈڭلەردە ئادەم ھەم ھايۋانلارنى كۆپەيتىمەن، ئۇلار ئاۋۇپ نەسىل كۆرىدۇ؛ مەن ئۆتكەن زامانلاردىكىدەك سىلەرنى ئولتۇراقلىق قىلىمەن؛ بەرھەق، ھالىڭلارنى ئەسلىدىكىدىن ئەۋزەل قىلىمەن؛ سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 11
И умножу на вас людей и скот, и они будут плодиться и размножаться, и заселю вас, как было в прежние времена ваши, и буду благотворить вам больше, нежели в прежние времена ваши, и узнаете, что Я Господь.
مەن ئۈستۈڭلەرگە ئادەملەرنى، يەنى خەلقىم ئىسرائىلنى ماڭدۇرىمەن؛ ئۇلار سىلەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ مىراسى بولىسىلەر؛ سىلەر يەنە ئۇلارنى بالىلىرىدىن جۇدا قىلمايسىلەر. 12
И приведу на вас людей, народ Мой, Израиля, и они будут владеть тобою, земля! и ты будешь наследием их и не будешь более делать их бездетными.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلەرگە: «سىلەر ئادەملەرنى يەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلاردىن جۇدا قىلغانسىلەر!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 13
Так говорит Господь Бог: за то, что говорят о вас: “ты - земля, поедающая людей и делающая народ твой бездетным”
ئەمدى سىلەر يەنە ئادەملەرنى يېمەيسىلەر، ئۆز ئېلىڭلارنى بالىلىرىدىن يەنە جۇدا قىلمايسىلەر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 14
за то уже не будешь поедать людей и народа твоего не будешь вперед делать бездетным, говорит Господь Бог.
ــ مەن سىلەرگە يەنە ئەللەرنىڭ مازاق-ئاھانەتلىرىنى ئاڭلاتقۇزمايمەن؛ سىلەر ئەللەرنىڭ تاپا-تەنىسىنى يەنە كۆتۈرمەيسىلەر، سىلەر ئۆز ئېلىڭلارنى قايتىدىن يىقىتمايسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 15
И не будешь более слышать посмеяния от народов, и поругания от племен не понесешь уже на себе, и народа твоего вперед не будешь делать бездетным, говорит Господь Бог.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 16
И было ко мне слово Господне:
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى ئۆز زېمىنىدا تۇرغان چاغلاردا، ئۇلار ئۆز يولى ھەم قىلمىشلىرى بىلەن ئۇنى بۇلغىغان؛ مېنىڭ ئالدىمدا ئۇلارنىڭ يولى ئاي كۆرگەن ئايالنىڭ ناپاكلىقىغا ئوخشاش. 17
сын человеческий! когда дом Израилев жил на земле своей, он осквернял ее поведением своим и делами своими; путь их пред лицом Моим был как нечистота женщины во время очищения ее.
شۇڭا زېمىنغا تۆككەن قان ئۈچۈن، زېمىننى مەبۇدلىرى بىلەن بۇلغىغانلىقى ئۈچۈن، مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكتۇم؛ 18
И Я излил на них гнев Мой за кровь, которую они проливали на этой земле, и за то, что они оскверняли ее идолами своими.
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتتىم، ئۇلار مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىلىپ كەتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ يوللىرى ھەم قىلمىشلىرى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقاردىم. 19
И Я рассеял их по народам, и они развеяны по землям; Я судил их по путям их и по делам их.
ئۇلار بارىدىغان ھەرقايسى ئەللەرگە كەلگەندە، ئۇلار توغرىسىدا: «بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ زېمىنىدىن چىققان!» ــ دېيىلگەندە، ئۇلار يەنىلا مېنىڭ پاك-مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىغان؛ 20
И пришли они к народам, куда пошли, и обесславили святое имя Мое, потому что о них говорят: “они - народ Господа, и вышли из земли Его”.
بىراق مەن ئىسرائىل جەمەتى بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلدۈم. 21
И пожалел Я святое имя Мое, которое обесславил дом Израилев у народов, куда пришел.
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن بۇ ئىشنى سىلەرنى دەپ ئەمەس، ئى ئىسرائىل جەمەتى، بەلكى سىلەر بارغان ھەرقايسى ئەللەر ئارىسىدا سىلەر بۇلغىغان ئۆز پاك-مۇقەددەس نامىم ئۈچۈن قىلىمەن. 22
Посему скажи дому Израилеву: так говорит Господь Бог: не для вас Я сделаю это, дом Израилев, а ради святого имени Моего, которое вы обесславили у народов, куда пришли.
مەن ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانغان، ئۆزۈمنىڭ بۈيۈك نامىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ كۆرسىتىمەن؛ نامىمنى دەل سىلەر ئۇلار ئارىسىدا بۇلغىغان؛ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەن ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا پاك-مۇقەددەس كۆرسەتكىنىمدە، ئەللەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 23
И освящу великое имя Мое, бесславимое у народов, среди которых вы обесславили его, и узнают народы, что Я Господь, говорит Господь Бог, когда явлю на вас святость Мою перед глазами их.
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن ئېلىپ، مەملىكەتلەر ئىچىدىن يىغىپ، سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا قايتۇرىمەن. 24
И возьму вас из народов, и соберу вас из всех стран, и приведу вас в землю вашу.
