< ئەزاكىيال 17 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، بىر تېپىشماقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسرائىل جەمەتىگە بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگىن: ــ 2
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «كەڭ قاناتلىق، زىچ رەڭگارەڭ ئۇزۇن پەيلىك چوڭ بىر بۈركۈت لىۋانغا كېلىپ، شۇ يەردىكى ئېگىز كېدىر دەرىخىنىڭ ئۇچىدىكى شاخنى ئالدى؛ 3
ئۇ ئەڭ يۇقىرى يۇمران بىخىنى ئۈزۈۋېلىپ، ئۇنى سودىگەرنىڭ زېمىنىغا ئاپىرىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ شەھىرىگە تىكتى. 4
ئۇ يەنە زېمىندىن باشقا ئۇرۇقنى ئېلىپ باغلىق بىر ئېتىزغا تىكتى؛ ئۇنى مول سۇلار بويىدا سېلىپ، سۈگەت تېلىدەك تىكلىدى. 5
ئۇ ئۆسۈپ، كەڭ يېيىلىپ، پەس بويلۇق ئۈزۈم تېلى بولۇپ چىقتى؛ ئۇنىڭ شاخلىرى [بۈركۈت] تەرەپكە قاراپ ئۆستى، يىلتىزلىرىمۇ ئۇنىڭ ئاستىغا سوزۇلدى. شۇ يول بىلەن ئۇ ئۈزۈم تېلى بولۇپ، شاخلاندى، بىخلاندى. 6
ئەمدى كەڭ قاناتلىق، زىچ پەيلىك يەنە بىر چوڭ بۈركۈت پەيدا بولدى؛ ۋە مانا، بۇ ئۈزۈم تېلى «ئۇ مېنى سۇغارسۇن» دەپ، تىكىلگەن چۆنەكلىرىدىن يىلتىزلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ تارتتى، شاخلىرىنى ئۇنىڭغا قاراپ سوزدى؛ 7
مانا، ئۇ ئوبدان شاخلاپ مېۋە بەرسۇن، ئېسىل ئۈزۈم تېلى بولسۇن دەپ مۇنبەت ئېتىزدا، مول سۇلار بويىغا تىكىلگەنىدى». 8
ئەمدى رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ئۇ روناق تاپامدۇ؟ ئۇنى قاقشال قىلىۋېتىش ئۈچۈن [بۈركۈت] يىلتىزلىرىنى يۇلۇپ، مېۋىسىنى كېسىۋەتمەمدۇ؟ ئۇنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى خازان بولىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇنى يىلتىزلىرىدىن يۇلۇۋېلىشقا كۈچلۈك بىر بىلەك ياكى نۇرغۇن خەقلەرنىڭ ھېچ كېرىكى بولمايدۇ. 9
ئەمدى ھەتتا قايتىدىن تىكىلگەن بولسا، روناق تاپامدۇ؟ شەرق شامىلى ئۇنىڭغا تەگكەندىلا تازا قاغجىراپ كەتمەمدۇ؟ ئۇ تىكىلىپ ئۆسكەن چۆنەكلىرىدە قاغجىراپ كېتىدۇ». 10
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ شۇنداق دېيىلدى: ــ 11
«ئاسىي جەمەتتىن: «مۇشۇ ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سوراپ، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مانا، بابىل پادىشاھى يېرۇسالېمغا كېلىپ، ئۇنىڭ پادىشاھى ھەم شاھزادىلىرىنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن بابىلغا قايتۇرۇپ ئاپاردى. 12
شۇ ۋاقىتتا ئۇ پادىشاھنىڭ نەسلىدىن بىر كىشىنى ئېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزۈپ ئۇنىڭغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ يەنە زېمىندىكى ئېسىل-مۆتىۋەر بولغانلارنى ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ كەتتى؛ 13
مەقسەت، پادىشاھلىقنىڭ تۆۋەن ئاجىز ھالەتتە بولۇپ، قەددىنى رۇسلىيالماي، پەقەت ئۇنىڭ ئەھدىسىنى تۇتۇشى بىلەن جېنىنى جان ئەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىدى. 14
بىراق ئۇ مىسىر بىزگە ئاتلار ھەم چوڭ قوشۇننى تەمىنلىسۇن دەپ ئەلچىلىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلدى. ئەمدى ئۇ روناق تاپامدۇ؟ مۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچى تىرىك قالامدۇ؟ ئۇ ئەھدىنى بۇزۇپ تىرىك قالامدۇ؟ 15
مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق ئۇ ئۆزىنى پادىشاھ قىلغان پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ يەنى ئۇنىڭ قەسىمىنى كەمسىتكەن، ئەھدىسىنى بۇزغان ھېلىقى پادىشاھنىڭ زېمىنىدە، ــ ئۇنىڭ يېنىدا، بابىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلىدۇ. 16
بولىدىغان جەڭدە، ئۇلار كېلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى قىرىش ئۈچۈن [سېپىلغا] چىقىدىغان دۆڭلۈكلەرنى سېلىپ، پوتەيلەرنى قۇرغاندا، پىرەۋن كۈچلۈك قوشۇن ھەم نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى باشلاپ كەلسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. 17
ئۇ قەسەمنى كەمسىتىپ، ئەھدىنى بۇزدى؛ مانا، ئۇ قول ئېلىشىپ سۆز بەردى، بىراق ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى قىلدى؛ شۇڭا ئۇ تىرىك قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ». 18
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھاياتىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەرھەق، ئۇ كەمسىتكەن قەسىمىم ھەمدە بۇزغان ئەھدەمنى بولسا، بۇلارنى ئۆز بېشىغا كىيگۈزىمەن. 19
مەن ئۆز تورۇمنى ئۈستىگە يېيىپ تاشلايمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى بابىلغا ئاپىرىمەن ھەمدە شۇ يەردە ماڭا قىلغان مۇتلەق ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 20
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارلىق قاچقانلار، بارلىق قوشۇنلىرى قىلىچ بىلەن يىقىلىدۇ؛ بۇلاردىن قالغانلار ھەربىر شامالغا تارقىتىلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ سۆز قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر». 21
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەنمۇ ئېگىز كېدىرنىڭ ئۇچىدىن بىخ ئېلىپ تىكىمەن؛ ئۇنىڭ ياپياش شاخچىلىرىنىڭ ئۇچىدىن يۇمران بىرسىنى ئۈزۈپ، ئېگىز ھەيۋەتلىك تاغ ئۈستىگە تىكىمەن؛ 22
ئىسرائىل ئېگىزلىكىدىكى تاغقا مەن ئۇنى تىكىمەن؛ ئۇ ئوبدان شاخلاپ، مېۋە بېرىپ، ئېسىل كېدىر دەرىخى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئاستىغا ھەرقانداق ئۇچار-قاناتلار قونىدۇ؛ ئۇنىڭ شاخلىرىنىڭ سايىسىدا ئۇلار قونۇپ تۇرىدۇ؛ 23
شۇنىڭ بىلەن دالادىكى بارلىق دەرەخلەر بىلىدۇكى، مەنكى پەرۋەردىگار ئېگىز دەرەخنى پەس قىلدىم، پەس دەرەخنى ئېگىز قىلدىم، يېشىل دەرەخنى قاغجىراتتىم، قاقشال دەرەخنى كۆكەرتىپ باراقسان قىلدىم؛ مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق سۆز قىلدىم ۋە شۇنى ئادا قىلىمەن». 24

< ئەزاكىيال 17 >