< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 33 >

پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭ مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ كەلگەن خەلق بىلەن بىللە مۇشۇ يەردىن كېتىپ: «مەن سېنىڭ نەسلىڭگە ئۇنى بېرىمەن» دەپ قەسەم قىلىپ ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىن. 1
And the Lord said to Moses, Go forward, go up hence, you and your people, whom you brought out of the land of Egypt, into the land which I swore to Abraam, and Isaac, and Jacob, saying, I will give it to your seed.
شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، قانائانىي، ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىيلەرنى، ھىۋىي بىلەن يەبۇسىيلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 2
And I will send at the same time my angel before your face, and he shall cast out the Amorite and the Chettite, and the Pherezite and Gergesite, and Evite, and Jebusite, and Chananite.
سېنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا كەلتۈرىمەن. چۈنكى سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق بولغاچقا، يولدا سىلەرنى ھالاك قىلىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئۆزۈم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولۇپ، شۇ [زېمىنغا] بىللە چىقمايمەن، ــ دېدى. 3
And I will bring you into a land flowing with milk and honey; for I will not go up with you, because you are a stiff-necked people, lest I consume you by the way.
خالايىق بۇ قاتتىق سۆزنى ئاڭلاپ، قايغۇغا چۆمۈپ ھېچقايسىسى ئۆز زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىمىدى. 4
And the people having heard this grievous saying, mourned in mourning apparel.
چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا: «[پەرۋەردىگار]: ــ سىلەر بوينى قاتتىق بىر خەلق ئىكەنسىلەر؛ ئەگەر مەن پەرۋەردىگار ئاراڭلارغا چىقىپ بىر دەقىقىلا تۇرسام، سىلەرنى يوقىتىۋەتكەن بولاتتىم. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردىكى زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىۋېتىڭلار؛ شۇ چاغدا مەن سىلەرگە نېمە قىلىدىغىنىمنى بىلىمەن، دېدى»، دەپ ئېيتقىن، ــ دېگەنىدى. 5
For the Lord said to the children of Israel, You are a stiff-necked people; take heed lest I bring on you another plague, and destroy you: now then put off your glorious apparel, and [your] ornaments, and I will show you what I will do to you.
شۇڭا ئىسرائىللار ھورەب تېغىدىن ئايرىلىپلا زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئۆزلىرىدىن ئېلىۋەتتى. 6
So the sons of Israel took off their ornaments and their array at the mount of Choreb.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز چېدىرىنى ئېلىپ، ئۇنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىدا، چېدىرگاھدىن نېرىراق بىر جايغا تىكىپ، ئۇنى «كۆرۈشۈش چېدىرى» دەپ ئاتىدى. كىمكى پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ، يول سورىماقچى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىدىكى «كۆرۈشۈش چېدىرى»غا باراتتى. 7
And Moses took his tabernacle and pitched it without the camp, at a distance from the camp; and it was called the Tabernacle of Testimony: and it came to pass [that] every one that sought the Lord went forth to the tabernacle which was without the camp.
شۇنداق بولاتتىكى، ھەر قېتىم مۇسا چېدىرغا چىقسا، پۈتكۈل خالايىق قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە ئۆرە تۇرۇپ، مۇسا چېدىرغا كىرىپ بولغۇچە ئۇنىڭ كەينىدىن قارىشىپ تۇراتتى. 8
And whenever Moses went into the tabernacle without the camp, all the people stood every one watching by the doors of his tent; and when Moses departed, they took notice until he entered into the tabernacle.
ئاندىن مۇسا ھەر قېتىم چېدىرغا كىرىپ كەتسە شۇنداق بولاتتىكى، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 9
And when Moses entered into the tabernacle, the pillar of the cloud descended, and stood at the door of the tabernacle, and [God] talked to Moses.
پۈتكۈل خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا توختىغىنىنى كۆرەتتى؛ ئۇنى كۆرگىنىدە خەلقنىڭ ھەممىسى قوپۇپ، ھەربىرى ئۆز چېدىرىنىڭ ئىشىكىدە تۇرۇپ سەجدە قىلىشاتتى. 10
And all the people saw the pillar of the cloud standing by the door of the tabernacle, and all the people stood and worshipped every one at the door of his tent.
شۇ چاغلاردا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن كىشىلەر ئۆز دوست-بۇرادىرى بىلەن سۆزلەشكەندەك، يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. ئاندىن مۇسا چېدىرگاھغا يېنىپ كېلەتتى؛ لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان نۇننىڭ ئوغلى يەشۇئا دېگەن ياش يىگىت چېدىرنىڭ ئىچىدىن چىقمايتتى. 11
And the Lord spoke to Moses face to face, as if one should speak to his friend; and he retired into the camp: but his servant Joshua the son of Naue, a young man, departed not forth from the tabernacle.
مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: ــ مانا، سەن دائىم ماڭا: «بۇ خەلقنى ئېلىپ چىققىن» دەپ كەلدىڭ؛ لېكىن ئۆزۈڭ ماڭا: «مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن»، ۋە شۇنىڭدەك «نەزىرىم ئالدىدا ئىلتىپات تاپتىڭ» دېگەن بولساڭمۇ، سەن مېنىڭ بىلەن بىرگە كىمنى ئەۋەتىدىغىنىڭنى ماڭا ئايان قىلمىدىڭ. 12
And Moses said to the Lord, Behold! you say to me, Lead on this people; but you have not showed me whom you will send with me, but you have said to me, I know you above all, and you have favor with me.
ئەگەر مەن راستتىنلا نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ سېنى تونۇشۇم ئۈچۈن، نەزىرىڭدە ئىلتىپات تېپىۋېرىشىم ئۈچۈن ماڭا ئۆز يولۇڭنى ئايان قىلغايسەن؛ مانا، بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ بولغىنىنى نەزىرىڭدە تۇتقايسەن! ــ دېدى. 13
If then I have found favor in your sight, reveal yourself to me, that I may evidently see you; that I may find favor in your sight, and that I may know that this great nation [is] your people.
ئۇ جاۋاب بېرىپ: مەن ئۆزۈم [سەن] بىللە بىللە بېرىپ، ساڭا ئارام ئاتا قىلىمەن، ــ دېدى. 14
And he says, I myself will go before you, and give you rest.
مۇسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئەگەر سەن ئۆزۈڭ [بىز] بىلەن بىللە ماڭمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن چىقارمىغايسەن؛ 15
And he says to him, If you go not up with us yourself, bring me not up hence.
چۈنكى، مەن ۋە خەلقىڭ نەزىرىڭدە ئىلتىپات تاپقىنىمىز نېمىدىن بىلىنىدۇ؟ ئەجەبا، ئۆزۈڭنىڭ بىز بىلەن بىللە ماڭغىنىڭدىن بىلىنمەمدۇ؟ شۇ سەۋەبتىن مەن ۋە خەلقىڭ يەر يۈزىدىكى ھەربىر تائىپىلەردىن ئالاھىدە پەرقلەنمەمدۇق؟! ــ دېدى. 16
And how shall it be surely known, that both I and this people have found favor with you, except only if you go with us? So both I and your people shall be glorified beyond all the nations, as many as are upon the earth.
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مۇشۇ ئىلتىجايىڭنىمۇ ئىجابەت قىلىمەن؛ چۈنكى سەن نەزىرىمدە ئىلتىپات تاپتىڭ ۋە مەن سېنى ئىسمىڭنى بىلىپ تونۇيمەن، دېدى. 17
And the Lord said to Moses, I will also do for you this thing, which you have spoken; for you have found grace before me, and I know you above all.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا: ــ ئۆز شان-شەرپىڭنى ماڭا كۆرسەتكەيسەن، ــ دېدى. 18
And [Moses] says, Manifest yourself to me.
[پەرۋەردىگار]: ــ ئۆزۈمنىڭ پۈتكۈل مېھرىبانلىقىمنى سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن ئۆتكۈزىمەن ۋە ئالدىڭدا «ياھۋەھ» دېگەن نامنى جاكارلايمەن. كىمگە شاپائەت قىلماقچى بولسام شۇنىڭغا شاپائەت كۆرسىتىمەن، كىمگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولسام، شۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن، دېدى. 19
And [God] said, I will pass by before you with my glory, and I will call by my name, the Lord, before you; and I will have mercy on whom I will have mercy, and will have pity on whom I will have pity.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ سەن يۈزۈمنى كۆرەلمەيسەن؛ چۈنكى ھېچ ئادەمزات مېنى كۆرسە تىرىك قالمايدۇ، دېدى. 20
And [God] said, You shall not be able to see my face; for no man shall see my face, and live.
ئاندىن پەرۋەردىگار: ــ مانا، يېنىمدا بىر جاي باردۇر؛ سەن شۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 21
And the Lord said, Behold, [there is] a place by me: you shall stand upon the rock;
مېنىڭ شان-شەرىپىم ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، شۇنداق بولىدۇكى، مەن سېنى شۇ قورام تاشنىڭ يېرىقىدا تۇرغۇزۇپ، مەن ئۆتۈپ بولغۇچە سېنى قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. 22
and when my glory shall pass by, then I will put you into a hole of the rock; and I will cover you over with my hand, until I shall have passed by.
ئاندىن قولۇمنى تارتىۋالىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن سەن مېنىڭ ئارقا تەرىپىمنى كۆرىسەن، لېكىن يۈزۈم كۆرۈنمەيدۇ، ــ دېدى. 23
And I will remove my hand, and then shall you see my back parts; but my face shall not appear to you.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 33 >