< ئەزاكىيال 31 >

ئون بىرىنچى يىلى، ئۈچىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
फिर ग्यारहवें बरस के तीसरे महीने की पहली तारीख़ को, ख़ुदावन्द का कलाम मुझ पर नाज़िल हुआ:
ئى ئىنسان ئوغلى، مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەمدى سەن بۈيۈكلۈكۈڭدە كىم سەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟ 2
कि 'ऐ आदमज़ाद शाह — ए — मिस्र फ़िर'औन और उसके लोगों से कह, तुम अपनी बुजु़र्गी में किसकी तरह हो?
مانا، ئاسۇرىيەمۇ لىۋاندىكى بىر كېدىر دەرىخى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئورمانلىققا سايە بەرگەن گۈزەل شاخلىرى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن ئېگىز بويلۇق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۇچى بۇلۇتلارغا تاقاشقانىدى؛ 3
देख असूर लुबनान का बुलन्द देवदार था, जिसकी डालियाँ ख़ूबसूरत थीं, और पत्तियों की कसरत से वह ख़ूब सायादार था और उसका क़द बुलन्द था, और उसकी चोटी घनी शाख़ों के बीच थी।
سۇلار ئۇنى يوغان قىلىپ، چوڭقۇر بۇلاقلار ئۇنى ئېگىز قىلىپ ئۆستۈرگەندى؛ ئېرىقلىرى ئۇنىڭ تۈۋىدىن، ئەتراپىدىن ئېقىپ ئۆتەتتى، ئۇلار ئۆز ئۆستەڭلىرىنى دالادىكى بارلىق دەرەخلەرگىچە ئەۋەتكەنىدى. 4
पानी ने उसकी परवरिश की, गहराव ने उसे बढ़ाया, उसकी नहरें चारों तरफ़ जारी थीं, और उसने अपनी नालियों को मैदान के सब दरख़्तों तक पहुँचाया।
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بىخلانغان ۋاقىتتا، مول سۇلار بىلەن ئېگىزلىكى بارلىق دەرەخلەردىن ئېگىز بولغان، ئۇنىڭ شاخلىرى كۆپەيگەن ۋە شاخچىلىرى ئۇزۇن بولغان؛ 5
इसलिए पानी की कसरत से उसका क़द मैदान के सब दरख़्तों से बुलन्द हुआ, और जब वह लहलहाने लगा, तो उसकी शाख़ें फ़िरावान और उसकी डालियाँ दराज़ हुई।
ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋىلىغان، شاخچىلىرى ئاستىدا دالادىكى بارلىق جانىۋارلار بالىلىغان؛ ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا بارلىق ئۇلۇغ ئەللەر ياشىغان. 6
हवा के सब परिन्दे उसकी शाख़ों पर अपने घोंसले बनाते थे, और उसकी डालियों के नीचे सब दश्ती हैवान बच्चे देते थे, और सब बड़ी बड़ी क़ौमें उसके साये में बसती थीं।
شۇنداق بولۇپ ئۇنىڭ شاخلىرى كېڭىيىپ، ئۇ بۈيۈكلۈكىدە گۈزەللەشكەن؛ چۈنكى ئۇنىڭ يىلتىزلىرى مول سۇلارغا يەتكەن. 7
यूँ वह अपनी बुजु़र्गी में अपनी डलियों की दराज़ी की वजह से ख़ुशनुमा था, क्यूँकि उसकी जड़ों के पास पानी की कसरत थी।
خۇدانىڭ باغچىسىدىكى كېدىر دەرەخلەرمۇ ئۇنى توسالمايتتى؛ قارىغايلار ئۇنىڭ شاخلىرىدەك، چىنار دەرەخلىرى ئۇنىڭ شاخچىلىرىدەكمۇ كەلمەيتتى؛ خۇدانىڭ باغچىسىدىكى ھېچقانداق دەرەخ گۈزەللىكتە ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى. 8
ख़ुदा के बाग़ के देवदार उसे छिपा न सके, सरो उसकी शाख़ों और चिनार उसकी डालियों के बराबर न थे और ख़ुदा के बाग़ का कोई दरख़्त ख़ूबसूरती में उसकी तरह न था।
