< ئەزاكىيال 21 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
Yahweh’s word came to me, saying,
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى يېرۇسالېمغا قارىتىپ، «مۇقەددەس جايلار»نى ئەيىبلەپ، ئىسرائىل زېمىنىنى ئەيىبلەپ بېشارەت بېرىپ، 2
“Son of man, set your face toward Jerusalem, and preach toward the sanctuaries, and prophesy against the land of Israel.
يەنى ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن؛ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ، سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. 3
Tell the land of Israel, ‘Yahweh says: “Behold, I am against you, and will draw my sword out of its sheath, and will cut off from you the righteous and the wicked.
مەن سەندىن ھەم ھەققانىيلار ھەم رەزىللەرنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغىنىم ئۈچۈن، قىلىچىم بارلىق ئەت ئىگىلىرى، يەنى جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ھەممەيلەن بىلەن قارشىلىشىشغا غىلاپتىن چىقىدۇ؛ 4
Seeing then that I will cut off from you the righteous and the wicked, therefore my sword will go out of its sheath against all flesh from the south to the north.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغۇرغانلىقىمنى تونۇپ يېتىدۇ؛ قىلىچ غىلاپقا قايتىدىن يېنىپ كىرمەيدۇ. 5
All flesh will know that I, Yahweh, have drawn my sword out of its sheath. It will not return any more.”’
ئەمدى ئۇھ تارتقىن، ئى ئىنسان ئوغلى؛ ئىچ-باغرىڭ ئېچىشقۇدەك دەرد-ئەلەم بىلەن ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇھ-زار قىل. 6
“Therefore sigh, you son of man. You shall sigh before their eyes with a broken heart and with bitterness.
ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا ئۇھ تارتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، سەن ئۇلارغا: «بولغان شۇم خەۋەر تۈپەيلىدىن! مانا، ئۇ كېلىدۇ! بارلىق يۈرەكلەر ئېرىپ، بارلىق قوللار بوشاپ كېتىدۇ، بارلىق روھلار زەئىپلىشىپ، بارلىق تىزلار سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ مانا ئۇ كېلىۋاتىدۇ! ئۇ يېتىپ كەلدى! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن. 7
It shall be, when they ask you, ‘Why do you sigh?’ that you shall say, ‘Because of the news, for it comes! Every heart will melt, all hands will be feeble, every spirit will faint, and all knees will be weak as water. Behold, it comes, and it shall be done, says the Lord Yahweh.’”
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 8
Yahweh’s word came to me, saying,
ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بىر قىلىچ، بىر قىلىچ، بىسلانغان، پارقىرىتىلغان! 9
“Son of man, prophesy, and say, ‘Yahweh says: “A sword! A sword! It is sharpened, and also polished.
ئۇ زور قىرغىنچىلىق ئۈچۈن بىسلانغان، ئۇنى يالتىراشقا پارقىراتقان؛ ئۆز ئوغلۇمنىڭ شاھانە ھاسىسى ھەرقانداق ئاددىي تاياقنى كەمسىتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، خۇشال بولۇپ كېتىشىمىزگە توغرا كېلەمدۇ؟ 10
It is sharpened that it may make a slaughter. It is polished that it may be as lightning. Should we then make mirth? The rod of my son condemns every tree.
ئۇ قىلىچنى پارقىرىتىلىشقا، قول بىلەن تۇتۇشقا بېكىتكەن؛ قىلىچ بىلەنگەن، پارقىرىتىلغان، قەتل قىلغۇچىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇشقا تەييارلانغاندۇر! 11
It is given to be polished, that it may be handled. The sword is sharpened. Yes, it is polished to give it into the hand of the killer.”’
نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ پىغان چەككىن، ئى ئىنسان ئوغلى، چۈنكى [قىلىچ] مېنىڭ خەلقىمگە قارشى چىققان؛ ئۇ ئىسرائىلنىڭ بارلىق شاھزادىلىرىگە قارشى چىققان؛ ئۇلار ئۆز خەلقىم بىلەن تەڭ قىلىچقا تاپشۇرۇلغان؛ شۇڭا يانپىشىڭغا قاتتىق ئۇرۇپ قويغىن! 12
Cry and wail, son of man; for it is on my people. It is on all the princes of Israel. They are delivered over to the sword with my people. Therefore beat your thigh.
