< ئەزاكىيال 20 >

يەتتىنچى يىلى، بەشىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئىسرائىلنىڭ بەزى ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن سورىغىلى مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى. 1
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 2
ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مەندىن سورىغىلى كەلدىڭلار؟ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار ــ مەن سىلەرنىڭ مەندىن سورىشىڭلارغا يولغا قويمايمەن. 3
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرامسەن، ئى ئادەم بالىسى، ھۆكۈم چىقىرامسەن؟ ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئايان قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ 4
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئىسرائىلنى تاللىغان كۈنىدە، ياقۇپ جەمەتىنىڭ نەسلىگە قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۆزۈمنى ئۇلارغا ئايان قىلغىنىمدا، يەنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىپ ئۇلارغا: «مەن پەرۋەردىگار سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن» دېگىنىمدە 5
ــ شۇ كۈنى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ ئۇلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىزدەپ تاپقان سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىن ئارىسىدىكى ئەڭ گۈزەل زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن، قول كۆتۈرۈپ قەسەم قىلدىم؛ 6
مەن ئۇلارغا: «ھەربىرىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭلار، مىسىرنىڭ بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار؛ مەن پەرۋەردىگار خۇدايڭلاردۇرمەن» ــ دېدىم. 7
لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ ماڭا قۇلاق سېلىشنى خالىمايتتى؛ ھېچقايسىسى نە ئۆز كۆزى ئالدىدىكى نەپرەتلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتمىدى، نە مىسىرنىڭ بۇتلىرىدىن ھېچ ئايرىلمىدى. ئاندىن مەن قەھرىمنى مىسىر زېمىنى ئىچىدە ئۇلارغا تۆكۈپ، ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى باسىمەن، دېدىم ــ 8
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئۇلار تۇرغان ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن چىقىرىشىم بىلەن ئۆزۈمنى ئايان قىلغانىدىم؛ 9
شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن [تولۇق] چىقىرىپ، چۆل-باياۋانغا ئاپاردىم. 10
ۋە مەن بەلگىلىمىلىرىمنى بېرىپ، ئۆز ھۆكۈملىرىمنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم ــ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدىغان كىشى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 11
ئۆزۈم ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى بېشارەت بولسۇن دەپ، مېنىڭ ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىدىغان پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن «شابات كۈن»لىرىمنى ئۇلارغا بېغىشلىدىم؛ 12
لېكىن ئىسرائىل جەمەتى چۆل-باياۋاندا ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ چۈنكى ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىدى، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چەتكە قاقتى (ئەگەر ئادەملەر بۇ ئەمرلەرگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ۋە مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى قاتتىق بۇلغىدى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۆل-باياۋاندا ئۇلار ھالاك قىلىنغۇچە قەھرىمنى تۆكىمەن دېدىم ــ 13
ھالبۇكى، نامىمنىڭ ئەللەر ئارىسىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ چۈنكى مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. 14
مەن يەنە چۆل-باياۋاندا ئۇلارغا سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان، ھەممە زېمىننىڭ گۈلى بولغان زېمىنغا كىرگۈزمەيمەن دەپ، قولۇمنى كۆتۈرۈپ قەسەم قىلىمەن دېدىم 15
(چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلبى بۇتلىرىغا ئەگىشىپ كەتكەچكە، مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمدە ماڭمىغان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان)؛ ــ 16
ھالبۇكى، كۆزۈم ئۇلارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلمىدىم ياكى ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا تۈگەشتۈرمىدىم. 17
