< ئەزاكىيال 11 >

روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ شەرقىي، يەنى شەرققە قارايدىغان دەرۋازىسىغا ئاپاردى؛ ۋە مانا، دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا يىگىرمە بەش ئادەم تۇراتتى؛ مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاۋامنىڭ ئاقساقىلى بولغان، ئاززۇرنىڭ ئوغلى جائازانىيا ھەم بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيانى كۆردۈم. 1
Moreover the Spirit lifted me up, and brought me to the east gate of Jehovah's house, which looks eastward: and see, at the door of the gate twenty-five men; and I saw in their midst Jaazaniah the son of Azzur, and Pelatiah the son of Benaiah, officials of the people.
ۋە ئۇ ماڭا: ــ ئى ئىنسان ئوغلى، قەبىھلىكنى ئويلاپ چىققۇچى، مۇشۇ شەھەردە رەزىل مەسلىھەت بەرگۈچى ئادەملەر دەل بۇلاردۇر. 2
He said to me, "Son of man, these are the men who devise iniquity, and who give wicked counsel in this city;
ئۇلار: «ئۆيلەرنى سېلىش ۋاقتى يېقىنلاشتى ئەمەسمۇ؟ بۇ شەھەر بولسا قازان، بىز بولساق، ئىچىدىكى گۆش» ــ دەيدۇ. 3
who say, 'The time is not near to build houses: this is the caldron, and we are the meat.'
شۇڭا ئۇلارنى ئەيىبلەپ بېشارەت بەرگىن؛ ــ بېشارەت بەرگىن، ئى ئىنسان ئوغلى! ــ دېدى. 4
Therefore prophesy against them, prophesy, son of man."
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا ئۇرۇلۇپ چۈشۈپ، ماڭا سۆز قىلغان: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» ــ دېگىن. «سىلەرنىڭ شۇنداق دېگىنىڭلارنى، ئى ئىسرائىل جەمەتى؛ كۆڭلۈڭلەرگە پۈككەن ئوي-پىكرىڭلارنى، مەن بىلىمەن. 5
The Spirit of Jehovah fell on me, and he said to me, "Speak, Thus says Jehovah: 'Thus you have said, house of Israel; for I know the things that come into your mind.
سىلەر مۇشۇ شەھەردە ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كۆپەيتكەنسىلەر؛ سىلەر رەستە-كوچىلارنى ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن تولدۇرغانسىلەر». 6
You have multiplied your slain in this city, and you have filled its streets with the slain.'
شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر ئۆلتۈرگەن كىشىلەر بولسا، دەل شۇ گۆشتۇر، شەھەر بولسا قازاندۇر؛ بىراق سىلەرنى بولسا ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن. 7
Therefore thus says Jehovah: 'Your slain whom you have laid in its midst, they are the meat, and this is the caldron; but I will bring you out of it.
سىلەر قىلىچتىن قورقۇپ كەلگەنسىلەر، ۋە مەن ئۈستۈڭلارغا بىر قىلىچ چۈشۈرىمەن» ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار. 8
You have feared the sword; and I will bring the sword on you,' says Jehovah.
«شۇنىڭ بىلەن مەن سىلەرنى شەھەردىن تارتىۋېلىپ، يات ئادەملەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 9
'I will bring you forth out of its midst, and deliver you into the hands of strangers, and will execute judgments among you.
سىلەر قىلىچلىنىپ يىقىلىسىلەر؛ ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر. 10
You shall fall by the sword; I will judge you in the border of Israel; and you shall know that I am Jehovah.
بۇ شەھەر سىلەر ئۈچۈن «قازان» بولمايدۇ، ھەم سىلەرمۇ ئۇنىڭكى «گۆش»ى بولمايسىلەر؛ مەن ئىسرائىل چېگرالىرىدا ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن. 11
This shall not be your caldron, neither shall you be the meat in its midst; I will judge you in the border of Israel;
ۋە سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر؛ سىلەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرمىگەن، ھۆكۈملىرىم بويىچە ماڭمىغانسىلەر، بەلكى ئۆپچۆرەڭلاردىكى ئەللەرنىڭ ھۆكۈملىرى بويىچە ماڭغانسىلەر». 12
and you shall know that I am Jehovah: for you have not walked in my statutes, neither have you executed my ordinances, but have done after the ordinances of the nations that are around you.'"
