< ئەزاكىيال 12 >

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 1
ئى ئىنسان ئوغلى، سەن ئاسىي بىر جەمەت ئارىسىدا تۇرىسەن؛ ئۇلارنىڭ كۆرۈشكە كۆزى بار ئەمما كۆرمەيدۇ، ئاڭلاشقا قۇلىقى بار، ئەمما ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاسىي بىر جەمەتتۇر. 2
ۋە سەن، ئى ئىنسان ئوغلى، سۈرگۈن بولغۇچىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ قويغىن؛ ۋە كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولغۇچىدەك ئۆز جايىڭدىن باشقا جايغا بارغىن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بىر جەمەت بولسىمۇ، ئېھتىماللىقى يوق ئەمەسكى، ئۇلار چۈشىنىپ يېتىدۇ. 3
كۈندۈزدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولۇشقا تەييارلىغان يۈك-تاقلاردەك يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىق؛ ئاندىن كەچ كىرەي دېگەندە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا سۈرگۈن بولىدىغان كىشىلەردەك جايىڭدىن چىقىپ كەتكىن؛ 4
تامنى كولاپ تېشىپ، يۈك-تاقلىرىڭنى ئېلىپ چىققىن؛ 5
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا بۇنى مۈرۈڭگە ئېلىپ، گۇگۇمدا كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىن؛ يەرنى كۆرەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن يۈزۈڭنى ياپقىن؛ چۈنكى مەن سېنى ئىسرائىل جەمەتىگە بېشارەت قىلدىم. 6
ۋە مەن بۇيرۇلغان بويىچە شۇنداق قىلدىم؛ كۈندۈزدە مەن سۈرگۈن بولغۇچى كىشىدەك يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ چىقتىم؛ ۋە كەچ كىرگەندە قولۇم بىلەن تامنى كولاپ تېشىپ، يۈل-تاقىلىرىمنى چىقىرىپ، گۈگۈمدە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۈرەمگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ ماڭدىم. 7
ئەتىگەندە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلىدى: ــ 8
«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل جەمەتى، يەنى ئاسىي بىر جەمەت، سەندىن: «بۇ نېمە قىلغىنىڭ» دەپ سورىغان ئەمەسمۇ؟ 9
ئۇلارغا: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: بۇ يۈكلەنگەن ۋەھىي يېرۇسالېمدىكى شاھزادە ھەم شۇ يەردىكى بارلىق ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر توغرۇلۇقتۇر» ــ دېگىن. 10
ئۇلارغا: «مەن سىلەر ئۈچۈن بېشارەت. مەن قانداق قىلغان بولسام، ئەمدى ئۇلارغىمۇ شۇنداق ئىشلار قىلدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئەسىر بولۇپ سۈرگۈن بولىدۇ» ــ دېگىن. 11
ئۇلار ئارىسىدىكى شاھزادە ئۆز يۈك-تاقلىرىنى گۇگۇمدە مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئۇلار تامنى كولاپ تېشىپ تۆشۈكتىن نەرسىلىرىنى چىقىرىدۇ؛ ئۇ ئۆز يۈزىنى يېپىپ زېمىننى كۆرەلمەيدىغان بولىدۇ. 12
شۇنىڭ بىلەن ئۆز تورۇمنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يايىمەن، ئۇ مېنىڭ قىلتىقىمدا تۇتۇلىدۇ؛ مەن ئۇنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى بولغان بابىلغا ئاپىرىمەن، بىراق ئۇ ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەيدۇ؛ ئۇ شۇ يەردە ئۆلىدۇ. 13
ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەم بارلىق قوشۇنلىرىنى مەن بارلىق شامالغا تارقىتىۋېتىمەن؛ مەن قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ ئۇلارنى قوغلايمەن. 14
مەن ئۇلارنى ئەللەر ئارىسىغا تارقىتىۋەتكىنىمدە، مەملىكەتلەر ئىچىگە تاراتقىنىمدا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ. 15
بىراق ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز بىر قىسمىنى، قىلىچ، ئاچارچىلىق ھەم ۋابا كېسىلىدىن خالاس قىلىمەن؛ مەقسىتىم شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرى بارىدىغان ئەللەردە ئۆزلىرىگە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ». 16
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 17
«ئىنسان ئوغلى، ئۆز نېنىڭنى تىترىگەن ھالدا يېگىن، سۈيۈڭنى دىر-دىر قىلىپ ئەنسىرىگەن ھالدا ئىچكىن؛ 18
ھەم شۇ زېمىندىكى كىشىلەرگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «رەب پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكىلەر ۋە ئىسرائىل زېمىنىدە تۇرۇۋاتقانلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆز نېنىنى ئەنسىرەش ئىچىدە يەيدۇ، سۈيىنى دەككە-دۈككىدە ئىچىدۇ؛ چۈنكى زېمىندە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ جەبىر-زۇلۇمى تۈپەيلىدىن، ئۇ يەر ھەممىسى يەكسان قىلىنىدۇ. 19
ئاھالىلىك شەھەرلەر خارابە بولۇپ، زېمىن ۋەيرانە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». 20
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 21
«ئى ئىنسان ئوغلى، ئىسرائىل زېمىنىدە: «كۈنلەر ئۇزارتىلىدۇ، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈش بىكارغا كېتىدۇ» دېگەن ماقالنى ئېيتقىنى نېمىسى؟ 22
ئەمدى ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ ماقالنى يوق قىلىمەن؛ ئىسرائىلدا بۇ ماقال ئىككىنچى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەن ئەكسىچە ئۇلارغا: «كۈنلەر يېقىنلاشتى، ھەربىر ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىمۇ يېقىنلاشتى» ــ دېگىن. 23
چۈنكى ئىسرائىل جەمەتىدە يالغان «ئالامەت كۆرۈنۈش» ياكى ئادەمنى ئۇچۇرۇدىغان پالچىلىقلار قايتا بولمايدۇ. 24
چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن؛ مەن سۆز قىلىمەن، ھەم قىلغان سۆزۈم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردا، ئى ئاسىي جەمەت، مەن سۆز قىلىمەن ھەم ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 25
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 26
«ئى ئىنسان ئوغلى، مانا، ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر سېنىڭ توغرۇلۇق: «ئۇ كۆرگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ئۇزۇن كۈنلەردىن كېيىنكى ۋاقىتلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ بىزگە يىراق كەلگۈسى توغرۇلۇق بېشارەت بېرىدۇ» ــ دەيدۇ. 27
شۇڭا ئۇلارغا: ــ رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ سۆزلىرىمدىن ھېچقايسىسى يەنە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، بەلكى قىلغان سۆزۈم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار» ــ دېگىن». 28

< ئەزاكىيال 12 >