چۈنكى سىناق كەلدى؛ ئەمدى بۇ «شاھانە ھاسا» باشقا ياغاچلارنى كەمسىتكىنى بىلەن، ئۇ بەرىبىر تۈگىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 13
“For there is a trial. What if even the rod that condemns will be no more?” says the Lord Yahweh.
ــ ئەمدى سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بەرگىن، چاۋاك چالغىن! قىلىچ ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم ئۇرۇپ قىرسۇن! ئۇ قىرغۇچى قىلىچ، ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشىۋالغان زور قەتل قىلغۇچى قىلىچتۇر! 14
“You therefore, son of man, prophesy, and strike your hands together. Let the sword be doubled the third time, the sword of the fatally wounded. It is the sword of the great one who is fatally wounded, which enters into their rooms.
ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرىنى ئېرىسۇن دەپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرى پۇتلىشىپ كەتسۇن دەپ، مەن ئۇلارنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىغا تەھدىت سالغۇچى قىلىچنى قارىتىپ قويدۇم. ۋاي! ئۇ چاقماقتەك پارقىرىتىلغان، ئۇ قىرىشقا سۇغۇرۇلغان؛ 15
I have set the threatening sword against all their gates, that their heart may melt, and their stumblings be multiplied. Ah! It is made as lightning. It is pointed for slaughter.
ئى قىلىچ، ئوڭ تەرەپكە ئۆتكۈر بول! سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ چاپ! بىسىڭنى قەيەرگە قاراتقان بولسا شۇ يەرگە چاپ! 16
Gather yourselves together. Go to the right. Set yourselves in array. Go to the left, wherever your face is set.
مەنكى پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن چاۋاك چالىمەن، ئۆز قەھرىمنى تۆكۈپ پىغاندىن چىقىمەن؛ مەنكى پەرۋەردىگار شۇنداق سۆز قىلدىم. 17
I will also strike my hands together, and I will cause my wrath to rest. I, Yahweh, have spoken it.”
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 18
Yahweh’s word came to me again, saying,
سەن ئى ئىنسان ئوغلى، بابىل پادىشاھىنىڭ قىلىچىنىڭ مېڭىشىغا تەييارلانغان ئىككى يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ ئىككىلىسى بىر زېمىندىن چىقىدىغان بولسۇن؛ [يېرۇسالېم] شەھىرىگە ماڭىدىغان يولنىڭ بېشىدا بىر يول بەلگىسىنى تىكلەپ قويغىن؛ 19
“Also, you son of man, appoint two ways, that the sword of the king of Babylon may come. They both will come out of one land, and mark out a place. Mark it out at the head of the way to the city.
يەنى قىلىچنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىگە بىر يول ھەمدە يەھۇداغا، يەنى ئىستىھكامى مەستەھكەم يېرۇسالېم شەھىرىگە يەنە بىر يولنى بېكىتىپ قويغىن؛ 20
You shall appoint a way for the sword to come to Rabbah of the children of Ammon, and to Judah in Jerusalem the fortified.
چۈنكى بابىلنىڭ پادىشاھى ئاچا يولدا، يەنى ئىككى يولنىڭ بېشىدا پال ئاچقۇزىدۇ؛ ئۇ ئوقلارنى سىلكىيدۇ، «كۆچمە مەبۇدلار»دىن سورايدۇ، جىگەرنى تەكشۈرىدۇ. 21
For the king of Babylon stood at the parting of the way, at the head of the two ways, to use divination. He shook the arrows back and forth. He consulted the teraphim. He looked in the liver.
ئەمدى سېپىلنى بۆسكۈچى بازغانلارنى تىكلەشنى، قان تۆكۈشكە پەرمان قىلىشنى، جەڭ ئېلان قىلىپ توۋلاشنى، دەرۋازىلارغا ئۇرۇلغۇچى بازغانلارنى تىكلەشنى، سېپىلغا چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى ياساشنى، پوتەيلەرنى قۇرۇشنى، يېرۇسالېمنى [مۇھاسىرىگە ئېلىشنى] كۆرسىتىدىغان پال ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا چۈشىدۇ؛ 22
In his right hand was the lot for Jerusalem, to set battering rams, to open the mouth in the slaughter, to lift up the voice with shouting, to set battering rams against the gates, to cast up mounds, and to build forts.
گەرچە بۇ پال ئۇلارغا يالغان كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇلار ئىچكەن قەسەملەر تۈپەيلىدىن، يەھۇدادىكىلەرنى چاڭگىلىغا ئالسۇن دەپ پادىشاھ ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرىدۇ. 23
It will be to them as a false divination in their sight, who have sworn oaths to them; but he brings iniquity to memory, that they may be taken.
