< ئەزاكىيال 34 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ ئىسرائىلنى باققۇچى پادىچىلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگىن: ــ پادىچىلارغا مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆزلىرىنىلا بېقىۋاتقان ئىسرائىلنىڭ پادىچىرىنىڭ ھالىغا ۋاي! پادىچىلارنىڭ پادىسىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك ئەمەسمۇ؟ 2
سىلەر يېغىنى ئۆزۈڭلار يەيسىلەر، يۇڭىنى ئۆزۈڭلار كىيسىلەر؛ بوردالغان ئېسىل مالنى سويۇسىلەر؛ لېكىن قويلارنى باقمايسىلەر. 3
ئاجىزلارنى كۈچەيتمىدىڭلار، كېسەللەرنى ساقايتمىدىڭلار، زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويمىدىڭلار، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلمىدىڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ بارمىدىڭلار؛ ئەكسىچە سىلەر زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈپ كەلگەنسىلەر. 4
ئۇلار پادىچىسىز بولۇپ تارقىلىپ كەتتى؛ ئۇلار تارقىلىپ كېتىپ دالادىكى بارلىق ھايۋانلارغا ئوزۇق بولۇپ كەتتى. 5
مېنىڭ قويلىرىم بارلىق تاغلار ئارىسىدىن، ھەر يۇقىرى ئېگىزلىك ئۈستىدە تېنەپ كەتتى؛ مېنىڭ قويلىرىم پۈتكۈل يەر يۈزىگە تارقىپ كەتتى، بىراق ئۇلارنى تېپىشقا تىرىشقۇچى ياكى ئىزدىگۈچى يوق ئىدى. 6
شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ 7
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ قويلىرىمنىڭ پادىچىسى بولمىغاچقا، ئۇلار ئوۋ بولۇپ قالدى، دالادىكى ھەربىر ھايۋانغا ئوزۇق بولدى؛ چۈنكى مېنىڭ پادىچىلىرىم ئۆز پادامنى ئىزدىمەيدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى باقىدۇ، مېنىڭ قويلىرىمنى باقمايدۇ. 8
ــ شۇڭا، ئى پادىچىلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 9
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن پادىچىلارغا قارشىمەن؛ مەن ئۆز قويلىرىمنىڭ ھېسابىنى ئۇلاردىن ئالىمەن، ۋە ئۇلارنى پادىنى بېقىشتىن توختىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن پادىچىلار ئۆزلىرىنىمۇ باقمايدۇ؛ ۋە مەن قويلىرىمنى ئۇلارغا يەنە ئوزۇق بولمىسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرىمەن. 10
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆزۈم ئۆز قويلىرىمنى ئىزدەپ ئۇلارنىڭ ھالىنى سورايمەن؛ 11
پادىچى ئۆزىنىڭ قويلىرى ئارىسىدا، تاراپ كەتكەن قويلارنى تېپىپ باققاندەك، مەنمۇ قويلىرىمنى ئىزدەپ باقىمەن؛ ئۇلار بۇلۇتلۇق قاراڭغۇ كۈندە تارىلىپ كەتكەن ھەربىر جايلاردىن مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن. 12
مەن ئۇلارنى خەلقلەردىن ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى مەملىكەتلەردىن يىغىمەن، ئۆز زېمىنىغا ئاپىرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، ئېرىق-ئۈستەڭلەر بويىدا ۋە زېمىندىكى بارلىق تۇرالغۇ جايلاردا باقىمەن؛ 13
مەن ئۇلارنى ئېسىل چىمەنزاردا باقىمەن؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۇلارنىڭ يايلىقى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇ يەردە ئوبدان يايلاقتا ياتىدۇ؛ ئىسرائىل تاغلىرى ئۈستىدە، مۇنبەت چىمەنزاردا ئوزۇقلىنىدۇ. 14
مەن ئۆزۈم ئۆز پادامنى باقىمەن، ئۇلارنى ياتقۇزىمەن، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 15
ــ مەن يولدىن تېنەپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلەرنى قايتۇرىمەن؛ زەخىملەنگەنلەرنى تېڭىپ قويىمەن، ئاجىزلارنى كۈچەيتىمەن؛ بىراق سەمرىگەنلەر ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىمەن؛ پادامنى ئادالەت بىلەن باقىمەن. 16
