< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 37 >

ئاندىن بەزالەل ئەھدە ساندۇقىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 1
Und Bezaleel machte die Lade von Akazienholz, dreieinhalb Ellen lang und anderthalb Ellen breit und anderthalb Ellen hoch,
ئۇ ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 2
und überzog sie mit reinem Gold inwendig und auswendig, und machte ihr einen goldenen Kranz ringsum.
ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيۇپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ تۆت چېتىقىغا بېكىتتى؛ بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا، يەنە بىر تەرىپىگە ئىككى ھالقا بېكىتتى. 3
Und goß vier goldene Ringe an ihre vier Ecken, auf jeder Seite zwei.
ئۇ ھەم ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ھەر ئىككىسىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ 4
Und machte Stangen von Akazienholz und überzog sie mit Gold
ئاندىن ساندۇق ئۇلار ئارقىلىق كۆتۈرۈلسۇن دەپ، بالداقلارنى ساندۇقنىڭ ئىككى يېنىدىكى ھالقىلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويدى. 5
und tat sie in die Ringe an den Seiten der Lade, daß man sie tragen konnte.
ئۇ [ساندۇقنىڭ ياپقۇچى سۈپىتىدە] ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى ئىككى يېرىم گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولغان بىر «كافارەت تەختى» ياسىدى. 6
Und machte den Sühndeckel von reinem Golde, dreieinhalb Ellen lang und anderthalb Ellen breit.
ئۇ ئىككى كېرۇبنى ئالتۇندىن سوقۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنى كافارەت تەختىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورناتتى؛ 7
Und machte zwei Cherubim von getriebenem Gold an die beiden Enden des Sühndeckels,
بىر كېرۇبنى بىر تەرىپىگە، يەنە بىر كېرۇبنى يەنە بىر تەرىپىگە ئورناتتى. ئۇ ئىككى تەرىپىدىكى كېرۇبلارنى كافارەت تەختى بىلەن بىر گەۋدە قىلدى. 8
einen Cherub an diesem Ende und den andern an jenem Ende; zwei Cherubim machte er an beiden Enden des Sühndeckels.
كېرۇبلار بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، قاناتلىرىنى كافارەت تەختىنىڭ ئۈستىگە كېرىپ، قاناتلىرى بىلەن ئۇنى يېپىپ تۇراتتى؛ كېرۇبلارنىڭ يۈزى كافارەت تەختىگە قارىتىلدى. 9
Und die Cherubim breiteten ihre Flügel aus von oben her und deckten damit den Sühndeckel, und ihre Angesichter waren einander zugekehrt und sahen auf den Sühndeckel.
ئۇ ھەم شىرەنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى بىر يېرىم گەز ئىدى. 10
Und er machte den Tisch von Akazienholz zwei Ellen lang, eine Elle breit und anderthalb Ellen hoch,
ئۇ ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 11
und überzog ihn mit reinem Gold und machte ihm einen goldenen Kranz ringsum,
ئۇ شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك ئېگىزلىكتە بىر لەۋ ياسىدى؛ بۇ لەۋنىڭ چۆرىسىگىمۇ ئالتۇندىن بىر گىرۋەك چىقاردى. 12
und machte ihm eine Leiste ringsum, eine Handbreit hoch, und machte einen goldenen Kranz um die Leiste her,
ئۇ شىرەگە ئالتۇندىن تۆت ھالقا ياساپ، بۇ ھالقىلارنى شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى چېتىققا ئورناتتى. 13
und goß dazu vier goldene Ringe und tat sie an die vier Ecken, an seine vier Füße,
شىرەنى كۆتۈرۈشكە بالداقلار ئۆتكۈزۈلسۇن دەپ، ھالقىلار شىرە لېۋىگە يېقىن بېكىتىلدى. 14
dicht unter die Leiste, daß man die Stangen darein tun und so den Tisch tragen konnte.
شىرە ئۈچۈن ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ شىرە ئۇلار بىلەن كۆتۈرۈلەتتى. 15
Und machte die Stangen von Akazienholz und überzog sie mit Gold, um den Tisch damit zu tragen.
ئۇ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان بارلىق بۇيۇملارنى، يەنى لېگەنلىرىنى، قاچا-قۇچا تەخسىلىرىنى، [«شاراب ھەدىيەلىرى»نى] قۇيىدىغان قەدەھ ۋە پىيالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 16
Und machte auch von reinem Golde die Geräte auf dem Tisch, seine Schüsseln, seine Schalen, seine Becher und seine Kannen, um mit ihnen Trankopfer zu spenden.