ــ شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ ئاسىيلىقىڭلار ئاشكارىلىنىپ، بارلىق قىلمىشلىرىڭلاردا گۇناھلىرىڭلار كۆرۈنگەچكە، قەبىھلىكىڭلارنى ئەسكە كەلتۈرگىنىڭلار تۈپەيلىدىن ــ يەنى ئۆزۈڭلار پاش قىلىنىپ ئەسكە ئېلىنغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، سىلەر قولغا ئېلىنىسىلەر. 24
“Therefore the Lord Yahweh says: ‘Because you have caused your iniquity to be remembered, in that your transgressions are uncovered, so that in all your doings your sins appear; because you have come to memory, you will be taken with the hand.
ئەمدى سەن، ئى ئىسرائىلنىڭ مۇناپىق ھەم رەزىل شاھزادىسى، قەبىھلىكىڭنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقىنىدا، كۆرىدىغان كۈنىڭ كېلىدۇ! 25
“‘You, deadly wounded wicked one, the prince of Israel, whose day has come, in the time of the iniquity of the end,
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەللىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋەت، تاجنى ئېلىۋەت؛ ئىشلار ئۆز پېتىدا تۇرىۋەرمەيدۇ؛ پەس تۇرغاننى ئېگىز قىل، ئېگىز تۇرغاننى پەس قىل؛ 26
the Lord Yahweh says: “Remove the turban, and take off the crown. This will not be as it was. Exalt that which is low, and humble that which is high.
ئۇنىڭ [تەختىنى] ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت، ئۆرۈۋەت! ئۇنىڭ ھوقۇقىنىڭ ئىگىسى كەلمىگۈچە، ئۇ يەنە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ مەن ئۇنى ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىمەن. 27
I will overturn, overturn, overturn it. This also will be no more, until he comes whose right it is; and I will give it.”’
ئەمدى ئى ئىنسان ئوغلى، بېشارەت بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار ئاممونىيلار ۋە ئۇلارنىڭ مازاقلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بىر قىلىچ، بىر قىلىچ قەتل قىلىشقا سۇغۇرۇلغان؛ ئۇ ئادەمنى يەۋېتىشكە، چاقماقتەك يالتىراشقا پارقىرىتىلغان!» ــ دېگىن! 28
“You, son of man, prophesy and say, ‘The Lord Yahweh says this concerning the children of Ammon, and concerning their reproach: “A sword! A sword is drawn! It is polished for the slaughter, to cause it to devour, that it may be as lightning;
چۈنكى پالچىلار سەن قىلىچ توغرۇڭدا قۇرۇق ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، سەن ئۈچۈن يالغاندىن بىر پال سالىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ كۆرىدىغان كۈنى كەلگەندە، قەبىھلىكنىڭ جازالىنىش ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلار سېنى شۇ قىرىلغان رەزىللەرنىڭ بويۇنلىرى ئۈستىگە قوشۇپ ياتقۇزىدۇ! 29
while they see for you false visions, while they divine lies to you, to lay you on the necks of the wicked who are deadly wounded, whose day has come in the time of the iniquity of the end.
بۇ قىلىچنى ئۆز غىلاپىغا قايتۇرۇپ سال! مەن سېنىڭ ئۈستۈڭگە ئۆزۈڭ يارىتىلغان جايدا، يەنى سەن تۆرۈلگەن جايدا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 30
Cause it to return into its sheath. In the place where you were created, in the land of your birth, I will judge you.
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستۈڭگە قەھرىمنى تۆكۈپ ياغدۇرۇپ، غەزىپىمنىڭ ئوتى قىلىپ پۈۋلەيمەن؛ مەن سېنى قاتىللىققا ماھىر ياۋۇز ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن؛ 31
I will pour out my indignation on you. I will blow on you with the fire of my wrath. I will deliver you into the hand of brutish men, skillful to destroy.
سەن ئوتقا يېقىلغۇ بولىسەن؛ سېنىڭ قېنىڭ ئۆز زېمىنىڭدە تۆكۈلىدۇ؛ سەن قايتىدىن ئەسلەنمەيسەن؛ چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان. 32
You will be for fuel to the fire. Your blood will be in the middle of the land. You will be remembered no more; for I, Yahweh, have spoken it.”’”

< ئەزاكىيال 21 >