< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 29 >

ئۇلارنىڭ ماڭا مۇقەددەس قىلىنىپ، كاھىنلىق خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى ئادا قىلىشىڭ كېرەك: ــ سەن بىر ياش ئەركەك تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى تاللا (ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن) 1
ھەمدە پېتىر نان، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچ ۋە زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلارنى تەييارلا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇغداي ئۇنىدىن قىلغىن؛ 2
نانلارنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ، سېۋەتنى، تورپاقنى ۋە ئىككى قوچقارنى بىللە ھەدىيە قىلىپ كەلتۈرگىن. 3
سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇغىن؛ 4
ئاندىن كىيىملىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ھارۇنغا خالتا كۆڭلەك، ئەفود تونى ۋە ئەفودنى كىيدۈرگىن، قوشېننى تاقىغىن؛ ئاندىن بېلىگە ئەفودنىڭ كەشتىلەنگەن بەلۋېغىنى باغلىغىن. 5
بېشىغا سەللىنى يۆگەپ، سەللىگە مۇقەددەس ئوتۇغاتنى تاقاپ قويغىن. 6
ئاندىن مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ، بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى مەسىھلىگىن. 7
ئاندىن سەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا خالتا كۆڭلەكلەرنى كىيدۈرگىن؛ 8
ئۇلارغا، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەلۋاغلارنى باغلاپ، ئېگىز بۆكلەرنى كىيدۈرگىن. شۇنىڭ بىلەن ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە، كاھىنلىق خىزمىتى ئۇلارنىڭكى بولىدۇ؛ شۇنداق قىلىپ، سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى خۇداغا مۇقەددەس قىلىپ ئايرىپ تەيىنلىگىن. 9
— سەن تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگىن؛ ئېلىپ كەلگىنىڭدە ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويسۇن. 10
ئاندىن سەن بۇ تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يېنىدا بوغۇزلىغىن؛ 11
تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ بارمىقىڭ بىلەن ئۇنى قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ، قالغان قاننىڭ ھەممىسىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قۇيغىن. 12
ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماينى، شۇنداقلا جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى ئاجرىتىپ بۇلارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. 13
تورپاقنىڭ گۆشى، تېرىسى ۋە تېزىكىنى بولسا چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكىن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. 14
ئاندىن سەن قوچقارلارنىڭ بىرىنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن؛ 15
ئاندىن سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، ئۇنىڭ قېنىدىن قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. 16
قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئىچ قارنى بىلەن پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى گۆش پارچىلىرى ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، 17
پۈتۈن قوچقارنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرگىن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ــ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي يەتكۈزىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. 18
كېيىن سەن ئىككىنچى قوچقارنى ئېلىپ كەلگىن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 19
ئاندىن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ قېنىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئۇلارنىڭ ئوڭ قوللىرىنىڭ چوڭ بارمىقى بىلەن ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارمىقىغا سۈركەپ قويغىن، قالغان قاننى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپكىن. 20
ئاندىن قۇربانگاھ ئۈستىدىكى قاندىن ۋە مەسىھلەش مېيىدىن ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ كىيىملىرىگە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگىمۇ سەپكىن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ كىيىملىرى، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغان بولىدۇ. 21
ئاندىن سەن قوچقارنىڭ مېيى، قۇيرۇق مېيى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماي، ئىككى بۆرەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ماينى چىقار ھەمدە ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئالغىن ــ (چۈنكى بۇ قوچقار كاھىنلىققا تىكلەش [قۇربانلىقىغا ئاتالغان] قوچقاردۇر) ــ 22
— بۇنىڭدىن باشقا سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قويۇلغان پېتىر نان سېۋىتىدىن بىر گىردىنى، زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچتىن بىرنى ۋە پېتىر ھەمەك ناندىن بىرنى ئېلىپ، 23
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇننىڭ قوللىرىغا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا قويۇپ، ئۇلارنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتقۇزغىن. 24
ئاندىن سەن بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي چىقارسۇن دەپ، قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈرگىن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. 25