شۇنداق بولدىكى، مەن بېشارەت بېرىۋاتقىنىمدا، بەنايانىڭ ئوغلى پىلاتىيا جان ئۈزدى. مەن دۈم يىقىلدىم: «ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! سەن ئىسرائىلنىڭ قالدىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتماقچىمۇسەن؟» ــ دەپ قاتتىق ئاۋازدا نىدا قىلدىم. 13
It happened, when I prophesied, that Pelatiah the son of Benaiah died. Then I fell down on my face, and cried with a loud voice, and said, "Ah, Jehovah. Will you make a full end of the remnant of Israel?"
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 14
The word of Jehovah came to me, saying,
ئى ئىنسان ئوغلى، يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ: «پەرۋەردىگاردىن يىراق كېتىڭلار! چۈنكى مۇشۇ زېمىن بىزگىلا مىراس قىلىپ تەقدىم قىلىنغان!» دېگەن گېپى، سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ، يەنى سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بولغان سۈرگۈنلەرگە ھەم ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىگە قارىتىپ ئېيتىلغان. 15
"Son of man, your brothers, the men of your relatives, and all the house of Israel, all of them, to whom the inhabitants of Jerusalem have said, 'Go far away from Jehovah. This land has been given to us for a possession.'
شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: گەرچە مەن ئۇلارنى يىراق يەرلەرگە، ئەللەر ئارىسىغا يۆتكىۋەتكەن ھەم مەملىكەتلەر ئىچىگە تارقىتىۋەتكەن بولساممۇ، ئۇلار بارغان يەرلەردىمۇ مەن ئۆزۈم ئۇلارغا كىچىككىنە بىر پاك-مۇقەددەس باشپاناھ بولىمەن». 16
Therefore say, 'Thus says Jehovah: "Whereas I have removed them far off among the nations, and whereas I have scattered them among the countries, yet will I be to them a sanctuary for a little while in the countries where they have come."'
شۇڭا مۇنداق دېگىن: «رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى ئەللەردىن يىغىمەن، تارقىتىۋېتىلگەن مەملىكەتلەردىن سىلەرنى جەم قىلىمەن، ئاندىن ئىسرائىل زېمىنىنى سىلەرگە قايتۇرۇپ تەقدىم قىلىمەن. 17
Therefore say, 'Thus says Jehovah: "I will gather you from the peoples, and assemble you out of the countries where you have been scattered, and I will give you the land of Israel."
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يەرگە قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلار بارلىق لەنەتلىك نەرسىلەرنى ھەم بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى ئۇ يەردىن يوق قىلىدۇ. 18
They shall come there, and they shall take away all the detestable things of it and all its abominations from there.
مەن ئۇلارغا بىر قەلبنى بېرىمەن، ئىچىڭلارغا يېڭى بىر روھنى سالىمەن؛ مەن ئۇلارنىڭ تېنىدىن تاشتەك قەلبنى ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلارغا مېھرلىك بىر قەلبنى بېرىمەن. 19
I will give them one heart, and I will put a new spirit within you; and I will take the stony heart out of their flesh, and will give them a heart of flesh;
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمدە يۈرىدۇ، مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 20
that they may walk in my statutes, and keep my ordinances, and do them: and they shall be my people, and I will be their God.
بىراق كۆڭۈللىرى لەنەتلىك نەرسىلەرگە ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىغا بېغىشلانغانلار بولسا، مەن ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرىمەن»، ــ دەيدۇ رەب پەرۋەردىگار». 21
But as for them whose heart walks after the heart of their detestable things and their abominations, I will bring their way on their own heads,' says Jehovah."
كېرۇبلار قاناتلىرىنى يايدى، ئۇلارنىڭ چاقلىرى ئۆز يېنىدا تۇراتتى؛ ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ شان-شەرىپى ئۇلار ئۈستىدە يۇقىرى تۇراتتى؛ 22
Then the cherubim lifted up their wings, and the wheels were beside them; and the glory of the God of Israel was over them above.
ۋە پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ، شەھەرنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغ ئۈستىدە توختىدى. 23
The glory of Jehovah went up from the midst of the city, and stood on the mountain which is on the east side of the city.
شۇنىڭ بىلەن روھ مېنى كۆتۈرۈپ، خۇدانىڭ روھى بەرگەن بۇ كۆرۈنۈشتە مېنى كالدىيەگە، يەنى سۈرگۈن بولغانلارغا ئاپاردى؛ شۇئان مەن كۆرگەن بۇ كۆرۈنۈش مەندىن كەتتى. 24
The Spirit lifted me up, and brought me in the vision by the Spirit of God into Chaldea, to them of the captivity. So the vision that I had seen went up from me.
شۇنىڭ بىلەن مەن سۈرگۈن بولغانلارغا پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. 25
Then I spoke to them of the captivity all the things that Jehovah had shown me.

< ئەزاكىيال 11 >