< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 1 >

ۋە تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل [بىلەن بىللە] مىسىرغا بارغان ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى (ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغانىدى): ــ 1
رۇبەن، شىمېئون، لاۋىي، يەھۇدا، 2
ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 3
دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشىر. 4
ئەمدى ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغانلار جەمئىي بولۇپ يەتمىش ئادەم ئىدى. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپ مىسىردا ئىدى. 5
كېيىن يۈسۈپ، ئۇنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى. 6
شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىللار كۆپ تۇغۇلۇپ، تېز ئاۋۇپ، ئىنتايىن كۈچەيدى؛ ئۇلار زېمىنغا بىر كەلدى. 7
ئۇ ۋاقىتلاردا يۈسۈپنى بىلمەيدىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 8
ئۇ خەلقىگە: مانا، ئىسرائىللارنىڭ خەلقى بىزدىن زىيادە ئاۋۇپ ھەمدە بىزدىنمۇ كۈچلىنىپ كەتتى. 9
ئەمدى بىز ئۇلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە ئىش تۇتايلى؛ بولمىسا، ئۇلار تېخىمۇ ئاۋۇپ كېتىدۇ، مۇبادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار دۈشمەنلىرىمىز تەرەپكە ئۆتۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇرتتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ــ دېدى. 10
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇلارنى قاتتىق ئەمگەكلەر بىلەن خارلاش ئۈچۈن ئىش باشلىرىنى تەيىنلەپ نازارەتچىلىككە قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پىرەۋن ئۈچۈن پىتوم بىلەن رائامسەس دېگەن ماددىي ئەشيا ساقلايدىغان شەھەرلەرنى ياساپ بەردى. 11
لېكىن ئۇلارنى [قانچە] ئەزگەنسېرى، بۇلار شۇنچە كۆپىيىپ ھەممە يەرنى قاپلىدى؛ بۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا ئۆچ بولۇپ كەتتى. 12
شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار ئىسرائىللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئىشلىتىپ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 13
مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، خىش-كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىزلارنىڭ ھەرخىل ئەمگەكلىرىگە سېلىپ، ئىشنىڭ قاتتىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق ئېغىرچىلىق سالدى؛ ئۇلارنى نېمە ئەمگەككە سالمىسۇن، ئىنتايىن جاپالىق ئىدى. 14
مىسىر پادىشاھى ئىككى ئىبرانىي تۇغۇت ئانىسىغا سۆز قىلىپ (ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى شىفراھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇئاھ ئىدى): 15
ــ سىلەر قاچانلىكى ئىبرانىي خوتۇنلارنى تۇغدۇرساڭلار، تۇغقاندا ئوبدان قاراڭلار؛ بوۋاق ئوغۇل بولسا، ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز بولسا، تىرىك قويۇڭلار، ــ دېدى. 16
لېكىن تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقۇپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۇلارغا ئېيتقاندەك قىلماي، بەلكى ئوغۇل بوۋاقلارنى تىرىك قويدى. 17
شۇڭا مىسىرنىڭ پادىشاھى تۇغۇت ئانىلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلاردىن: ــ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟! ئوغۇل بالىلارنى نېمىشقا تىرىك قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 18
تۇغۇت ئانىلىرى پىرەۋنگە جاۋاب بېرىپ: ــ ئىبرانىي ئاياللار مىسىرلىق ئاياللارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار كۈچلۈك، ساغلام-تىمەن بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇت ئانىلىرى ئۇلارنىڭ قېشىغا يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، ــ دېدى. 19
نەتىجىدە، خۇدا تۇغۇت ئانىلىرىغا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ ئىسرائىل خەلقى داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى. 20
شۇنداق بولدىكى، تۇغۇت ئانىلىرى خۇدادىن قورقىدىغان ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ئائىلىلىك بولۇشقا مۇيەسسەر قىلدى. 21
بۇنىڭ بىلەن پىرەۋن بارلىق پۇخرالىرىغا: ــ ئىسرائىللاردىن يېڭى تۇغۇلغان ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى دەرياغا تاشلاڭلار، لېكىن قىز بالىلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قالدۇرۇڭلار، دەپ ئەمر قىلدى. 22

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 1 >