مەن ئۇنى شاخلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن گۈزەل قىلغانمەن؛ خۇدانىڭ باغچىسىدا بولغان بارلىق دەرەخلەر، يەنى ئېرەمدىكى دەرەخلەر ئۇنىڭدىن ھەسەت قىلغانىدى. 9
मैंने उसकी डालियों की फ़िरावानी से उसे हुस्न बख़्शा, यहाँ तक कि अदन के सब दरख़्तों को जो ख़ुदा के बाग़ में थे उस पर रश्क आता था।
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرۇپ ئۇزارتقانلىقى، ئېگىزلىكىدىن كۆڭلىنىڭ تەكەببۇرلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، 10
इसलिए ख़ुदावन्द ख़ुदा यूँ फ़रमाता है: कि चूँकि उसने आपको बुलन्द और अपनी चोटी को घनी शाख़ों के बीच ऊँचा किया, और उसके दिल में उसकी बूलन्दी पर गु़रूर समाया।
ئەمدى مەن ئۇنى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇنى ئەللەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇستەبىتنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ مەن ئۇنى رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ھەيدەپ چەتكە قاققانىدىم. 11
इसलिए मैं उसको क़ौमों में से एक उहदे दार के हवाले कर दूँगा, यक़ीनन वह उसका फ़ैसला करेगा, मैंने उसे उसकी शरारत की वजह से निकाल दिया।
يات ئادەملەر، يەنى ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ ۋەھشىلەر ئۇنى كېسىپ تاشلىدى. شاخلىرى تاغلار ۋە بارلىق جىلغالارغا يىقىلىپ، ئۇنىڭ شاخچىلىرى زېمىندىكى بارلىق جىرالارغا سۇندۇرۇلۇپ ياتىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى خەلقلەر ئۇنىڭ سايىسىدىن چىقىپ ئۇنىڭدىن نېرى كەتتى. 12
और अजनबी लोग जो क़ौमों में से हैबतनाक हैं, उसे काट डालेंगे और फेंक देंगे पहाड़ों और सब वादियों पर उसकी शाख़ें गिर पड़ेगी, और ज़मीन की सब नहरों के आस — पास उसकी डालियाँ तोड़ी जाएँगी, और इस ज़मीन के सब लोग उसके साये से निकल जाएँगे और उसे छोड़ देंगे।
ئۇنىڭ يىقىلغان غولى ئۈستىگە ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلار قونۇپ ياشايدۇ؛ دالادىكى بارلىق جانىۋارلار شاخلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ. 13
हवा के सब परिन्दे उसके टूटे तने में बसेंगे, और तमाम दश्ती जानवर उसकी शाख़ों पर होंगे।
بۇنىڭ مەقسىتى، سۇلاردىن سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزىنى ئېگىز كۆتۈرمىسۇن، ياكى ئۇچىنى بۇلۇتلارغا تاقاشتۇرمىسۇن، ياخشى سۇغىرىلىدىغان دەرەخلەرنىڭ ھېچبىرى ئۇنداق ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلمىسۇن ئۈچۈندۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈمگە بېكىتىلگەن ــ يەرنىڭ تېگىلىرىگە چۈشۈشكە بېكىتىلگەنلەرنىڭ، ئۆلىدىغان ئادەم بالىلىرىنىڭ، ھاڭغا چۈشىدىغانلارنىڭ قاتارىدىدۇر. 14
ताकि लब — ए — आब के सब बलूतों के दरख़्तों में से कोई अपनी बुलन्दी पर मग़रूर न हो, और अपनी चोटी घनी शाख़ों के बीच ऊँची न करे, और उनमें से बड़े बड़े और पानी जज़्ब करने वाले सीधे खड़े न हों, क्यूँकि वह सबके सब मौत के हवाले किए जाएँगे, या'नी ज़मीन के तह में बनी आदम के बीच जो पाताल में उतरते हैं।
