< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 38 >

ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. قۇربانگاھ تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بەش گەز، كەڭلىكى بەش گەز، ئېگىزلىكى ئۈچ گەز قىلىندى. 1
ئۇ ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە قويۇلىدىغان مۈڭگۈزلىرىنى ياسىدى؛ مۈڭگۈزلىرى قۇربانگاھ بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى. قۇربانگاھنى مىس بىلەن قاپلىدى. 2
ئۇ قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى ــ ئۇنىڭغا خاس بولغان داسلارنى، گۈرجەكلەرنى، كورىلارنى، لاخشىگىرلارنى ۋە ئوتدانلارنىمۇ ياسىدى؛ ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى مىستىن ياسىدى. 3
قۇربانگاھ ئۈچۈن مىستىن بىر شالا ياسىدى؛ شالانى قۇربانگاھنىڭ قاپ بېلىنىڭ ئاستىدىكى گىرۋەكتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان قىلدى؛ شالا قۇربانگاھنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا ئىدى. 4
ئۇ شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت مىس ھالقىنى قۇيۇپ ياسىدى. 5
ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئۇلارنى مىس بىلەن قاپلىدى. 6
ئاندىن ئۇ قۇربانگاھنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بالداقلارنى قۇربانگاھنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئۇ قۇربانگاھنى تاختايلاردىن، ئىچىنى بوش قىلىپ ياسىدى. 7
ئۇ يەنە يۇيۇنۇش دېسىنى مىستىن، ئۇنىڭ تەگلىكىنىمۇ مىستىن ياسىدى؛ ئۇ بۇلارنى «كۆرۈشۈش چېدىرى»نىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغان ئاياللارنىڭ مىس ئەينەكلىرىدىن ياسىدى. 8
ئاندىن ئۇ چېدىرنىڭ ھويلىسىنىمۇ ياسىدى. ھويلىنىڭ جەنۇبىغا، يەنى جەنۇبقا يۈزلەنگەن تەرىپىگە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن پەردىلەرنى ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. 9
پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 10
شۇنىڭغا ئوخشاش شىمال تەرىپىدىمۇ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى. پەردىلەرنى ئېسىشقا يىگىرمە خادا ۋە خادىلارنىڭ يىگىرمە تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالغانىدى. 11
شۇنىڭغا ئوخشاش غەرب تەرىپىدە ئۇزۇنلۇقى ئەللىك گەز كېلىدىغان پەردە بار ئىدى؛ پەردىلەرنى ئېسىشقا ئون خادا ۋە خادىلارنىڭ ئون تەگلىكىنى ئۇ مىستىن ياسىدى. خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 12
ھويلىنىڭ شەرق تەرىپى، يەنى كۈن چىقىشقا يۈزلەنگەن تەرىپىنىڭ كەڭلىكى ئەللىك گەز ئىدى. 13
بىر تەرىپىدە ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. 14
يەنە بىر تەرىپىدىمۇ ئون بەش گەز كېلىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ خادىسى بىلەن ئۈچ تەگلىكى بار ئىدى. 15
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردىلەرنىڭ ھەممىسى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختتىن تىكىلگەنىدى. 16
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلارنىڭ تەگلىكى مىستىن، ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى؛ خادىلارنىڭ باشلىرىمۇ كۈمۈشتىن قاپلانغانىدى. ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى ھەممە خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان بالداقلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى. 17
ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردە نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، كەشتىچىلەر تەرىپىدىن كەشتىلەندى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە گەز، ئېگىزلىكى ھويلىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېگىزلىكىگە ئوخشاش بولۇپ بەش گەز ئىدى. 18
ئۇنىڭ تۆت خادىسى بىلەن مىستىن ياسالغان تۆت تەگلىكى بار ئىدى؛ خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى، ئۇلارنىڭ باشلىرى كۈمۈش بىلەن قاپلاندى ۋە بالداقلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 19
مۇقەددەس چېدىرنىڭ ھەم چۆرىسىدىكى ھويلىنىڭ بارلىق مىق-قوزۇقلىرى مىستىن ياسالدى. 20
مۇقەددەس چېدىر، يەنى «ھۆكۈم-گۇۋاھلىقى چېدىرى» ئۈچۈن ئاتالغان ماتېرىياللارنىڭ سانى تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (ئۇلار مۇسانىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاھىن ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ قول ئاستىدىكى لاۋىيلار مەسئۇل بولۇپ ساناقتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، [خۇداغا] ئاتالغانىدى): ــ 21
يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بەزالەل پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلدى؛ 22
دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاھىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىياب ئۇنىڭ ياردەمچىسى ئىدى؛ ئۇ بولسا نەققاشلىق-ئويمىچىلىق ئۇستىسى، لايىھىلىگۈچى ھەمدە كۆك، سۆسۈن، قىزىل يىپتىن ئاق كاناپ رەختكە كەشتە تىكەلەيدىغان ئۇستا ئىدى. 23
مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ئالتۇن، يەنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن ئالتۇننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يىگىرمە توققۇز تالانت يەتتە يۈز ئوتتۇز شەكەل ئىدى. 24
جامائەت ئارىسىدىن ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەن ئادەملەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن كۈمۈش بولسا مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يۈز تالانت بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل ئىدى. 25
بۇ كۈمۈش نوپۇسى رويخەتكە ئېلىنغان كىشىلەردىن ئېلىنغانىدى ــ دېمەك، كىمكى يىگىرمە ياش يا ئۇنىڭدىن چوڭ، ساناقتىن ئۆتكۈزۈلگەنلەرنىڭ ھەربىرى بىر بېكا، يەنى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە يېرىم شەكەل كۈمۈش بەردى. ساناقتىن ئۆتكەن كىشى ئالتە يۈز ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئەللىك كىشى ئىدى. 26
مۇقەددەس جاينىڭ تەگلىكلىرىنى ھەم ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنىڭ تەگلىكلىرىنى قۇيۇشقا يۈز تالانت كۈمۈش كەتتى؛ يۈز تالانت كۈمۈشتىن يۈز تەگلىك ياسىلىپ، ھەربىر تەگلىك ئۈچۈن بىر تالانت ئىشلىتىلدى. 27
ئۇ قالغان بىر مىڭ يەتتە يۈز يەتمىش بەش شەكەل كۈمۈشتىن خادىلارنىڭ ئىلمەكلىرىنى ياسىدى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى قاپلىدى، شۇنىڭدەك ئۇلارنى بىر-بىرىگە چاتىدىغان بالداقلارنى ياسىدى. 28
«پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە كەلتۈرۈلگەن مىس بولسا يەتمىش تالانت، ئىككى مىڭ تۆت يۈز شەكەل چىقتى. 29
بۇنىڭدىن ئۇ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ تەگلىكلىرىنى، مىس قۇربانگاھنى، ئۇنىڭ مىس شالاسى ۋە قۇربانگاھنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى، 30
ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى خادا تەگلىكلىرىنى، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى تەگلىكلەرنى، چېدىرنىڭ بارلىق قوزۇقلىرىنى ۋە ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسىنى ياسىدى. 31

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 38 >