< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 4 >

مۇسا جاۋاب بېرىپ: ــ مانا، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي تۇرۇپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمايدۇ، بەلكى: «پەرۋەردىگار ساڭا كۆرۈنمىدى»، دېيىشى مۇمكىن، دېدى. 1
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭدىكى بۇ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ بۇ بىر ھاسا، دەپ جاۋاب بەردى. 2
ئۇ: ــ ئۇنى يەرگە تاشلا، دېدى. ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ بىر يىلانغا ئايلاندى؛ مۇسا ئۇنىڭ ئالدىدىن قاچتى. 3
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ قولۇڭنى ئۇزىتىپ، ئۇنى قۇيرۇقىدىن تۇت، دېۋىدى، ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتتى. ئۇ يەنە ئۇنىڭ قولىدا ھاسىغا ئايلاندى. 4
[پەرۋەردىگار يەنە]: ــ بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا كۆرۈنگىنىگە ئىشىنىدۇ، ــ دېدى. 5
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــ قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، مانا، قولى پېسە-ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاردەك ئاقىرىپ كەتتى. 6
ئاندىن ئۇنىڭغا: ــ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سالغىن، دېۋىدى، قولىنى قوينىغا سالدى. ئۇنى يەنە قوينىدىن چىقىرىۋىدى، مانا، ئۆز ئەكسىگە كېلىپ ئەتلىرىنىڭ باشقا يەرلىرىدەك بولدى. 7
پەرۋەردىگار يەنە: ــ شۇنداق بولىدۇكى، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمەي، ئالدىنقى مۆجىزىلىك ئالامەتكە كۆڭۈلشىمىسە، ئۇلار ئىككىنچى مۆجىزىلىك ئالامەتكە ئىشىنىدۇ. 8
ھالبۇكى، ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە يەنىلا ئىشەنمىسە ۋە يا سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىسا، ئۇنداقتا سەن [نىل] دەرياسىنىڭ سۈيىدىن ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆككىن. شۇنىڭ بىلەن سەن دەريادىن ئالغان سۇ قۇرۇق يەر ئۈستىدە قانغا ئايلىنىدۇ، دېدى. 9
ئاندىن مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ ئەي ئىگەم، مەن ئەسلىدىنلا گەپكە ئۇستا ئەمەستىم، سەن قۇلۇڭغا سۆز قىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇنداق؛ چۈنكى مەن ئاغزىم كالۋا ۋە تىلىم ئېغىر ئادەممەن، ــ دېدى. 10
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ كىم ئىنسانغا ئېغىز بەرگەن؟ كىم ئادەمنى گاچا ياكى گاس، كۆرگۈچى ياكى كور قىلغان؟ شۇنداق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ 11
ئەمدى سەن بارغىن، مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە سۆزلەيدىغىنىڭنى ساڭا ئۆگىتىپ تۇرىمەن، ــ دېدى. 12
لېكىن ئۇ: ــ ئەي ئىگەم! سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، سەن [بۇ ئىشقا] خالىغان [باشقا] بىرسىنى ئەۋەتىپ، شۇنىڭ قولى بىلەن قىلغىن! ــ دېدى. 13
بۇنى ئاڭلاپ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى مۇساغا تۇتىشىپ: ــ لاۋىيلاردىن بولغان ئاكاڭ ھارۇن بار ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ گەپنى ئوبدان قىلالايدىغىنىنى بىلىمەن. مانا، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭغا چىقىشقا ئاللىقاچان يولغا چىقتى؛ ئۇ سېنى كۆرسە، كۆڭلى تولىمۇ خۇش بولىدۇ. 14
ئەمدى دەيدىغان گەپلەرنى ئۇنىڭغا ئېيت؛ مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئاغزىڭ بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن بىللە بولىمەن، نېمە قىلىش كېرەكلىكىڭلارنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. 15
ھارۇن سېنىڭ ئورنۇڭدا خەلققە سۆزلەيدۇ؛ شۇنداق بولىدۇكى، ئۇ ساڭا ئېغىز بولىدۇ، سەن ئۇنىڭغا خۇدادەك بولىسەن. 16
بۇ ھاسىنى قولۇڭغا ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسىتىسەن، ــ دېدى. 17
شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېينئاتىسى يەترونىڭ قېشىغا يېنىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئىجازەت بەرگەيلا، مىسىردىكى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا باراي، ئۇلار ھاياتمۇ، ئەمەسمۇ كۆرۈپ كېلەي، دېدى. يەترو مۇساغا: ــ ئامان-ئېسەن بېرىپ كەلگىن، ــ دېدى. 18
مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە: ــمىسىرغا يېنىپ بارغىن! چۈنكى سېنىڭ جېنىڭنى ئىستىگەن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، ــ دېدى. 19
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئايالى ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ، ئۇلارنى بىر ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىر زېمىنىغا بېرىشقا يولغا چىقتى. ماڭغاندا مۇسا خۇدانىڭ ھاسىسىنى ئالغاچ كەتتى. 20
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مىسىرغا يېنىپ بارغىنىڭدا سەن ئاگاھ بول، مەن قولۇڭغا تاپشۇرغان بارلىق كارامەتلەرنى پىرەۋننىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى خەلقنى قويۇپ بەرمىگۈدەك قاتتىق قىلىمەن. 21
سەن پىرەۋنگە: ــ «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىل مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم بولىدۇ. 22
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ساڭا: ئوغلۇمنى ئۆزۈمگە ئىبادەت قىلىشقا قويۇپ بەر، دېدىم. ئۇنىڭغا يول قويۇشنى رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» ــ دېگىن، ــ دېدى. 23
ئەمما مۇسا سەپەر قىلىپ بىر قونالغۇغا كەلگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئۇچراپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولدى. 24
شۇنىڭ بىلەن زىپپوراھ بىر چاقماق تېشىنى ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى ئېرىنىڭ ئايىغىغا تاشلاپ: ــ سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر ئەر ئىكەنسەن! ــ دېدى. 25
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنى قويۇپ بەردى (بۇ چاغدا زىپپوراھ ئۇنىڭغا: «سەن دەرۋەقە ئالدىمدا قان تۆكەر بىر ئەر ئىكەنسەن!» ــ دېدى. بۇ سۆزىنى ئۇ خەتنە تۈپەيلىدىن ئېيتتى). 26
پەرۋەردىگار ھارۇنغا: ــ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسا بىلەن كۆرۈشكىن، دېۋىدى، ئۇ بېرىپ خۇدانىڭ تېغىدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى سۆيدى. 27
مۇسا ئۆزىنى ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرى بىلەن قىلىشقا بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھارۇنغا دەپ بەردى. 28
ئاندىن مۇسا بىلەن ھارۇن بېرىپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى يىغدى. 29
ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى بايان قىلدى ۋە خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. 30
بۇنى كۆرۈپ، خەلق ئىشەندى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى يوقلاپ، ئۇلار ئۇچرىغان خارلىقلارنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ سەجدە قىلىشتى. 31

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 4 >