مەن چۆل-باياۋاندا ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا مۇنداق دېدىم: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ بەلگىمىلىرىدە ماڭماڭلار، نە ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتماڭلار نە بۇتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. 18
مەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭلاردۇرمەن؛ مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە مېڭىپ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ 19
مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى پاك-مۇقەددەس دەپ ئەتىۋارلاڭلار؛ ئۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن مەن ۋە سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى بىر بېشارەتتۇر. 20
لېكىن بالىلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى؛ ئۇلار نە مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە ماڭمىغان نە مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تۇتمىغان (بىرسى ئۇلارغا ئەمەل قىلسا، ئۇ ئۇلار بىلەن ھاياتقا ئېرىشىدۇ) ئۇلار مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇلغىغان؛ شۇڭا مەن قەھرىمنى ئۇلار ئۈستىگە تۆكۈپ ئۇلارغا قاراتقان ئاچچىقىمنى چۈشۈرۈپ پىغاندىن چىقىمەن، دېدىم؛ 21
لېكىن جازادىن قولۇمنى تارتىپ، نامىمنى ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانمىسۇن دەپ ئۆز نامىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدىم؛ مەن بۇ ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغانمەن. 22
چۆل-باياۋاندا مەن قولۇمنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا سىلەرنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىمەن، مەملىكەتلەر ئىچىگە تارىتىمەن دەپ قەسەم قىلىمەن، دېدىم؛ 23
چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى ئادا قىلمىغان، بەلگىلىمىلىرىمنى چەتكە قاققان، مېنىڭ «شابات كۈن»لىرىمنى بۇزغان؛ ئۇلار كۆزلىرىنى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇتلىرىغا تىكمەكتە ئىدى؛ 24
شۇڭا مەن ئۇلارغا ياخشى بولمىغان بەلگىلىمىلەرنى، ئۇلارنى ھاياتقا ئېلىپ بارمايدىغان ھۆكۈملەرنى بېغىشلىدىم؛ 25
ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئۆزىدىن سەسكەندۈرۈپ، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆز ھەدىيەلىرى ئارقىلىق بۇلغىدىم، چۈنكى ئۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە بارلىق تۇنجى بالىلىرىنى ئاتاپ قوياتتى. 26
شۇڭا، ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتىگە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار شۇ ئىشتىمۇ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلغانكى، ئۇلار ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان؛ 27
ئۇلار مەن ئۆز قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان يەرگە كىرگەندە، ئۇلار شۇ يەردىكى ئۇدۇل كەلگەن ھەربىر يۇقىرى دۆڭ ھەم باراقسان دەرەخنى كۆرۈپلا شۇ جايلاردا ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى قىلىپ، مېنى ئاچچىقلاندۇرىدىغان ھەدىيەلەرنى قىلاتتى؛ ئۇلار شۇ يەردىمۇ «خۇشپۇراق ھەدىيە»لىرىنى پۇرىتىپ، «شاراب ھەدىيە»لىرىنى تۆكەتتى؛ 28
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلاردىن: «سىلەر چىقىدىغان بۇ يۇقىرى جاي دېگەن نېمە؟» دەپ سورىدىم؛ شۇڭا بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ ئىسمى «باماھ»دۇر. 29
شۇڭا ئىسرائىل جەمەتىگە مۇنداق دېگىن: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدا ئۆزلىرىڭلارنىمۇ بۇلغىماقچىمۇسىلەر؟ ئۇلارنىڭ نەپرەتلىك قىلمىشلىرىغا ئەگىشىپ بۇزۇقلۇق قىلماقچىمۇسىلەر؟ 30
ئەمدى سىلەر ھەدىيەلىرىڭلارنى سۇنۇپ، ئۆز ئوغۇللىرىڭلارنى ئوتتىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر يەنىلا بۈگۈنگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بارلىق بۇتلىرىڭلار بىلەن بۇلغاۋاتىسىلەر؛ ئەمدى مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويامدىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟! مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرنىڭ مېنى ئىزدەپ سورىشىڭلارغا يول قويمايمەن! 31
شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلەردىكى «بىز يات ئەللەردەك، باشقا يۇرتلاردىكى جەمەتلەردەك ياغاچ ھەم تاش مەبۇدلارغا چوقۇنىمىز» دېگەن كويۇڭلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ! 32
