< ئەزاكىيال 26 >

ئون بىرىنچى يىلى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، تۇرنىڭ يېرۇسالېم توغرۇلۇق: «ۋاھ! ياخشى بولدى! ئەللەرنىڭ دەرۋازىسى بولغۇچى ۋەيران بولدى! ئۇ ماڭا قاراپ قايرىلىپ ئېچىلدى؛ ئۇنىڭ ۋەيران قىلىنىشى بىلەن ئۆزۈمنى تويغۇزىمەن!» دېگىنى تۈپەيلىدىن، 2
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، ئى تۇر، مەن ساڭا قارشىمەن، دېڭىز دولقۇنلارنى قوزغىغاندەك، كۆپ ئەللەرنى سەن بىلەن قارشىلىشقا قوزغايمەن؛ 3
ئۇلار تۇرنىڭ سېپىللىرىنى بەربات قىلىپ، ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى چېقىپ يوقىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى توپىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇنى تاقىر تاش قىلىپ قويىمەن. 4
ئۇ پەقەت دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تورلار يېيىلىدىغان جاي بولىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار؛ ئۇ ئەللەر ئۈچۈن ئولجا بولۇپ قالىدۇ. 5
ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرى قىلىچ بىلەن قىرىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 6
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن تۇر بىلەن قارشىلىشىشقا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، يەنى «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى»نى، ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى بىلەن، ئاتلىق چەۋەندازلار، قوشۇن ۋە زور بىر توپ ئادەملەر بىلەن شىمال تەرىپىدىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن. 7
ئۇ قۇرۇقلۇقتا قالغان قىزلىرىنى قىلىچ بىلەن سويىدۇ، ساڭا مۇھاسىرە پوتەيلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكنى ياسايدۇ، ساڭا قاراپ قالقانلىرىنى كۆتۈرىدۇ. 8
ئۇ سېپىللىرىڭغا بۆسكۈچى بازغانلارنى قارىتىپ تىكلەيدۇ، قورال-پالتىلىرى بىلەن مۇنارلىرىڭنى چېقىپ غۇلىتىدۇ. 9
ئۇنىڭ ئاتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن چاڭ-توپىسى سېنى قاپلايدۇ؛ سېپىللىرى بۆسۈلگەن بىر شەھەرگە بۆسۈپ كىرگەندەك ئۇ سېنىڭ قوۋۇقلىرىڭدىن كىرگەندە، سېپىللىرىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەرنىڭ، چاقلارنىڭ ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ساداسى بىلەن تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 10
ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى بىلەن ئۇ بارلىق رەستە-كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ؛ ئۇ پۇقرالىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ، كۈچلۈك تۈۋرۈكلىرىڭ يەرگە يىقىلىدۇ. 11
ئۇلار بايلىقلىرىڭنى ئولجا، مال-تاۋارلىرىڭنى غەنىمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار سېپىللىرىڭنى بۇزۇپ غۇلىتىپ، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىڭنى خارابە قىلىدۇ؛ ئۇلار سېنىڭ تاشلىرىڭ، ياغاچ-لىملىرىڭ ۋە توپا-چاڭلىرىڭنى دېڭىز سۇلىرى ئىچىگە تاشلايدۇ. 12
مەن ناخشلىرىڭنىڭ ساداسىنى تۈگىتىمەن؛ چىلتارلىرىڭنىڭ ئاۋازى قايتىدىن ئاڭلانمايدۇ. 13
مەن سېنى تاقىر تاش قىلىمەن؛ سەن تورلار يېيىلىدىغان بىر جاي بولىسەن، خالاس؛ سەن قايتىدىن قۇرۇلمايسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق دېگەنمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 14
رەب پەرۋەردىگار تۇرغا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن غۇلاپ كەتكىنىڭدە، يارىلانغانلار ئاھ-زارلىغىنىدا، ئوتتۇرۇڭدا قىرغىن-چاپقۇن قىلىنغاندا، دېڭىزنىڭ چەت ياقىلىرى تەۋرىنىپ كەتمەمدۇ؟ 15
دېڭىزدىكى شاھزادىلەر تەختلىرىدىن چۈشۈپ، تونلىرىنى بىرياققا تاشلاپ، كەشتىلىك كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى قورقۇنچ-تىترەك بىلەن پۈركەيدۇ؛ ئۇلار يەرگە ئولتۇرۇپ، ھېچ توختاۋسىز تىترەپ، ساڭا قاراپ ساراسىمىگە چۈشىدۇ. 16
ئۇلار سەن ئۈچۈن بىر مەرسىيەنى ئوقۇپ ساڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئى ئاھالەڭ دېڭىزدىكىلەردىن بولغان، داڭقى چىققان، دېڭىز ئۈستىدىن كۈچلۈك ھۆكۈم سۈرگەن، ئۆز ۋەھشەتلىرىڭنى بارلىق دېڭىزدا تۇرۇۋاتقانلارغا سالغان شەھەر! سەن ۋە سەندا تۇرۇۋاتقانلار نەقەدەر ھالاك بولغان! 17
ھازىر سېنىڭ غۇلاپ كەتكەن كۈنۈڭدە، دېڭىز بويىدىكىلەر تىترەپ كېتىدۇ؛ دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە قىرغاقتىكىلەر سېنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنىڭدىن دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالدى». 18
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن سېنى ئادەمزاتسىز شەھەرلەردەك، خارابە شەھەر قىلغىنىمدا، مەن ئۈستۈڭگە دېڭىز چوڭقۇرلۇقلىرىنى چىقىرىپ سېنى چۆكۈرگىنىمدە، ئۇلۇغ سۇلار سېنى بېسىپ ياپقاندا، 19
شۇ تاپتا مەن سېنى ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە چۈشۈرىمەن، قەدىمكى زاماندىكىلەرنىڭ قاتارىغا چۈشۈرىمەن؛ سېنى يەرنىڭ تېگىلىرىدە تۇرغۇزىمەن؛ سېنىڭدە قايتىدىن ئادەمزات بولماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قەدىمكى خارابىلەر ئارىسىغا، ھاڭغا چۈشكەنلەر بىلەن بىللە بولۇشقا چۈشۈرىمەن؛ بىراق تىرىكلەرنىڭ زېمىنىدا بولسا گۈزەللىك تىكلەپ قويىمەن؛ 20
مەن سېنى باشقىلارغا بىر ئاگاھى-ۋەھشەت قىلىمەن؛ سەن قايتىدىن ھېچ بولمايسەن؛ ئۇلار سېنى ئىزدەيدۇ، بىراق سەن مەڭگۈگە تېپىلمايسەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 21

< ئەزاكىيال 26 >