ئۇ ھەم چىراغداننى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى؛ چىراغداننى سوقۇپ ياسىدى؛ چىراغداننىڭ پۇتى، غولى، قەدەھلىرى، غۇنچىلىرى ۋە گۈللىرى بىر پۈتۈن ئالتۇندىن سوقۇلدى. 17
Und er machte den Leuchter von reinem getriebenem Gold, daran war der Schaft mit Armen, Kelchen, Knoten und Blumen.
چىراغداننىڭ غولىنىڭ ئىككى يېنىدىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى ــ چىراغداننىڭ بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە، ئۇنىڭ يەنە بىر يېنىدىن ئۈچ شاخچە چىقىرىلدى؛ 18
Sechs Arme gingen von seinen Seiten aus, von jeder Seite drei Arme.
بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى، يەنە بىر يېنىدىكى ھەربىر شاخچىدە بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان ئۈچ قەدەھ چىقىرىلدى. چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 19
An jedem Arm waren drei Kelche wie Mandelblüten, dazu ihre Knoten und Blumen; auf diese Weise gingen die sechs Arme aus dem Leuchter hervor.
چىراغداننىڭ [غولىدىن] بادام گۈلى شەكلىدە غۇنچىسى ۋە چېچىكى بولغان تۆت قەدەھ چىقىرىلدى. 20
An dem Schaft aber waren vier Kelche wie Mandelblüten mit Knoten und Blumen,
بۇلاردىن باشقا [بىرىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئىككىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە، [ئۈچىنچى] ئىككى شاخچىنىڭ ئاستىدا بىر غۇنچە ياسالغانىدى؛ چىراغدانغا چىقىرىلغان ئالتە شاخچىنىڭ ئاستىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئىدى. 21
unter je zwei Armen ein Knoten, bei allen sechs Armen, die aus dem Leuchter gingen.
ئۇنىڭ شۇ غۇنچىلىرى ھەم شاخچىلىرى چىراغدان بىلەن بىر گەۋدە قىلىندى ــ بىر پۈتۈن ساپ ئالتۇندىن سوقۇپ ياسالدى. 22
Ihre Knoten und Arme gingen aus ihm hervor, und es war alles getriebenes reines Gold.
ئۇ چىراغداننىڭ يەتتە چىرىغىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ پىلىك قايچىلىرى بىلەن كۈلدانلىرىنى ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 23
Er machte auch sieben Lampen mit ihren Lichtscheren und Pfannen von reinem Gold.
ئۇ چىراغدان ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەسۋابلىرىنى بىر تالانت ساپ ئالتۇندىن ياسىدى. 24
Aus einem Zentner reinen Goldes machte er ihn und alle seine Geräte.
ئۇ يەنە خۇشبۇيگاھنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر گەز، كەڭلىكى بىر گەز، ئېگىزلىكى ئىككى گەز بولۇپ، تۆت چاسا قىلىپ ياسالدى؛ [تۆت بۇرجىكىدىكى] مۈڭگۈزلەر ئۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالدى. 25
Er machte auch den Räucheraltar von Akazienholz, eine Elle lang und eine Elle breit, viereckig, und zwei Ellen hoch mit seinen Hörnern, die aus ihm hervorgingen,
ئۇ ئۇنى، يەنى ئۇنىڭ ئۈستىنى، تۆت ئەتراپىنى ھەم مۈڭگۈزلىرىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن گىرۋەك چىقاردى. 26
und überzog ihn mit reinem Golde, seine Platte und seine Wände ringsum und seine Hörner und machte ihm einen Kranz ringsum von reinem Gold;
ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياساپ، ئۇنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا بېكىتتى؛ ئۇلارنى ئىككى يېنىغا ئۇدۇلمۇئۇدۇل بېكىتتى. خۇشبۇيگاھنى كۆتۈرىدىغان ئىككى بالداقنى سېلىش ئۈچۈن بۇلارنى خۇشبۇيگاھنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى. 27
und zwei goldene Ringe unter dem Kranz zu beiden Seiten, daß man Stangen darein tue, um ihn zu tragen.
ئۇ بالداقلارنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 28
Aber die Stangen machte er von Akazienholz und überzog sie mit Gold.
ئۇ ھەم مۇقەددەس مەسىھلەش مېيىنى ياسىدى، ئاندىن ئەتىرچى چىقارغاندەك دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەپ ساپ خۇشبۇينى ياسىدى. 29
und er machte das heilige Salböl und Räucherwerk von reiner Spezerei, nach der Kunst des Salbenbereiters.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 37 >