< ئەزاكىيال 32 >

ئون ئىككىنچى يىلى، ئون ئىككىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئاغزىڭغا ئېلىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ سەن ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارىسىدا بىر شىرغا ئوخشاتقانسەن، بىراق سەن دېڭىز-ئوكيانلار ئارىسىدىكى بىر ئەجدىھاسەن، خالاس؛ سەن پالاقلىشىپ ئېرىقلىرىڭنى ئېشىپ تاشتۇرۇپ، سۇلىرىنى ئاياغلىرىڭ بىلەن چالغىتىپ، دەريالىرىنى لېيىتىپ قويدۇڭ. 2
ــ ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ كۆپ ئەللەرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئالدىدا ئۆز تورۇمنى ئۈستۈڭگە يېيىپ تاشلايمەن؛ ئۇلار سېنى تورۇمدا تۇتۇپ تارتىشىدۇ. 3
مەن سېنى قۇرۇقلۇقتا قالدۇرۇپ، دالاغا تاشلايمەن؛ ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارنى ئۈستۈڭگە قوندۇرۇپ، يەر يۈزىدىكى جانىۋارلارنى سېنىڭدىن تويۇندۇرىمەن؛ 4
گۆشۈڭنى تاغلار ئۈستىگە قويىمەن، جىلغىلارنى پۈتكۈل ئەزايىڭ بىلەن تولدۇرىمەن؛ 5
مەن قېنىڭنىڭ ئېقىشلىرى بىلەن زېمىننى ھەتتا تاغلارغىچىمۇ سۇغىرىمەن؛ جىرالار سەن بىلەن توشۇپ كېتىدۇ. 6
نۇرۇڭنى ئۆچۈرگىنىمدە، مەن ئاسمانلارنى توسۇۋېتىمەن، يۇلتۇزلارنى قارا قىلىمەن؛ قۇياشنى بۇلۇت بىلەن قاپلايمەن، ئاي نۇر بەرمەيدۇ. 7
ئاسمانلاردىكى بارلىق پارلايدىغان نۇرلارنى ئۈستۈڭدە قارا قىلىپ، زېمىنىڭگە قاراڭغۇلۇقنى قاپلايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 8
مەن ئەللەر ئارىسىغا، يەنى سەن تونۇمىغان مەملىكەتلەر ئارىسىغا سېنىڭ ھالاكتىن [قالغان ئادەملىرىڭنى] ئېلىپ كەتكىنىمدە، كۆپ ئەللەرنىڭ يۈرىكىنى بىئارام قىلىمەن؛ 9
مەن كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن ئالاقزادە قىلىمەن، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا قاراپ دەھشەتلىك قورقىشىدۇ؛ مەن قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئويناتقىنىمدا، يەنى سېنىڭ يىقىلغان كۈنىڭدە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز جان قايغۇسىدا ھەر دەقىقە تەۋرىنىدۇ. 10
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچى ئۈستۈڭگە چىقىدۇ. 11
پالۋانلارنىڭ قىلىچلىرى بىلەن مەن سېنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىڭنى يىقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەللەر ئارىسىدىكى مۇستەبىتلەردۇر؛ ئۇلار مىسىرنىڭ پەخرىنى يوقىتىدۇ، ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى قۇرۇتۇۋېتىلىدۇ. 12
مەن زور سۇلار بويىدىن بارلىق ھايۋانلىرىنىمۇ ھالاك قىلىمەن؛ ئىنسان ئايىغى قايتىدىن ئۇلارنى چالغاتمايدۇ، ھايۋانلارنىڭ تۇياقلىرى قايتىدىن ئۇلارنى لېيىتمايدۇ. 13
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ سۇلىرىنى تىندۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئېرىقلىرىنى سۈپسۈزۈك مايدەك ئاقتۇرىمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 14
ــ مەن مىسىر زېمىنىنى ۋەيرانە قىلغىنىمدا، زېمىن ئۆزىنىڭ بارلىقىدىن مەھرۇم بولغىنىدا، مەن ئۇنىڭدىكى بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى ئۇرۇۋەتكىنىمدە، ئەمدى ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 15
ــ بۇ بىر مەرسىيە؛ ئۇلار ئۇنى ئوقۇيدۇ ــ ئەللەرنىڭ قىزلىرى ماتەم قىلىپ ئۇنى ئوقۇيدۇ؛ مەرسىيەنى ئۇلار مىسىر ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرىگە ئوقۇيدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 16
ئون ئىككىنچى يىلى، ئاينىڭ ئون بەشىنچى كۈنىدە [يەنە] شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 17
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىرنىڭ توپ-توپ ئادەملىرى ئۈچۈن ئاھ-زار چەككىن؛ شۇنىڭدەك ئۇلارنى، يەنى ئۇنى كۈچلۈك ئەللەرنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە تۆۋەنگە، ھاڭغا چۈشىدىغانلارغا ھەمراھ بولۇشقا يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈپ تاشلىۋەت؛ 18
گۈزەللىكتە سەن كىمدىن ئارتۇق ئىدىڭ؟ ئەمدى چۈشۈپ، خەتنە قىلىنمىغان بىلەن بىللە يات! 19
ئۇلار قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا يىقىلىدۇ؛ قىلىچ سۇغۇرۇلدى؛ ئۇ ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسى سۆرەپ ئاپىرىۋېتىلسۇن! 20
