< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 9 >

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ماڭا ئىبادەت قىلىشىغا ئۆز قوۋمىمنى قويۇپ بەر. 1
ויאמר יהוה אל משה בא אל פרעה ודברת אליו כה אמר יהוה אלהי העברים שלח את עמי ויעבדני׃
ئەگەر ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 2
כי אם מאן אתה לשלח ועודך מחזיק בם׃
مانا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى ئېتىزلىقتىكى چارپايلىرىڭنىڭ ئۈستىگە، ئات-ئېشەكلەر، تۆگىلەر، ۋە قوي-كالىلىرىڭنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ ئىنتايىن ئېغىر بىر ۋابا كەلتۈرىدۇ. 3
הנה יד יהוה הויה במקנך אשר בשדה בסוסים בחמרים בגמלים בבקר ובצאן דבר כבד מאד׃
لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىنى مىسىرلىقلارنىڭ چارپايلىرىدىن پەرقلەندۈرىدۇ. نەتىجىدە، ئىسرائىلنىڭ چارپايلىرىدىن ھېچبىرى ئۆلمەيدۇ» ــ دېگىن، دېدى. 4
והפלה יהוה בין מקנה ישראל ובין מקנה מצרים ולא ימות מכל לבני ישראל דבר׃
پەرۋەردىگار ۋاقىتنى بېكىتىپ: ــ ئەتە پەرۋەردىگار زېمىندا بۇ ئىشنى قىلىدۇ، دېدى. 5
וישם יהוה מועד לאמר מחר יעשה יהוה הדבר הזה בארץ׃
ئەتىسى پەرۋەردىگار شۇنداق قىلدى؛ مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق چارپايلىرى ئۆلدى؛ لېكىن ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىدى. 6
ויעש יהוה את הדבר הזה ממחרת וימת כל מקנה מצרים וממקנה בני ישראל לא מת אחד׃
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرىۋىدى، مانا، ئىسرائىللارنىڭ چارپايلىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمىگەنىدى. لېكىن پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق قىلىنىپ، ئۇ قوۋمنى قويۇپ بەرمىدى. 7
וישלח פרעה והנה לא מת ממקנה ישראל עד אחד ויכבד לב פרעה ולא שלח את העם׃
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا: ــ خۇمداننىڭ كۈلىدىن چاڭگىلىڭلارنى توشقۇزۇپ ئېلىڭلار، ئاندىن مۇسا ئۇنى پىرەۋننىڭ كۆز ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ چاچسۇن. 8
ויאמר יהוה אל משה ואל אהרן קחו לכם מלא חפניכם פיח כבשן וזרקו משה השמימה לעיני פרעה׃
شۇنداق قىلىشى بىلەن كۈل پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنى قاپلايدىغان چاڭ-توزان بولىدۇ ۋە مىسىر زېمىنىدىكى ھەممە يەردە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقىرىدۇ، ــ دېدى. 9
והיה לאבק על כל ארץ מצרים והיה על האדם ועל הבהמה לשחין פרח אבעבעת בכל ארץ מצרים׃
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇمداندىن كۈل ئېلىپ، پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇردى ۋە مۇسا ئۇنى ئاسمانغا قارىتىپ چاچتى؛ ئۇ ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە چۈشۈشى بىلەن ھۈررەك-ھۈررەك چاقا چىقاردى. 10
ויקחו את פיח הכבשן ויעמדו לפני פרעה ויזרק אתו משה השמימה ויהי שחין אבעבעת פרח באדם ובבהמה׃
جادۇگەرلەر چاقىلار دەستىدىن مۇسانىڭ ئالدىدا تۇرالماي قالدى؛ چۈنكى جادۇگەرلەرنىڭ بەدىنىنىمۇ، باشقا بارلىق مىسىرلىقلارنىمۇ ئوخشاش چاقا بېسىپ كەتكەنىدى. 11
ולא יכלו החרטמים לעמד לפני משה מפני השחין כי היה השחין בחרטמם ובכל מצרים׃
لېكىن پەرۋەردىگار پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلدى؛ شۇڭا پەرۋەردىگار دەل مۇساغا ئېيتقىنىدەك ئۇ ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 12
ויחזק יהוה את לב פרעה ולא שמע אלהם כאשר דבר יהוה אל משה׃