ــ مەن سۈپسۈزۈك سۇنى ئۈستۈڭلارغا چاچىمەن، بۇنىڭ بىلەن سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى ھەممە پاسكىنىلىقىڭلاردىن ۋە بۇتلىرىڭلاردىن پاكلايمەن. 25
И окроплю вас чистою водою, и вы очиститесь от всех скверн ваших, и от всех идолов ваших очищу вас.
مەن سىلەرگە يېڭى قەلب بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھ سالىمەن؛ تېنىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، مېھرلىك بىر قەلبنى ئاتا قىلىمەن. 26
И дам вам сердце новое, и дух новый дам вам; и возьму из плоти вашей сердце каменное, и дам вам сердце плотяное.
مېنىڭ روھىمنى ئىچىڭلارغا كىرگۈزۈپ، سىلەرنى ئەمر-پەرمانلىرىم بويىچە ماڭغۇزىمەن، ھۆكۈملىرىمنى تۇتقۇزىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلىسىلەر؛ 27
Вложу внутрь вас дух Мой и сделаю то, что вы будете ходить в заповедях Моих и уставы Мои будете соблюдать и выполнять.
سىلەر مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان زېمىندا ياشايسىلەر؛ مېنىڭ قوۋمىم بولىسىلەر، مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. 28
И будете жить на земле, которую Я дал отцам вашим, и будете Моим народом, и Я буду вашим Богом.
مەن سىلەرنى بارلىق پاسكىنىچىلىكتىن قۇتقۇزىمەن؛ مەن بۇغداينى ئاۋۇن بولۇشقا بۇيرۇيمەن؛ ئۈستۈڭلەرگە ھېچ ئاچارچىلىقنى قويمايمەن؛ 29
И освобожу вас от всех нечистот ваших, и призову хлеб, и умножу его, и не дам вам терпеть голода.
مەن دەرەخلەرنىڭ مېۋىسىنى ۋە ئېتىزدىكى مەھسۇلاتلارنى ئاۋۇتىمەنكى، سىلەر ئاچارچىلىق تۈپەيلدىن ئەللەر ئارىسىدا شەرمەندە بولمايسىلەر. 30
И умножу плоды на деревьях и произведения полей, чтобы вперед не терпеть вам поношения от народов из-за голода.
سىلەر رەزىل يوللىرىڭلار ۋە ناچار قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەپ، قەبىھلىكلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلغانلىرىڭلار ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن يىرگىنىسىلەر. 31
Тогда вспомните о злых путях ваших и недобрых делах ваших и почувствуете отвращение к самим себе за беззакония ваши и за мерзости ваши.
سىلەرگە مەلۇم بولسۇنكى، بۇ ئىشنى قىلىشىم سىلەر ئۈچۈن ئەمەس ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ ئۆز يوللىرىڭلار ئۈچۈن خىجىل بولۇپ شەرمەندە بولۇڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى. 32
Не ради вас Я сделаю это, говорит Господь Бог, да будет вам известно. Краснейте и стыдитесь путей ваших, дом Израилев.
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن قەبىھلىكىڭلاردىن پاكلىغان كۈنىدە، مەن شەھەرلەرنى ئاھالىلىك قىلىمەن، خارابە قالغان جايلارمۇ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. 33
Так говорит Господь Бог: в тот день, когда очищу вас от всех беззаконий ваших и населю города, и обстроены будут развалины,
ۋەيران قىلىنغان زېمىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەربىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ۋەيرانە كۆرۈنسىمۇ، ئۇ قايتىدىن تېرىلىدۇ. 34
и опустошенная земля будет возделываема, быв пустынею в глазах всякого мимоходящего,
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «بۇ ۋەيران قىلىنغان زېمىن خۇددى ئېرەم باغچىسىدەك بولدى؛ خارابە، ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەر ھازىر مۇستەھكەملەندى، ئاھالىلىك بولدى» ــ دەيدۇ. 35
тогда скажут: “эта опустелая земля сделалась, как сад Едемский; и эти развалившиеся и опустелые и разоренные города укреплены и населены”.
ۋە ئەتراپىدا قالغان ئەللەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ بۇزۇلغان جايلارنى قۇرغۇچى ھەم ۋەيرانە قىلىنغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلدىم، بۇنىڭغا ئەمەل قىلىمەن. 36
И узнают народы, которые останутся вокруг вас, что Я, Господь, вновь созидаю разрушенное, засаждаю опустелое. Я, Господь, сказал - и сделал.
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەنىلا ئىسرائىلنىڭ جەمەتىنىڭ بۇ ئىشلارنى تىلەيدىغان دۇئا-تىلاۋەتلىرىگە ئىجابەت قىلغۇچى بولىمەن؛ مەن قوي پادىسىدەك ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئاۋۇتىمەن؛ 37
Так говорит Господь Бог: вот, еще и в том явлю милость Мою дому Израилеву, умножу их людьми как стадо.
مۇقەددەس دەپ ئايرىلغان قۇربانلىق قوي پادىسىدەك، بېكىتىلگەن ھېيت-بايراملىرىغا بېغىشلانغان قوي پادىسى يېرۇسالېمغا تولدۇرۇلغاندەك، خارابە بولغان شەھەرلەر قايتىدىن ئادەم پادىلىرى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 38
Как много бывает жертвенных овец в Иерусалиме во время праздников его, так полны будут людьми опустелые города, и узнают, что Я Господь.

< ئەزاكىيال 36 >