< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 40 >

ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ 1
بىرىنچى ئاينىڭ بېشى، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سەن جامائەت چېدىرىنىڭ مۇقەددەسخانىسىنى تىكلىگىن. 2
ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ئىچكى پەردە ئارقىلىق ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ قويغىن؛ 3
شىرەنى چېدىرنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، ئۈستىگە تىزىلىدىغان نەرسىلەرنى تىزغىن؛ ئاندىن چىراغداننى ئەكىرىپ، ئۈستىگە چىراغلارنى ئورۇنلاشتۇرغىن. 4
ئالتۇن [بىلەن قاپلانغان] خۇشبۇي كۆيدۈرگۈچى قۇربانگاھنى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا تىكلەپ قويغىن؛ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئېسىپ قويغىن. 5
كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى مۇقەددەسخانىنىڭ، يەنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا قويغىن؛ 6
ئاندىن يۇيۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ توشتۇرۇپ قويغىن. 7
ھويلىنىڭ چۆرىسىگە پەردىلەرنى بېكىتىپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى ئاسقىن؛ 8
ئاندىن «مەسىھلەش مېيى»نى ئېلىپ، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى مەسىھلەپ، ئۇنى ۋە بارلىق ھەممە ئەسۋابلىرىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغىن. شۇنداق قىلىپ [پۈتكۈل چېدىر] مۇقەددەس بولىدۇ. 9
سەن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مەسىھلەپ، ئۇنى [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلغىن؛ بۇنىڭ بىلەن قۇربانگاھ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەر» قاتارىدا بولىدۇ. 10
سەن يەنە يۇيۇنۇش دېسى ۋە ئۇنىڭ تەگلىكىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلغىن. 11
ئاندىن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەكىلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ 12
ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، ماڭا كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشى ئۈچۈن ئۇنى مەسىھلەپ، [ماڭا ئايرىپ] مۇقەددەس قىلغىن. 13
ئاندىن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرۈپ، 14
ئۇلارنىڭ ئاتىسىنى مەسىھلىگىنىڭدەك ماڭا كاھىنلىق خىزمىتىدە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىمۇ مەسىھلىگىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىھلىنىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەبەدىي كاھىنلىقنىڭ [بەلگىسى] بولىدۇ. 15
مۇسا شۇنداق قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا نېمە بۇيرۇغان بولسا، ئۇ شۇنداق بەجا كەلتۈردى. 16
شۇنداق بولدىكى، ئىككىنچى يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىدا، ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئىبادەت چېدىرى تىكلەندى. 17
مۇسا چېدىرنى تىكىپ، تەگلىكلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاختايلىرىنى تىزىپ، ئۇلارنىڭ بالداقلىرىنى بېكىتىپ، خادىلىرىنى تىكلىدى. 18
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئۈستىگە [ئىچكى] يوپۇقنى ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشقى يوپۇقنى يېپىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 19
ئاندىن ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىقنى ئېلىپ، ئۇنى ساندۇق ئىچىگە قويدى؛ بالداقلارنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ [ھالقىلىرىدىن] ئۆتكۈزۈپ، «كافارەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردى. 20
ئەھدە ساندۇقىنى مۇقەددەس چېدىر ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، ئوتتۇرىغا «ئايرىما پەردە»نى تارتتى؛ شۇنداق قىلىپ ئۇ ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى پەردە ئارقىلىق توسۇپ قويدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 21
ئۇ شىرەنى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، مۇقەددەس جاينىڭ شىمال تەرىپىگە، [«ئەڭ مۇقەددەس جاي»دىكى] پەردىنىڭ سىرتىغا قويدى. 22
«تەقدىم نانلار»نى شىرەنىڭ ئۈستىگە، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تىزىپ قويدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 23
ئاندىن ئۇ چىراغداننى جامائەت چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى مۇقەددەس جاينىڭ جەنۇب تەرىپىگە، شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا قويدى، 24
چىراغلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 25
ئاندىن ئۇ [خۇشبۇينى كۆيدۈرگۈچى] ئالتۇن قۇربانگاھنى ئىچىدىكى پەردىنىڭ ئالدىغا تىكلىدى؛ 26
ئۇنىڭ ئۈستىدە ئېسىل خۇشبۇينى كۆيدۈردى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 27
ئۇ ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا پەردە تارتتى. 28
ئاندىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى جامائەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن قويدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسىنى ئۆتكۈزدى؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 29
يۇيۇنۇش دېسىنى جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇپ، يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى داسقا توشقۇزۇپ قۇيدى. 30
مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قاچانلا جامائەت چېدىرىغا كىرسە ياكى قۇربانگاھقا يېقىن بارسا، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قوللىرىنى شۇ سۇدا يۇياتتى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلىندى. 31
32
ئاندىن ئۇ چېدىر ھەم قۇربانگاھنىڭ ئەتراپىغا ھويلا پەردىسىنى تىكلەپ، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ پەردىسىنى تارتتى. شۇ تەرىقىدە مۇسا پۈتكۈل ئىشنى تاماملىدى. 33
شۇنىڭ بىلەن بۇلۇت جامائەت چېدىرىنى قاپلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى ئىبادەت چېدىرىنى تولدۇردى. 34
بۇلۇت سايە چۈشۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ جۇلاسى چېدىرنى تولدۇرغىنى ئۈچۈن، مۇسا جامائەت چېدىرىغا كىرەلمىدى. 35
قاچانكى بۇلۇت جامائەت چېدىرىدىن كۆتۈرۈلسە، ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىناتتى. ھەربىر قېتىم سەپەردە شۇنداق بولاتتى. 36
بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە ئۇلار قوزغالماي، تاكى كۆتۈرۈلىدىغان كۈنگىچە سەپەرگە چىقمايتتى. 37
چۈنكى كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى مۇقەددەس چېدىر ئۈستىدە تۇراتتى، كېچىسى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئوت كۆرۈنەتتى؛ پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ بارلىق قىلغان سەپەرلىرىدە شۇلار كۆرۈنەتتى. 38

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 40 >