ئەمدى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى باتۇر-ئەزىمەتلەر تەھتىسارانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ [مىسىر] ۋە ئۇنى قوللىغانلارغا سۆز قىلىدۇ: ــ«مانا، ئۇلار چۈشتى، ئۇلار جىم ياتىدۇ ــ خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر!». (Sheol h7585) 21
ــ مانا، شۇ يەردىدۇر ئاسۇرىيە ۋە ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى؛ ئۇنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ مانا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. 22
ئۇلارنىڭ گۆرلىرى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدىدۇر؛ ئۇنىڭ يىغىلغان قوشۇنى ئۆز گۆرى ئەتراپىدا تۇرىدۇ؛ ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ۋەھشەت سالغانلار ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان. 23
مانا ئېلام ۋە ئۇنىڭ گۆرىنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلگەن، قىلىچلانغان، ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان پېتى يەر تېگىلىرىگە چۈشكەنلەر ــ يەنى تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئادەملەرگە ئۆز ۋەھشىتىنى سالغانلار! بىراق ھازىر ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە چۆمىدۇ. 24
كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا، توپ-توپ ئادەملىرى ئارىسىدا بىر ئورۇن راسلىغان؛ خەلقىنىڭ گۆرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار؛ شۇڭا ئۇلار ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە ئىزا-ئاھانەتكە قالىدۇ؛ ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ ــ گەرچە تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ۋەھشىتى ئادەملەرگە سېلىنغان بولسىمۇ! 25
مانا شۇ يەردە مەشەك بىلەن تۇبال بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى بىلەن تۇرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۆرلىرى ئۆز ئەتراپىدىدۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنمىغانلار، قىلىچلانغانلار ــ گەرچە ئۇلار تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىدا ئۆز ۋەھشىتىنى ئادەملەرگە سالغان بولسىمۇ! 26
ئۇلار جەڭ قوراللىرى بىلەن تەھتىساراغا چۈشكەن، قىلىچلىرى ئۆز بېشى ئاستىغا قويۇلغان، خەتنە قىلىنماي تۇرۇپ يىقىلغان پالۋانلار ئارىسىدا ياتمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئۆز ئۇستىخانلىرى ئۈستىدە بولىدۇ ــ گەرچە ئۇلار تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا باتۇرلارغىمۇ ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ! (Sheol h7585) 27
سەن [پىرەۋنمۇ] خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا تارمار بولۇپ، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىدا ياتىسەن. 28
مانا شۇ يەردە ئېدوم، ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق شاھزادىلىرىمۇ؛ ئۇلار كۈچلۈك بولسىمۇ، قىلىچلانغانلار بىلەن بىللە ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە ياتىدۇ. 29
مانا شىمالدىكى شاھزادىلەر، ھەممىسى؛ مانا بارلىق زىدوندىكىلەر، ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە چۈشكەن؛ گەرچە ئۆز كۈچى بىلەن ۋەھشەت سالغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر خىجالەتتە قالدى؛ ئۇلار خەتنە قىلىنمىغان بولۇپ، قىلىچلانغانلار ئارىسىدا يېتىپ، ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە خىجالەتكە قالىدۇ. 30
پىرەۋن بۇلارنى كۆرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ قىلىچلانغان توپ-توپ ئادەملىرى توغرۇلۇق، يەنى ئۆزى ۋە قوشۇنى توغرۇلۇق ئۇلاردىن تەسەللى ئالىدۇ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 31
ــ گەرچە مەن ئۇنىڭ ۋەھشىتىنى تىرىك تۇرۇۋاتقانلارنىڭ زېمىنىغا سالدۇرغان بولساممۇ، بىراق ئۇ خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدۇ، ــ يەنى پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق توپ-توپ ئادەملىرى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 32

< ئەزاكىيال 32 >