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ئەتە تاڭ سەھەر قوپۇپ، پىرەۋننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا: «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قوۋمىمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر؛ 13
ויאמר יהוה אל משה השכם בבקר והתיצב לפני פרעה ואמרת אליו כה אמר יהוה אלהי העברים שלח את עמי ויעבדני׃
چۈنكى مەن بۇ قېتىم ھەممە بالايىئاپەتلىرىمنى يۈرىكىڭگە، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن سەن پۈتكۈل يەر يۈزىدە مەندەك باشقا بىرىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. 14
כי בפעם הזאת אני שלח את כל מגפתי אל לבך ובעבדיך ובעמך בעבור תדע כי אין כמני בכל הארץ׃
چۈنكى مەن قولۇمنى ئۇزىتىپ، ئۆزۈڭ ۋە قوۋمىڭنى ۋابا بىلەن ئۇرغان بولسامئىدى، بۇ ۋاقىتقىچە سەن يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتەتتىڭ. 15
כי עתה שלחתי את ידי ואך אותך ואת עמך בדבר ותכחד מן הארץ׃
ھالبۇكى، مېنىڭ سېنى ئورنۇڭغا تىكلىشىمدىكى مەقسىتىم شۇ ئىدىكى، دەل ئۆز قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش، شۇنداقلا نامىمنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىدە جاكارلىنىشى ئۈچۈن ئىدى. 16
ואולם בעבור זאת העמדתיך בעבור הראתך את כחי ולמען ספר שמי בכל הארץ׃
سەن يەنە قوۋمىمغا چوڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىۋېرەمسەن؟ 17
עודך מסתולל בעמי לבלתי שלחם׃
مانا، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن بۇيان ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈرنى ياغدۇرىمەن. 18
הנני ממטיר כעת מחר ברד כבד מאד אשר לא היה כמהו במצרים למן היום הוסדה ועד עתה׃
شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىپ، ھايۋان ۋە ئېتىزدا بار-يوقۇڭنى يىغىپ ئىچكىرى سولىغىن؛ چۈنكى ئۆيگە قايتۇرۇلماي سىرتتا قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى مۆلدۈرنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ! ــ دېگىن، دېدى. 19
ועתה שלח העז את מקנך ואת כל אשר לך בשדה כל האדם והבהמה אשר ימצא בשדה ולא יאסף הביתה וירד עלהם הברד ומתו׃
بۇنى ئاڭلاپ پىرەۋننىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىسىدىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىدىن قورققان ھەربىر ئادەم ئۆز قۇللىرى ۋە چارپايلىرىنى يۈگۈرتۈپ ئۆيلىرىگە ئېلىپ كەلدى. 20
הירא את דבר יהוה מעבדי פרעה הניס את עבדיו ואת מקנהו אל הבתים׃
لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئېتىبارغا ئالمىغانلار ئۆز قۇل ۋە ماللىرىنى تاشقىرىدا قالدۇرۇپ قويدى. 21
ואשר לא שם לבו אל דבר יהוה ויעזב את עבדיו ואת מקנהו בשדה׃
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىر زېمىنىدىكى ھەر يەردە، ئادەملەر ئۈستىگە، ماللارنىڭ ئۈستىگە، شۇنداقلا مىسىر زېمىنىدىكى دالالارنىڭ ھەممە ئوت-چۆپلىرىنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن دەپ، ئاسمانغا قاراپ قولۇڭنى كۆتۈرگىن، دېدى. 22
ויאמר יהוה אל משה נטה את ידך על השמים ויהי ברד בכל ארץ מצרים על האדם ועל הבהמה ועל כל עשב השדה בארץ מצרים׃
مۇسا شۇنىڭ بىلەن ھاسىسىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار گۈلدۈرمامىنى گۈلدۈرلىتىپ، مۆلدۈر ياغدۇردى، يەر يۈزىدە چاقماق چېقىندىلىرى چېپىپ يۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار مىسىر زېمىنى ئۈستىگە مۆلدۈر ياغدۇردى. 23
ויט משה את מטהו על השמים ויהוה נתן קלת וברד ותהלך אש ארצה וימטר יהוה ברד על ארץ מצרים׃
