< ئەزاكىيال 15 >

ۋە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
«ئى ئىنسان ئوغلى، ئۈزۈم تېلى ياغىچىنىڭ باشقا دەرەخ ياغاچلىرىدىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ئۇنىڭ شېخىنىڭ ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا نېمە ئالاھىدىلىكى بار؟ 2
ئۇنىڭدىن بىرەر جابدۇقنى ياساشقا ماتېرىيال ئالغاننىڭ پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭدىن چىنىلەرنى ئاسقۇدەك قوزۇقنى ياسىغىلى بولامدۇ؟ 3
مانا، ئۇ ئوتقا يېقىلغۇ بولغاندا، ئوت ئۇنىڭ ئىككى ئۇچىنى كۆيدۈرگەندە، ئوتتۇرىسىمۇ يېرىم كۆيگەندە، ئەمدى ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ 4
مانا، ئۇ ساق بولغاندا، ھېچقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمىغان يەردە، ئەمدى ئوت ئۇنى كۆيدۈرۈپ يەپ كەتكەندە، ئۇنى بىرەر ئىشقا ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ 5
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدىكى ئۈزۈم تېلىنىڭ ياغىچىنى ئوتقا تاپشۇرغىنىمدەك، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى ئوتقا تاپشۇرىمەن. 6
يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى قىلىپ قارىتىمەن؛ ئۇلار بىر ئوتتىن چىقسا، باشقا بىر ئوت ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. ئۆز يۈزۈمنى ئۇلارغا قارشى بولۇپ قاراتقاندا، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 7
ئۇلارنىڭ قىلغان ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن مەن زېمىننى ۋەيرانە قىلىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 8

< ئەزاكىيال 15 >