ئەمدى سىلەرگە كەلسەم، ئى مېنىڭ پادام، رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا، قوچقارلار ۋە تېكىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 17
ئەمدى سىلەرنىڭ ياخشى چىمەنزارنى يېگىنىڭلار ئازلىق قىلىپ، چىمەندىكى قالغان ئوت-چۆپلەرنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن چەيلىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ سىلەر سۈپسۈزۈك سۇلاردىن ئىچكەندىن كېيىن، قالغىنىنى ئاياغلىرىڭلار بىلەن لېيىتىۋېتىشىڭلار كېرەكمۇ؟ 18
شۇڭا مېنىڭ قويلىرىمغا سىلەرنىڭ ئاياغلىرىڭلار چەيلىۋەتكەننى يېيىشتىن، ئاياغلىرىڭلار دەسسەپ لېيىتىۋېتكەننى ئىچىشتىن باشقا ئامال يوق. 19
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا مەن، مەن ئۆزۈم سەمرىگەن قويلار ۋە ئورۇق قويلار ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 20
چۈنكى سىلەر مۈرە-يانپاشلىرىڭلار بىلەن ئىتتىرىپ، مۈڭگۈزلىرىڭلار بىلەن ئۇلارنى تەرەپ-تەرەپكە تارقىتىۋەتكۈچە ئۈسىسىلەر، 21
ــ مەن ئۇلارنى يەنە ئوۋ ئوبيېكتى بولمىسۇن دەپ ئۆز پادامنى قۇتقۇزىمەن؛ ۋە مەن قوي ۋە قوي ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن. 22
مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پادىچىنى تىكلەيمەن، ئۇ ئۇلارنى باقىدۇ؛ ئۇ بولسا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت؛ ئۇ ئۇلارنى بېقىپ، ئۇلارغا پادىچى بولىدۇ؛ 23
ۋە مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن، مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۇلار ئارىسىدا ئەمىر بولىدۇ؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. 24
مەن ئۇلار بىلەن ئامان-خاتىرجەملىك بېغىشلايدىغان ئەھدىنى تۈزۈپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى زېمىندىن تۈگىتىمەن؛ ئۇلار بىخەتەر بولۇپ جاڭگالدا تۇرىدۇ، ئورمانلىقلاردا قونۇپ ئۇخلايدۇ. 25
مەن ئۇلارنى ھەم ئېگىزلىكىم ئەتراپىدىكى جايلارنى بەرىكەتلىك قىلىمەن؛ يامغۇر-يېغىنلارنى ئۆز پەسلىدە ياغدۇرىمەن؛ بۇلار بەرىكەتلىك يامغۇرلار بولىدۇ. 26
دالادىكى دەرەخلەر مېۋىلىرىنى، تۇپراق ئۈندۈرمىلىرىنى بېرىدۇ؛ ئۇلار ئۆز زېمىنىدا بىخەتەر تۇرىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ بويۇنتۇرۇق-ئاسارەتلىرىنى سۇندۇرۇپ، ئۇلارنى قۇللۇققا تۇتقانلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىدۇ. 27
ئۇلار يەنە ئەللەرگە ئوۋ بولمايدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار يەنە ئۇلارنى يەۋەتمەيدۇ؛ ئۇلار بىخەتەر تۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقاتمايدۇ. 28
مەن ئۇلار ئۈچۈن داڭقى چىققان ئالاھىدە بىر بوستانلىق جاينى تەمىنلەيمەن؛ ئۇلار قايتىدىن زېمىندا ئاچارچىلىقتا يىگلەپ قالمايدۇ، ياكى قايتىدىن ئەللەرنىڭ مازاق ئوبيېكتى بولمايدۇ. 29
ئاندىن ئۇلار مەنكى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلىقىمنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ، يەنى ئىسرائىل جەمەتىنىڭ مېنىڭ خەلقىم بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 30
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى مېنىڭ قويلىرىم، مېنىڭ چىمەنزارىمدىكى قويلىرىم، ئىنسانلاردۇرسىلەر، خالاس؛ مەن بولسام سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇرمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 31

< ئەزاكىيال 34 >