< ئەزاكىيال 23 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر ئانىدىن تۇغۇلغان ئىككى ئايال بار ئىكەن؛ 2
ئۇلار مىسىر زېمىنىدە پاھىشىلىك قىلغان؛ ئۇلار ياشلىقتا پاھىشىلىك قىلغان؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ كۆكسىلىرى مىجىقلىنىپ، قىزلىق ئەمچەك توپچىلىرى سىلانغان. 3
ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بولسا، چوڭىنىڭ ئوھولاھ، كىچىكىنىڭ ئوھولىباھ ئىدى؛ ئۇلار مېنىڭكى ئىدى؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلارنى تۇغقان. سامارىيە بولسا ئوھولاھ، يېرۇسالېم ئوھولىباھدۇر. 4
ئوھولاھ مېنىڭكى بولغان تەقدىردىمۇ يەنە بۇزۇقلۇق قىلغان ــ ئۇ ئاشىقلىرىغا، يەنى قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەردە بولغان؛ 5
كۆك كىيىم كىيگەن، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار ئىدى. 6
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بېغىشلىغان؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاسۇرىيەنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئىدى؛ ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى بارلىق قوزغاتقانلار بىلەن ۋە ئۇلارنىڭ بارلىق مەبۇدلىرى بىلەن ئۇ ئۆزىنى بۇلغىغان. 7
ئۇ يەنىلا مىسىردا بولغان پاھىشىلىكلىرىدىن ۋاز كەچمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ياشلىقىدا ئاشۇ يەردىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، قىزلىق كۆكسىلىرىنى سىلاپ، ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكتى. 8
شۇڭا مەن ئۇنى ئۆز ئاشنىلىرىنىڭ، يەنى ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى قوزغاتقان ئاسۇرىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇردۇم؛ 9
ئۇلار ئۇنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى؛ ئۇ ئاياللار ئارىسىدا [يامان] ئاتاققا قالدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىپ جازالاندى. 10
ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىباھ بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدە ھەدىسىدىن تېخىمۇ بۇزۇق، پاھىشىلىكلىرى ھەدىسىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ كەتتى. 11
ئۇ ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاسۇرىيلەرگە پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قوزغاتقان؛ ئۇلار ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ھەشەمەتلىك ساۋۇت، فورمىلارنى كىيگەن، ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر ئىدى. 12
مەن ئۇنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم؛ ئۇلار ئىككىلىسى بىر يوللۇق ئىدى. 13
ئۇ ئۇنىڭ پاھىشىلىكلىرىنى ئاشۇردى؛ چۈنكى ئۇ تامدا پەرەڭ بىلەن سۈرەتلەنگەن ئادەملەرنى، يەنى كالدىيلەرنىڭ رەسىملىرىنى كۆردى؛ 14
ئۇلارنىڭ بەللىرى پوتىلار بىلەن ئورالغان، بېشىغا قۇيرۇقلۇق سەللىلەر كىيىلگەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى لەشكەر بېشىدەك، يەنى تۇغۇلغان يۇرتى كالدىيەدىكى بابىللىقلارنىڭ قىياپىتىدە ئىدى. 15
ئۇ شۇئان ئۇلارغا قاراپ ئۇلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋسىنى قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كالدىيەگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. 16
شۇنىڭ بىلەن بابىللىقلار ئۇنىڭغا، يەنى ئۇنىڭ ئاشنىلىق ئورۇن-كۆرپىلىرىگە يېقىن كېلىپ، ئۇنى ئۆز زىنالىرى بىلەن بۇلغىغان؛ ئۇ ئۆزىنى ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىزار بولدى. 17
ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى ئوچۇق قىلىپ، نومۇسىنى ئاشكارىلىشى بىلەن، جېنىم ھەدىسىدىن يىرگەنگەندەك ئۇنىڭدىنمۇ يىرگەندى. 18