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇ تەھتىساراغا چۈشكەن كۈنىدە، مەن ئۈنىڭ ئۈچۈن بىر ماتەم تۇتقۇزغانمەن؛ چوڭقۇر سۇلارنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭ بۇلاق-ئېرىقلىرىنى توسۇۋەتكەنمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇلۇغ سۇلىرى تىزگىنلەنگەن. مەن لىۋاننى ئۇنىڭ ئۈچۈن قارىلىق كىيگۈزدۈم؛ ئۇنىڭ ئۈچۈن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر سولىشىپ كەتتى. (Sheol h7585) 15
ख़ुदावन्द ख़ुदा यूँ फ़रमाता है: कि जिस रोज़ वह पाताल में उतरे मैं मातम कराऊँगा, मैं उसकी वजह से गहराव को छिपा दूँगा और उसकी नहरों को रोक दूँगा और बड़े सैलाब थम जाएँगे; हाँ, मैं लुबनान को उसके लिए सियाह पोश कराऊँगा, और उसके लिए मैदान के सब दरख़्त ग़शी में आएँगे। (Sheol h7585)
مەن ئۇنى ھاڭغا چۈشىدىغانلار بىلەن بىللە تەھتىساراغا تاشلىۋەتكىنىمدە، ئۇنىڭ يىقىلغان چاغدىكى ساداسى بىلەن ئەللەرنى تەۋرىتىۋەتتىم؛ شۇنىڭ بىلەن ئېرەم باغچىسىدىكى بارلىق دەرەخلەر، لىۋاندىكى سەرخىل ۋە ئەڭ ئېسىل دەرەخلەر، ياخشى سۇغىرىلغان ھەممە دەرەخلەر يەر تېگىلىرىدە تۇرۇپ تەسەللى تاپقان. (Sheol h7585) 16
जिस वक़्त मैं उसे उन सब के साथ जो गढ़े में गिरते हैं, पाताल में डालूँगा, तो उसके गिरने के शोर से तमाम क़ौम लरज़ाँ होंगी; और अदन के सब दरख़्त, लुबनान के चीदा और नफ़ीस, वह सब जो पानी जज़्ब करते हैं ज़मीन के तह में तसल्ली पाएँगे। (Sheol h7585)
ئۇنىڭ سايىسىدە تۇرغانلار ۋە ئەللەر ئارىسىدا ئۇنى قوللايدىغانلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تەھتىساراغا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ يېنىغا چۈشكەن. (Sheol h7585) 17
वह भी उसके साथ उन तक, जो तलवार से मारे गए, पाताल में उतर जाएँगे और वह भी जो उसके बाज़ू थे, और क़ौमों के बीच उसके साये में बसते थे वहीं होंगे। (Sheol h7585)
قېنى ئېيتە، ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ قايسىسى شان-شەرەپ ۋە گۈزەللىكتە سەن [مىسىرغا] تەڭ كېلەلەيتتى؟ بىراق سەنمۇ ئېرەم باغچىسىدىكى دەرەخلەر بىلەن تەڭ يەر تېگىلىرىگە چۈشۈرۈلىسەن؛ سەن خەتنە قىلىنمىغانلار ئارىسىدا، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە ياتىسەن؛ مانا بۇ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ توپ-توپ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نېسىۋىسىدۇر، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 18
“तू शान — ओ — शौकत में अदन के दरख़्तों में से किसकी तरह है? लेकिन तू अदन के दरख़्तों के साथ ज़मीन के तह में डाला जाएगा, तू उनके साथ जो तलवार से क़त्ल हुए, नामख़्तूनों के बीच पड़ा रहेगा; यही फ़िर'औन और उसके सब लोग हैं, ख़ुदावन्द ख़ुदा फ़रमाता है।”

< ئەزاكىيال 31 >