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، مەن بەرھەق كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرغان قەھرىم بىلەن ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن. 33
مەن كۈچلۈك قول، ئۇزارتقان بىلىكىم ھەم تۆكۈپ ياغدۇرۇلغان قەھر بىلەن سىلەرنى ئەللەردىن چىقىرىپ ئېپكېلىمەن، تارقىتىلغان مەملىكەتلەردىن سىلەرنى يىغىمەن؛ 34
سىلەرنى ئەللەرگە تەۋە بولغان چۆل-باياۋانغا كىرگۈزۈپ، شۇ يەردە ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ 35
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ ئۈستىدىن مىسىر زېمىنىدىكى چۆل-باياۋانغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالغىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن يۈز تۇرانە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 36
مەن سىلەرنى ھاسا ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەھدىنىڭ رىشتىسىگە باغلاندۇرىمەن. 37
مەن ئاراڭلاردىن ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئاسىيلارنى شاللاپ چىقىرىمەن؛ ئۇلارنى تۇرۇۋاتقان جايلاردىن چىقىرىمەن، بىراق ئۇلار ئىسرائىل زېمىنىغا كىرمەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 38
ــ ئەمدى سىلەر بولساڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى، رەب پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا قۇلاق سالمايمىز دېسەڭلار، بېرىۋېرىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز بۇتلىرىڭلارغا چوقۇنىۋېرىڭلار! بىراق سىلەر يەنە ھەدىيەلىرىڭلار ھەم مەبۇدلىرىڭلار بىلەن مېنىڭ نامىمنى ئىككىنچى بۇلغىمايسىلەر! 39
چۈنكى مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئېگىزلىكىدىكى تاغدا، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بارلىق ئىسرائىل جەمەتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا زېمىندە تۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ؛ مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى قوبۇل قىلىمەن ۋە ئۇ يەردە مەن سىلەردىن «كۆتۈرمە ھەدىيە»لىرىڭلارنى، تۇنجى ھوسۇل بولغان كۆكتات-مېۋىلىرىڭلارنى، شۇنداقلا بارلىق مۇقەددەس دەپ ئايرىپ بېغىشلىغان نەسرىلىرىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن. 40
مەن سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن چىقىرىپ، مەملىكەتلەردىن ئېلىپ يىغقىنىمدا، ئېسىل خۇشبۇيدەك سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئاراڭلاردا ئۆزۈمنىڭ پاك-مۇقەددەس ئىكەنلىكىمنى كۆرسىتىمەن. 41
ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قولۇمنى كۆتۈرۈپ: «مۇشۇ زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلغان ئىسرائىل زېمىنىغا سىلەرنى كىرگۈزگىنىمدە، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر. 42
سىلەر ئۇ يەردە ئۆز يوللىرىڭلارنى ۋە ئۆزۈڭلارنى بۇلغىغان بارلىق قىلمىشلىرىڭلارنى ئەسلەيسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن رەزىل ئىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى كۆزگە ئىلمايسىلەر، ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن نەپرەتلىنىسىلەر. 43
مەن رەزىل يوللىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، ياكى بۇزۇق قىلمىشلىرىڭلارغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى ئۆز نامىم ئۈچۈن سىلەرگە شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلغاندىن كېيىن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىپ يېتىسىلەر، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 44
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 45
ئى ئىنسان ئوغلى، يۈزۈڭنى تېمان شەھىرىگە قارىتىپ، جەنۇبتىكىلەرنى ئەيىبلەپ، نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىنى ئەيىبلەيدىغان بېشارەت بېرىپ، ــ 46
يەنى نەگەۋ ئورمانلىق دالاسىغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، مەن ساڭا بىر ئوت ياقىمەن؛ ئۇ سەندىكى ھەممە يېشىل دەرەخنى ھەمدە ھەممە قاقشال دەرەخنى يەۋېتىدۇ؛ يالقۇنلۇق ئوت ھېچ ئۆچمەيدۇ، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتكۈل يەر يۈزى ئۇنىڭ بىلەن كۆيۈپ كېتىدۇ؛ 47
بارلىق ئەت ئىگىلىرى مەنكى پەرۋەردىگار ئۇنى ياققانلىقىمنى كۆرۈپ يېتىدۇ؛ ئۇ ھېچقاچان ئۆچۈرۈلمەيدۇ!». 48
ۋە مەن: ــ ئاھ، پەرۋەردىگار! ئۇلار مەن توغرۇلۇق: «ئۇ پەقەت تەمسىللەرنىلا سۆزلەۋاتىدۇ» دەيدۇ! ــ دېدىم. 49

< ئەزاكىيال 20 >