بىراق ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ياشلىق كۈنلىرىنى، يەنى مىسىر زېمىنىدا بۇزۇقلۇق پاھىشىلىك قىلغان كۈنلىرىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۆز بۇزۇقلۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى. 19
ئۇنىڭ ئەرلىكى ئېشەك مەدەكلىرىدەك، مەنىيسى ئاتلارنىڭكىدەك بولغان بابىلنىڭ پاھىشىۋاز ئەركەكلىرىگە قاراپ ھەۋەسلىرى قوزغالدى. 20
سەن ياشلىقىڭدىكى بۇزۇقلۇقلىرىڭغا، يەنى ياشلىقىڭدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەمچەكلىرىڭنى سىلىغىنىغا يەنە تەشنا بولۇپ تەلمۈردۇڭ. 21
شۇڭا، ئى ئوھولىباھ، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مانا، مەن جېنىڭ ھازىر بىزار بولغان ئاشنىلىرىڭنى ئۆزۈڭگە قارشى قوزغىتىمەن، ئۇلارنى سەن بىلەن قارشىلىشىشقا ھەممە تەرىپىڭدىن ئېلىپ كېلىمەن؛ 22
بابىللىقلار، بارلىق كالدىيلەر، پېكودلار، شوئالار، كوئاللار ھەمدە ئاسۇرىيلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بىلەن تەڭ قوزغايمەن؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىشكەن يىگىتلەر، ئەمەلدار-ھۆكۈمدارلار، ئۇلۇغ بەگلەر ۋە جانابلار، ھەممىسى ئاتقا مىنگەن چەۋەندازلاردۇر؛ 23
ئۇلار قورال-ياراقلار، جەڭ ھارۋىلىرى، يۈك ھارۋىلىرى ھەم زور بىر توپ خەلقلەر بىلەن ساڭا قارشى چىقىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەممە تەرىپىڭدە سىپار-قالقانلار ۋە دۇبۇلغالارنى كىيىپ ساڭا قارشى سەپراس بولىدۇ؛ بېشىڭغا چۈشىدىغان تېگىشلىك جازانى ئۇلارغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە جازالايدۇ. 24
مەن مۇقەددەسلىكىمدىن چىققان غەزەپنى ساڭا قارىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەھر بىلەن سېنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار سېنىڭ بۇرنۇڭ ۋە قۇلاقلىرىڭنى كېسىۋېتىدۇ؛ سەندىن ئاخىرقى قالغانلار قىلىچلىنىدۇ؛ ئۇلار ئوغۇل-قىزلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ، سەندىن يەنىلا قالغانلار ئوتتا يۇتۇۋېتىلىدۇ. 25
ئۇلار سەندىن كىيىم-كېچەكلىرىڭنى ئېلىۋېلىپ، گۈزەل زىبۇ-زىننەتلىرىڭنى بۇلايدۇ. 26
شۇنىڭ بىلەن مەن سەندە مىسىر زېمىنىدا باشلانغان بۇزۇقلۇقلىرىڭنى ۋە پاھىشىلىكلىرىڭنى توختىتىمەن؛ سەن بۇ ئىشلارغا يەنە تەلمۈرمەيسەن، مىسىرنى قايتا ئەسلىمەيسەن. 27
ــ چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭ نەپرەتلەنگەنلەرنىڭ قولىغا، يەنى جېنىڭ يىرگەنگەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ 28
ئۇلار سېنى ئۆچمەنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، بارلىق ئەجىرلىرىڭنى ئېلىپ كېتىپ، سېنى تۇغما-يالىڭاچ قالدۇرۇپ، پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ نومۇسىنى ئاشكارىلايدۇ. سەن ئەللەر بىلەن پاھىشىلىك قىلغانلىقىڭ، ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن ئۆزۈڭنى بۇلغىغانلىقىڭ تۈپەيلىدىن، سېنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭ بۇلارنى بېشىڭغا چۈشۈردى. 29
30
ھەدەڭنىڭ يولىدا ئۆزۈڭ ماڭغانسەن؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭدىكى قەدەھنى سېنىڭ قولۇڭغىمۇ تۇتقۇزدۇم. 31
ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەدەڭنىڭ قەدەھىنى، چوڭقۇر ۋە چوڭ بىر قەدەھنى سەنمۇ ئىچىسەن؛ سەن رەسۋا بولۇپ مازاق قىلىنىسەن، چۈنكى ئۇنىڭ ھەجىمى چوڭدۇر؛ 32
سەن دەھشەتلىك ۋە ھالاكەت قەدەھى، يەنى ھەدەڭ سامارىيەنىڭ قەدەھى بىلەن مەستلىك ھەم دەرد-ئەلەمگە تولدۇرۇلىسەن؛ 33
سەن ئۇنى ئىچىۋېتىپ يەنە يالايسەن، ھەتتا ئۇنىڭ پارچىلىرىنىمۇ غاجىلايسەن، ئاندىن كۆكسىلىرىڭنىمۇ يۇلۇپ تاشلايسەن؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 34
