< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 26 >

مۇقەددەس چېدىرنى ئون پارچە يوپۇقتىن ياساتقىن؛ يوپۇقلار نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنسۇن؛ ئۇنىڭغا كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى چېۋەر قوللارغا نەپىس قىلىپ كەشتىلەپ چىقارغۇزغىن. 1
ھەربىر يوپۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە سەككىز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ھەربىر يوپۇق ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. 2
يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن، قالغان بەش يوپۇقمۇ ھەم بىر-بىرىگە ئۇلانسۇن. 3
سەن ئۇلاپ چىقىلغان بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا بىر تەرىپىگە رەڭگى كۆك ئىزمە قادىغىن، شۇنىڭدەك ئۇلاپ چىقىلغان ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىنىڭ بىر تەرىپىگىمۇ ھەم شۇنداق قىلغىن. 4
بىرىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن، ئىككىنچى چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە قادىغىن. ئىزمىلەر بىر-بىرىگە ئۇدۇلمۇئۇدۇل بولسۇن. 5
مۇقەددەس چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئالتۇندىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، ئىككى چوڭ پارچە يوپۇقنى شۇ ئىلغۇلار بىلەن بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغىن. 6
مۇقەددەس چېدىرنى يېپىش ئۈچۈن ئۆچكە تىۋىتىدىن يوپۇقلارنى ياسىغىن؛ يوپۇقتىن ئون بىر پارچە ياسىغىن. 7
يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇز گەز، كەڭلىكى تۆت گەز بولۇپ، ئون بىر يوپۇقنىڭ ھەممىسى ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە بولسۇن. 8
يوپۇقلارنىڭ بەشىنى ئۇلاپ بىر قىلىپ، قالغان ئالتە يوپۇقنىمۇ ئۇلاپ بىر قىلىپ، ئالتىنچى يوپۇقنى ئىككى قات قىلىپ، چېدىرنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويغىن. 9
سەن بىرىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە، ئىككىنچى ئۇلاپ چىقىلغان چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى قىسمىغا ئەللىك ئىزمە قادىغىن. 10
سەن ھەم مىستىن ئەللىك ئىلغۇ ياساپ، چېدىر بىر پۈتۈن بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ ئىككى چوڭ پارچىنى ئۇلاپ قويغىن. 11
لېكىن يوپۇقنىڭ چېدىرنىڭ كەينىدىن ئېشىپ قالغان قىسمى، يەنى ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. 12
چېدىر يوپۇقلىرىنىڭ چېدىرنىڭ بويىدىن ئارتۇق قىسمى، يەنى ئۇ تەرىپىدىن بىر گەز، بۇ تەرىپىدىن بىر گەز، چېدىرنىڭ ئىككى تەرىپىدىن ساڭگىلاپ، ئۇنى [تولۇق] ياپسۇن. 13
بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرغا قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن يوپۇق ياساپ ياپقىن، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىدىنمۇ دېلفىن تېرىسىدىن ياسالغان يەنە بىر يوپۇقنى قاپلىغىن. 14
مۇقەددەس چېدىرنىڭ تىك تاختايلىرىنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياساپ تىكلىگىن. 15
ھەربىر تاختاينىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون گەز، كەڭلىكى بىر يېرىم گەز بولسۇن. 16
ھەربىر تاختاينىڭ ئىككىدىن تۇرۇمى بولسۇن، ھەر ئىككى تاختاي شۇلار بىلەن بىر-بىرىگە چېتىلسۇن؛ چېدىرنىڭ بارلىق تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن. 17
چېدىرنىڭ تاختايلىرىنى شۇنداق ياسىغىن؛ يىگىرمىسىنى جەنۇب تەرەپكە تىكلىگىن؛ 18
بۇ يىگىرمە تاختاينىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق تەگلىك ياسىغىن؛ بىر تاختاينىڭ [ئاستىدىكى] ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ ئىككى تۇرۇمى ئۈچۈن ئىككىدىن تەگلىك ياسىغىن. 19
شۇنىڭدەك چېدىرنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە، يەنى شىمال تەرىپىدە يىگىرمە تاختاي بولسۇن؛ 20
بۇلارنىڭ قىرىق تەگلىكى كۈمۈشتىن بولسۇن؛ بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەگلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. 21
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە تاختاي ياساپ تىكلىگىن. 22
چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى تاختاي ياساپ ئورناتقىن. 23
بۇ [بۇلۇڭ تاختايلىرى] ئاستىدىن ئۈستىگىچە ئىككى قات قىلىنىپ [تاختايلارنى] ئۆزئارا چېتىشتۇرسۇن، ئۈستى بىر ھالقىغا بېكىتىلسۇن. ھەر ئىككىسى شۇنداق قىلىنىپ، ئىككى بۇلۇڭغا تىكلەنسۇن. 24
ئارقا تەرەپتە سەككىز تاختاي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان ئون ئالتە تەگلىكى بولىدۇ؛ بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك، يەنە بىر تاختاينىڭ تېگىدە ئىككى تەگلىك بولىدۇ. 25
بۇنىڭدىن باشقا سەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بالداق ياسىغىن؛ چېدىرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، 26
چېدىرنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى، چېدىرنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تاختايلارغا، يەنى غەرب تەرىپىدىكى تاختايلارغا بەش بالداقنى ياسىغىن. 27
تاختايلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇرا بالداق بۇ تەرەپتىن ئۇ تەرەپكە يېتىدىغان بولسۇن. 28
تاختايلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارنى ئالتۇندىن ياساپ، بالداقلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن. 29
چېدىرنى ساڭا تاغدا ئايان قىلىنغان نۇسخا بويىچە ياساپ تىكلىگىن. 30
سەن نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇنى چېۋەر قوللار كېرۇبلارنىڭ سۈرىتىنى نەپىس قىلىپ چۈشۈرۈپ كەشتىلەپ چىقسۇن. 31
ئۇنى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت خادىغا ئېسىپ قويغىن. بۇ خادىلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ خادىلار كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت تەگلىككە ئورنىتىلسۇن. 32
پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى ئىلمەكلەرگە ئېسىلىپ ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن؛ ئاندىن ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنى شۇ يەرگە كەلتۈرۈپ، پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرگىن. شۇنىڭ بىلەن پەردە سىلەر ئۈچۈن مۇقەددەس جاي بىلەن ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئايرىما پەردە بولسۇن. 33
ئاندىن سەن «كافارەت تەختى»نى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ھۆكۈم-گۇۋاھلىق ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويغىن. 34
شىرە بولسا پەردىنىڭ تېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن؛ چىراغداننى شىرەنىڭ ئۇدۇلىغا، چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە قويغىن؛ شىرەنى شىمال تەرىپىگە قويغىن. 35
بۇنىڭدىن باشقا سەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا نېپىز توقۇلغان ئاق كاناپ رەختكە كۆك، سۆسۈن ۋە قىزىل يىپلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن بىر پەردە ياسىغىن؛ ئۇ كەشتىچى تەرىپىدىن كەشتىلەنسۇن. 36
بۇ پەردە ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش خادا ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلىغىن؛ ھەربىرىنىڭ ئالتۇن ئىلمىكى بولسۇن؛ ئۇلارنىڭ تېگىگە بەش دانە تەگلىكنى مىستىن قۇيۇپ تەييارلاتقىن. 37

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 26 >