مۆلدۈر يېغىپ، مۆلدۈر بىلەن ئوت ئارىلاش چۈشتى؛ مۆلدۈر شۇنچە ئېغىر بولدىكى، مىسىر دۆلىتى بىنا بولغاندىن تارتىپ ئۇنداق قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ باقمىغانىدى. 24
ויהי ברד ואש מתלקחת בתוך הברד כבד מאד אשר לא היה כמהו בכל ארץ מצרים מאז היתה לגוי׃
مۆلدۈر پۈتكۈل مىسىر زېمىنىنىڭ ھەر يېرىدە چۈشۈپ، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن، ھەممىسىنى ئۇردى؛ مۆلدۈر ئېتىزدىكى ھەممە ئوت-چۆپنى ئۇرۇپ، يەردىكى ھەممە دەل-دەرەخلەرنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتى. 25
ויך הברד בכל ארץ מצרים את כל אשר בשדה מאדם ועד בהמה ואת כל עשב השדה הכה הברד ואת כל עץ השדה שבר׃
پەقەت ئىسرائىللار ئولتۇرۇشلۇق گوشەن زېمىنىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى. 26
רק בארץ גשן אשר שם בני ישראל לא היה ברד׃
پىرەۋن ئادەم ئەۋەتىپ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ ئۇلارغا: ــ مەن بۇ قېتىم گۇناھ قىلدىم! پەرۋەردىگار ھەققانىيدۇر؛ سەۋەنلىك بولسا مەن ۋە خەلقىمدىن ئۆتتى. 27
וישלח פרעה ויקרא למשה ולאהרן ויאמר אלהם חטאתי הפעם יהוה הצדיק ואני ועמי הרשעים׃
يەنە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن ئۆتۈنۈپ ئىلتىجا قىلىڭلار! خۇدادىن چىققان بۇ قاتتىق گۈلدۈرمامىلار ۋە مۆلدۈر يېتىپ ئاشتى! سىلەرنى قويۇپ بېرەي؛ سىلەر ئەمدى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋەرسەڭلار بولمايدۇ، ــ دېدى. 28
העתירו אל יהוה ורב מהית קלת אלהים וברד ואשלחה אתכם ולא תספון לעמד׃
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەن شەھەردىن چىققاندا، پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىمنى يېيىپ كۆتۈرىمەن؛ گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ مۆلدۈر يەنە ياغمايدۇ. يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر، دەپ بىلىشىڭ ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ. 29
ויאמר אליו משה כצאתי את העיר אפרש את כפי אל יהוה הקלות יחדלון והברד לא יהיה עוד למען תדע כי ליהוה הארץ׃
لېكىن سەن ۋە سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭ، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن، دېدى. 30
ואתה ועבדיך ידעתי כי טרם תיראון מפני יהוה אלהים׃
شۇ چاغدا ئارپا باش چىقىرىپ، زىغىر غۇنچىلىغان بولغاچقا، زىغىر ۋە ئارپا مۆلدۈردىن ۋەيران قىلىندى. 31
והפשתה והשערה נכתה כי השערה אביב והפשתה גבעל׃
لېكىن بۇغداي بىلەن قارا بۇغداي كېيىنرەك بىخ چىقارغاچقا، ۋەيران قىلىنمىدى. 32
והחטה והכסמת לא נכו כי אפילת הנה׃
مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن كېتىپ، شەھەردىن چىقىپ پەرۋەردىگار تەرەپكە قاراپ قوللىرىنى يېيىپ كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈر توختاپ، يامغۇر يەرگە يەنە تۆكۈلمىدى. 33
ויצא משה מעם פרעה את העיר ויפרש כפיו אל יהוה ויחדלו הקלות והברד ומטר לא נתך ארצה׃
ئەمما پىرەۋن يامغۇر، مۆلدۈر ۋە گۈلدۈرمامىلارنىڭ توختىغىنىنى كۆرگەندە، يەنە گۇناھ سادىر قىلدى؛ ئۇمۇ، ئەمەلدارلىرىمۇ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىشتى. 34
וירא פרעה כי חדל המטר והברד והקלת ויסף לחטא ויכבד לבו הוא ועבדיו׃
بۇ تەرىقىدە پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق تۇرۇۋېرىپ، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئېيتقاندەك، ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى. 35
ויחזק לב פרעה ולא שלח את בני ישראל כאשר דבר יהוה ביד משה׃

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 9 >