سەن ھارۇننى كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ تۆشىنى ئېلىپ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا پۇلاڭلاتقىن؛ بۇ سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولىدۇ. 26
شۇنىڭدەك، سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنىڭ «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پۇلاڭلىتىلغان تۆشى بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ پۇلاڭلىتىلغان ئارقا پۇتىنى، يەنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان شۇ ئۈلۈشلەرنى «مۇقەددەس» دەپ ئايرىپ بېكىتكىن. 27
شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئەبەدىي بەلگىلىمە بويىچە ئىسرائىللار تەرىپىدىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىغا بېغىشلانغان نېسىۋە بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ كۆتۈرمە ھەدىيەدۇر. بۇلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن ئايرىپ چىقىلىپ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ «ئېگىز كۆتۈرگەن ھەدىيە»سى ھېسابلىنىپ، «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولىدۇ. 28
ھارۇننىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە كېيىن ئوغۇللىرى ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلار مەسىھلىنىپ، كاھىنلىققا تەيىنلەنگەندە شۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. 29
ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىنى بېسىپ كاھىن بولسا، جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جاينىڭ ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشكەندە، بۇ كىيىملەرنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيىپ يۈرسۇن. 30
سەن كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقىغا ئاتالغان قوچقارنى ئېلىپ، ئۇنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس جايدا پىشۇرغىن؛ 31
ئاندىن ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى بىلەن سېۋەتتىكى نانلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا يېسۇن؛ 32
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاھىنلىققا تەيىنلىنىشىدە خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنغاندا كافارەتكە ئىشلىتىلگەن نەرسىلەرنى يېسۇن، لېكىن بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، يات كىشى بۇنىڭدىن ھېچنېمىنى يېمىسۇن. 33
ئەگەر كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىق گۆشىدىن ياكى ناندىن ئەتىگە ئازراق ئېشىپ قالسا، ئېشىپ قالغاننى ئوتتا كۆيدۈرۈۋەت؛ بۇلار مۇقەددەس بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنىڭدىن يېسە بولمايدۇ. 34
سەن شۇ تەرىقىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى توغرىسىدا بۇيرۇغىنىمنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئۇدا يەتتە كۈنگىچە ئۇلارنى كاھىنلىققا تىكلەش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغىن. 35
ھەر كۈنى كافارەت قىلىنىشقا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تورپاقنى سۇنغىن. قۇربانگاھنىڭ ئۆزىنى گۇناھتىن پاك قىلىشقا ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرگىن، مۇقەددەس قىلىنسۇن دەپ، ئۇنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھلىگىن. 36
يەتتە كۈنگىچە سەن قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇنىڭغا تەگكەن ھەممە نەرسە مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ. 37
مانا، قۇربانگاھتا ھەمىشە سۇنىدىغانلىرىڭ مۇنۇلار: ــ ھەر كۈنى بىر ياشلىق ئىككى قوزا قۇربانلىق قىلىنسۇن. 38
بىرىنى ئەتىگەندە، يەنە بىرىنى گۇگۇمدا قۇربانلىق قىلىپ سۇنغىن. 39
بىرىنچى قوزا بىلەن بىرگە زەيتۇن مېيىدىن بىر ھىننىڭ تۆتتىن بىرى ئىلەشتۈرۈلگەن بۇغداي ئۇنىدىن [ئەفاھنىڭ] ئوندىن بىرى ۋە يەنە شاراب ھەدىيەسى سۈپىتىدە تۆتتىن بىر ھىن شاراب قۇشۇپ سۇنۇلسۇن. 40
ئىككىنچى قوزىنى گۇگۇمدا سۇنغىن؛ ئۇنى ئەتىگەنلىك قۇربانلىقنىڭكىدەك، خۇشبۇي بولۇشى ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاشلىق ھەدىيە ۋە شاراب ھەدىيە بىلەن قوشۇپ سۇنغىن. 41
شۇ تەرىقىدە بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق نەسىلدىن-نەسىلگە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ دائىملىق قۇربانلىق بولسۇن؛ مەن [پەرۋەردىگار] شۇ يەردە سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. 42
شۇنىڭدەك مەن شۇ يەردە ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاي مېنىڭ شان-شەرىپىم بىلەن مۇقەددەس قىلىنىدۇ. 43
مەن جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھنى ئۆزۈمگە ئاتاپ مۇقەددەس قىلىمەن؛ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆزۈمگە كاھىنلىق خىزمەتتە بولۇشقا ئايرىپ مۇقەددەس قىلىمەن. 44
شۇنداق قىلىپ مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 45
ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماكان قىلىشىم ئۈچۈن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن خۇداسى پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن. 46

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 29 >