< ئەزاكىيال 24 >

توققۇزىنچى يىلى، ئونىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، بۇ كۈننى، دەل مۇشۇ كۈننىڭ چىسلاسىنى يېزىۋالغىن؛ چۈنكى دەل مۇشۇ كۈندە بابىلنىڭ پادىشاھى يېرۇسالېمنى مۇھاسىرىگە ئالدى. 2
ئاسىي جەمەتنىڭ ئالدىغا بىر تەمسىلنى قويۇپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «قازاننى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار، ئوت ئۈستىگە قويۇڭلار، ئۇنىڭغا سۇ قويۇڭلار؛ 3
گۆش پارچىلىرى، ھەربىر ئېسىل گۆش پارچىلىرىنى، پۇت ۋە قولىنى ئۇنىڭغا يىغىپ سېلىڭلار؛ ئېسىل ئۇستىخانلارنىمۇ قوشۇڭلار؛ 4
قوي پادىسىدىن ئەڭ ئېسىللىرىنى ئېلىڭلار؛ ئۇستىخانلارنى پىشۇرۇشقا ئۇنىڭ ئاستىغا ئوتۇن توپلاپ قويۇڭلار؛ ئۇنى قاتتىق قاينىتىڭلار، ئۇنىڭدىكى ئۇستىخانلار ئوبدان قاينىسۇن. 5
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا، يەنى دات باسقان قازانغا، ھېچ دېتى كەتمەيدىغان قازانغا ۋاي! ئۇنىڭدىكى ھەممىنى بىردىن-بىردىن ئال؛ ئۇنىڭغا نېسىۋە چېكى تاشلانمىسۇن! 6
چۈنكى ئۇ تۆككەن قان ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ؛ ئۇ قاننى توپا بىلەن كۆمگىلى بولغۇدەك يەرگە ئەمەس، بەلكى تاقىر تاش ئۈستىگە تۆكتى. 7
قەھرىمنى قوزغاش، ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ تۆككەن قاننىڭ يېپىلماسلىقى ئۈچۈن تاقىر تاش ئۈستىگە قالدۇردۇم. 8
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قانخور شەھەرنىڭ ھالىغا ۋاي! مەنمۇ ئۇنىڭ ئوتۇن دۆۋىسىنى يوغان قىلىمەن! 9
ئوتۇننى دۆۋىلەڭلار، ئوتنى يىقىپ چۇخچۇلاڭلار، گۆش ئوبدان پىشسۇن، دورا-دەرمەكلەرنى قوشۇڭلار، ئۇستىخانلار كۆيۈپ كەتسۇن! 10
ئاندىن قازاننى قىزىتىپ، ئۇنىڭدىكى مىسنى قىپقىزىل قىلىڭلار، ئىچىدىكى داغ-كىرلار ئېرىتىلىپ، ئۇنىڭ دېتى چىقىرىۋېتىلىش ئۈچۈن ئۇنى قۇرۇق پېتى چوغلار ئۈستىگە قويۇڭلار! 11
ئۇنىڭ قىلغان ئاۋارىچىلىكلىرى مېنى ئۇپراتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ قېلىن دېتى ئۇنىڭدىن كەتمىدى؛ شۇڭا ئۇنىڭ دېتى ئوتتا تۇرىۋەرسۇن! 12
سېنىڭ پاسكىنىچىلىكىڭدە بۇزۇق پاھىشىلىك باردۇر؛ مەن سېنى پاكىزلىماقچى بولدۇم، لېكىن سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايمەن دېدىڭ؛ ئەمدى قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ توختاتمىغۇچە سەن پاسكىنىچىلىقتىن پاكىزلاندۇرۇلمايسەن. 13
مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم؛ ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، مەن ئۇنى ئادا قىلىمەن؛ مەن نە بۇنىڭدىن يانمايمەن، نە ھېچ ساڭا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، نە ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن؛ ئۇلار سېنىڭ يوللىرىڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 14
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 15
«ئى ئىنسان ئوغلى، مەن سېنىڭ سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقۇڭنى بىر ئۇرۇش بىلەن سەندىن ئېلىپ كېتىمەن؛ بىراق سەن ھېچ ماتەم تۇتما، ھېچ يىغلىما، ھېچ كۆز يېشى قىلما؛ 16
سۈكۈت ئىچىدە ئۇھ-زار تارتىسەن؛ ئۆلگۈچى ئۈچۈن ھېچ ھازا تۇتما؛ سەللەڭنى بېشىڭغا ئوراپ، كەشلىرىڭنى پۇتۇڭغا باغلىغىن؛ يۈزۈڭنىڭ تۆۋىنىنى يېپىۋەتمە، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمە». 17
شۇنىڭ بىلەن مەن ئەتىگەندە خەلقكە سۆز قىلدىم؛ كەچقۇرۇندا ئايالىم ئۆلدى. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بۇيرۇلغىنى بويىچە ئىش قىلدىم. 18
ئەمدى خالايىق ماڭا: «سېنىڭ بۇ قىلغان ئىشلىرىڭنىڭ نېمىنى كۆرسەتكەنلىكىنى دېمەمسەن؟» دېدى. 19
مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 20
ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن ئۆز مۇقەددەس جايىمنى، يەنى سەن پەخىرلەنگەن كۈچ-تايانچىڭنى، كۆزۈڭلارنى خۇشال قىلغۇچى، جېنىڭلار تەشنا بولغان نەرسىنى بۇلغاي دەۋاتىمەن؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردا قالغان قىز-ئوغۇللار قىلىچ بىلەن يوقىلىدۇ. 21
شۇ تاپتا سىلەر مەن [ئەزاكىيال] ھازىر قىلغىنىمدەك قىلىسىلەر؛ سىلەر يۈزۈڭلارنىڭ تۆۋىنىنى ياپمايسىلەر، ئادەملەر ئېپبەرگەن ناندىن يېمەيسىلەر؛ 22
سەللەڭلار بېشىڭلاردا، كەشىڭلار ئاياغلىرىڭدا بولىۋېرىدۇ؛ سىلەر ھېچ ماتەم تۇتمايسىلەر ياكى ھېچ يىغلىمايسىلەر؛ سىلەر قەبىھلىكلىرىڭلار ئىچىدە سولىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپ ئۇھ-زار تارتىسىلەر. 23
شۇنداق قىلىپ ئەزاكىيالنىڭ ئۆزى سىلەرگە بېشارەت بولىدۇ؛ ئۇ قانداق قىلغان بولسا، سىلەر شۇنداق قىلىسىلەر؛ بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 24
ــ ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، مەن ئۇلاردىن كۈچ-ئىستىھكامىنى، ئۇلار پەخرىلەنگەن گۈزەك گۆھرىنى، سۆيۈملۈك كۆز قارىچۇقلىرىنى، جان-جېگىرى بولغان قىز-ئوغۇللىرىنى ئۇلاردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈنىدە، 25
ــ يەنى شۇ كۈنىدە، ساڭا بۇ خەۋەرنى قۇلىقىڭغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قاچقۇن يېنىڭغا كەلمەمدۇ؟ 26
شۇ كۈنىدە ئاغزىڭ ئېچىلغان بولىدۇ، سەن بۇ قاچقۇن بىلەن سۆزلىشىسەن، يەنە ھېچ گاچا بولمايسەن؛ شۇنداق قىلىپ ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 27

< ئەزاكىيال 24 >