< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 36 >

شۇنىڭ بىلەن بەزالەل ۋە ئوھولىيابلار، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار مۇقەددەس چېدىر ياساشنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا كېرەك بولغان دانالىق-ھېكمەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ئاتا قىلغان ماھىر ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى ئۇلارغا قوشۇلۇپ، شۇ ئىشنى ئۇنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». 1
شۇ ۋاقىتتا مۇسا بەزالەل ۋە ئوھولىيابنى، شۇنداقلا پەرۋەردىگار دانالىق-ھېكمەت بىلەن كۆڭۈللىرىنى تولدۇرغان، كۆڭلى ئۆزىنى شۇ ئىشنى قىلىشقا قاتنىشىشقا دالالەت قىلغان بارلىق ھۈنەرۋەن-كاسىپلارنى چاقىرىپ يىغدى. 2
ئۇلار كېلىپ مۇقەددەس چېدىرنى ياساشقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش-خىزمەتلىرىگە كېرەكلىك سەرەمجانلارنى ياساشقا ئىسرائىللار ئېلىپ كەلتۈرگەن بارلىق «كۆتۈرمە ھەدىيە»لەرنى مۇسادىن تاپشۇرۇۋالدى. ئىسرائىل خەلقى يەنىلا ئۆز مەيلى بىلەن ھەر كۈنى ئەتىگىنى مۇساغا ئىختىيارىي ھەدىيە كەلتۈرۈپ تۇراتتى. 3
ئاندىن مۇقەددەس چېدىرنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ قويۇپ كېلىپ، 4
مۇساغا: ــ خەلقنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەرۋەردىگار بىزگە قىلىشقا بۇيرۇغان ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئېھتىياج بولغىنىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى! ــ دېيىشتى. 5
ئاندىن مۇسا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل چېدىرگاھ بويىچە: «مانا، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس چېدىرنى ياساش ئۈچۈن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە يەنە ھېچقانداق نەرسە تەييارلاپ كەلمىسۇن!» دەپ جاكارلاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ھەدىيەلەر كەلتۈرۈشتىن توختىتىلدى. 6
چۈنكى ئۇلار تەييارلىغان ماتېرىياللار پۈتكۈل قۇرۇلۇش ئىشىغا يېتەتتى، ھەتتا ئېشىپ قالاتتى. 7
مۇقەددەس چېدىرنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى قىلىۋاتقان ئۇستىلارنىڭ ھەربىرى نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن ئون پارچە يوپۇق ياساپ، كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى يوپۇقلارغا چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقتى. 8
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. 9
[بەزالەل] يوپۇقلارنىڭ بەشىنى بىر-بىرىگە ئۇلىدى، قالغان بەش يوپۇقنىمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلىدى. 10
ئۇ ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمىلەرنى قادىدى، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ شۇنداق قىلدى. 11
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىدى. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل قىلىندى. 12
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇ ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇردى. 13
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىدى؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىدى. 14
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە قىلىندى. 15
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلدى. 16
ئۇ بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىدى. 17
ئۇ چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويدى. 18
ئۇ بۇنىڭدىن باشقا چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىدى. 19
ئۇ مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىدى. 20
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز قىلىندى. 21
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بار ئىدى، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلدى؛ ئۇ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى. 22
ئۇ چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىدى؛ يىگىرمىسى جەنۇب تەرەپكە ئورنىتىلدى؛ 23
ئۇ بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىكنى ياسىدى. 24
شۇنىڭدەك ئۇ چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە، يەنى شىمال تەرىپىگە يىگىرمە تاختاي ياسىدى، 25
شۇنداقلا بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكىنى كۈمۈشتىن ياسىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 26
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاينى ياساپ ئورناتتى. 27
ئۇ چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاينى ياساپ ئورناتتى. 28
بۇ بۇلۇڭ تاختايلىرى ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇردى، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلدى. ئۇ ھەر ئىككىسىنى شۇنداق ياساپ، ئىككى بۇلۇڭغا ئورناتتى. 29
شۇڭلاشقىمۇ ئۇ تەرىپىدە سەككىز تاختاي بولدى، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بار ئىدى؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بار ئىدى. 30
بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىدى؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، 31
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغىمۇ بەش بالداقنى ياسىدى. 32
ئۇ تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئوتتۇرا بالداقنى بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يەتكۈزۈپ ياسىدى. 33
ئۇ تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. 34
ئۇ نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى؛ ئۇنى كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەرلىك بىلەن لايىھىلەپ نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ، كەشتىلەپ چىقاردى. 35
ئۇنى ئېسىشقا ئۇ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن تۆت خادا ياساپ، ئالتۇن بىلەن قاپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىلمەكلىرى ئالتۇندىن ياسالدى؛ خادىلارغا ئۇ كۈمۈشتىن تۆت تەگلىكنى قۇيۇپ ياسىدى. 36
ئۇ چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نەپىس توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىدى، ئۇنى كەشتىچىگە كەشتىلەتتى. 37
ئۇ يەنە بۇ پەردىنىڭ بەش خادىسىنى ئىلمەكلىرى بىلەن قوشۇپ ياسىدى؛ ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە بالداقلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىدى؛ ئۇلارنىڭ بەش تەگلىكى مىستىن ياسالدى. 38

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 36 >