شۇنىڭ ئۈچۈن رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇپ ئارقاڭغا تاشلىۋەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن، شۇڭا ئۆز بۇزۇقلۇقۇڭ ھەم پاھىشىلىكلىرىڭنىڭ جازاسىنى كۆتۈرىسەن. 35
ۋە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئەمدى ئۇلارغا ئۆز يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ كۆرسەتكىن. 36
چۈنكى ئۇلار بۇزۇقلۇق قىلدى؛ قوللىرى قان بولدى؛ ئۇلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا تۇغقان ئۆز بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئوزۇقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بېغىشلىدى. 37
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ماڭا شۇنداق ئىش قىلغانكى، ئوخشاش بىر كۈندە ئۇلار مېنىڭ مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاپ، «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان. 38
چۈنكى ئۇلار ئۆز بالىلىرىمنى بۇتلىرىغا سويغان چاغدا، ئۇلار ئوخشاش بىر كۈندە مۇقەددەس جايىمنى بۇلغاشقا كىردى؛ مانا، ئۇلار مېنىڭ ئۆيۈم ئوتتۇرىسىدا شۇنداق قىلغان. 39
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەملەرنى يىراقتىن چاقىردى، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلچى ئەۋەتتى؛ مانا، ئۇلار كەلدى؛ سەن ئۇلارنى دەپ يۇيۇنۇپ، كۆز-قاشلىرىڭغا ئوسما قويۇپ، ئۆزۈڭنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن پەردازلىدىڭ؛ 40
ھەشەمەتلىك بىر دىۋاندا ئولتۇردۇڭ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۈستىگە مېنىڭ خۇشبۇيۇم ھەم زەيتۇن مېيىم قويۇلغان داستىخاننى قويدۇڭ؛ 41
غەمسىز يۈرگەن بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭدا ئاڭلاندى؛ چۈپرەندە ئادەملەر بىلەن بىللە چۆل-باياۋاندىن سېبائىيلارمۇ ئېلىپ كېلىندى؛ ئۇلار [ھەدە-سىڭىلنىڭ] قوللىرىغا بىلەزۈكلەر، بېشىغا چىرايلىق تاجلارنى سالدى. 42
ئەمدى مەن زىنا-بۇزۇقلۇقلار بىلەن ئۇپراپ قېرىغان پاھىشە توغرۇلۇق: «ئۇلار ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىۋەرسۇن؛ چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن [پاھىشە]» ــ دېدىم. 43
ــ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پاھىشە ئايالغا يېقىنلاشقاندەك ئۇنىڭغا يېقىن بېرىپ بىللە ياتتى؛ ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئوھولاھ ۋە ئوھولىباماھ بۇ ئىككى بۇزۇق ئايالغا يېقىنلىشىپ بىللە ياتتى. 44
بىراق ھەققانىي ئادەملەر ئۇلارنى زىناخور ئاياللارنى ۋە قان تۆككۈچى ئاياللارنى جازالىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار زىناخور ئاياللار، ئۇلارنىڭ قوللىرى قاندۇر. 45
چۈنكى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىر توپ ئادەملەرنى ئۇلارغا قارشى چىقىرىپ ئېلىپ كېلىمەن، ئۇلارنى ھەريانغا ھەيدىۋېتىشكە ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا تاپشۇرىمەن. 46
بۇ توپ كىشىلەر ئۇلارنى تاشلار بىلەن چالما-كېسەك قىلىپ، قىلىچلىرى بىلەن چېپىپ سويىدۇ؛ ئۇلار ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆيلىرىنى ئوت بىلەن كۆيدۈرىۋېتىدۇ. 47
شۇنىڭ بىلەن مەن زېمىندە بۇزۇقلۇققا خاتىمە بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئاياللار سىلەردىن ساۋاق ئېلىپ سىلەرنىڭ بۇزۇقلۇقلىرىڭنى دورىمايدۇ. 48
ئۇلار بۇزۇقلۇقۇڭنى ئۆز بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىدۇ، ۋە سىلەر مەبۇدلىرىڭلارغا چېتىشلىق بولغان گۇناھلارنى كۆتۈرىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ رەب پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 49

< ئەزاكىيال 23 >