< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 7 >

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن پىرەۋننىڭ ئالدىدا سېنى خۇدانىڭ ئورنىدا قىلدىم. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولىدۇ. 1
مەن ساڭا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى [ئۇنىڭغا] دەيسەن؛ ئاندىن ئاكاڭ ھارۇن پىرەۋنگە ئۇنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ. 2
لېكىن مەن پىرەۋننىڭ كۆڭلىنى قاتتىق قىلىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن مەن مىسىر زېمىنىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلىرىمنى كۆپلەپ كۆرسىتىمەن. 3
شۇنداقتىمۇ، پىرەۋن سىلەرگە قۇلاق سالمايدۇ. ئەمما مەن مىسىرنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىپ قولۇمنى ئۇزىتىپ، چوڭ بالايىئاپەتلەرنى چۈشۈرۈپ، قوشۇنلىرىم بولغان ئۆز قوۋمىم ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىمەن. 4
ئۆز قولۇمنى مىسىرنىڭ ئۈستىگە سوزغىنىمدا، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقارغىنىمدا مىسىرلىقلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، ــ دېدى. 5
مۇسا بىلەن ھارۇن شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق تاپىلىغان بولسا، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلدى. 6
ئۇلار پىرەۋنگە سۆز قىلغان ۋاقىتتا مۇسا سەكسەن ياشقا، ھارۇن سەكسەن ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى. 7
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ: ــ 8
ئەمدى پىرەۋن سىلەرگە: ــ ئۆزۈڭلارنى تەستىقلاپ بىر مۆجىزە كۆرسىتىڭلار، دېسە، سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، دەپ ئېيتقىن. شۇنداق قىلىشى بىلەنلا ھاسا يىلانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. 9
شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىلەن ھارۇن پىرەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن ھاسىسىنى پىرەۋن بىلەن ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. 10
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋن دانىشمەنلىرى ۋە سېھرىگەرلىرىنى چاقىرتىپ كەلدى؛ مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇسى بىلەن ئوخشاش ئىشنى قىلدى. 11
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ھاسىسىنى تاشلىدى؛ ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلاندى. لېكىن ھارۇننىڭ ھاسىسى ئۇلارنىڭ ھاسىلىرىنى يۇتۇپ كەتتى. 12
بىراق پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىقلىق بىلەن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. 13
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق؛ ئۇ قوۋمنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىدۇ. 14
ئەمدى سەن ئەتە سەھەردە پىرەۋننىڭ قېشىغا بارغىن (شۇ ۋاقىتتا ئۇ سۇ بويىغا چىقىدۇ) ــ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە دەريانىڭ بويىدا ساقلاپ تۇرغىن؛ يىلانغا ئايلانغان ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىۋال. 15
سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «ئىبرانىيلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مېنى ئالدىڭغا: «چۆلدە ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن قوۋمىمنى قويۇپ بەر» دېيىشكە ئەۋەتكەنىدى؛ لېكىن مانا، بۇ ۋاقىتقىچە ھېچ ئاڭلىمىدىڭ. 16
شۇڭا پەرۋەردىگار ساڭا: ــ «سەن شۇ [ئالامەت] بىلەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن»، دەيدۇ ــ مانا، مەن قولۇمدىكى ھاسا بىلەن دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، 17
دەريانىڭ بېلىقلىرى ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ؛ مىسىرلىقلار سۇدىن سەسكىنىپ، ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ». 18
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن ھارۇنغا: ــ ھاساڭنى ئېلىپ مىسىرلىقلارنىڭ سۇلىرى قانغا ئايلانسۇن دەپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى ئېقىنلىرى، ئۆستەڭلىرى، كۆللىرى ۋە سۇ ئامبارلىرى ئۈستىگە قولۇڭنى ئۇزاتقىن. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدا، ھەتتا ياغاچ ۋە تاش قاچىلاردىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ، دېگىن، دېدى. 19
مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنىدەك قىلدى؛ ھارۇن پىرەۋن ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاسىنى كۆتۈرۈپ، دەريانىڭ سۈيىنى ئۇرۇۋىدى، پۈتۈن دەريانىڭ سۈيى قانغا ئايلىنىپ كەتتى. 20
دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، دەريانىڭ سۈيى سېسىپ كەتتى. مىسىرلىقلار دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، پۈتكۈل مىسىر زېمىنى قانغا تولدى. 21
لېكىن مىسىرنىڭ جادۇگەرلىرىمۇ ئۆز جادۇلىرى بىلەن ھەم شۇنداق قىلدى. بۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پىرەۋننىڭ كۆڭلى قاتتىق بولۇپ، ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى؛ 22
ئەكسىچە پىرەۋن ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ، بۇ ئىشقا ھېچ پىسەنت قىلمىدى. 23
دەريانىڭ سۈيىنى ئىچەلمىگىنى ئۈچۈن بارلىق مىسىرلىقلار ئىچكۈدەك سۇ تېپىش ئۈچۈن دەريانىڭ ئەتراپلىرىنى كولىدى. 24
پەرۋەردىگار دەريانى ئۇرۇپ، يەنە يەتتە كۈن ئۆتتى. 25

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 7 >