< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 23 >

يالغان گەپنى يايمىغىن ۋە يا يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ رەزىل ئادەمگە يان باسمىغىن. 1
Nie będziesz rozgłaszał fałszywych wieści. Nie wchodź w spółkę z bezbożnym, by być fałszywym świadkiem.
توپقا ئەگىشىپ رەزىل ئىشتا بولما ياكى دەۋا-دەستۇرلاردا گۇۋاھلىق بەرگەندە توپقا ئەگىشىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلىما. 2
Nie idź za większością, aby wyrządzić zło, i nie zeznawaj w sprawie, ulegając [zdaniu] większości, by naginać [sąd].
كەمبەغەل دەۋا قىلسا، ئۇنىڭغا يان باسما. 3
I nie okazuj przychylności ubogiemu w jego sprawie.
دۈشمىنىڭنىڭ كالا يا ئېشىكى ئېزىپ كېتىپ، ساڭا ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، ئىگىسىگە چوقۇم تاپشۇرۇپ بەر. 4
Jeśli napotkasz błądzącego wołu swego wroga lub jego osła, musisz odprowadzić go do niego.
ئەگەر ساڭا ئۆچ بولغاننىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يۈكنىڭ ئاستىدا ياتقىنىنى كۆرسەڭ، ئۇنى ياردەمسىز تاشلىماي، بەلكى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىشىڭ زۆرۈر. 5
Jeśli zobaczysz, że osioł tego, który cię nienawidzi, leży pod swoim ciężarem, nie odmówisz mu pomocy. Owszem, masz mu z nim pomóc.
ئاراڭدىكى كەمبەغەلنىڭ دەۋاسىدا ئادالەتنى بۇرمىلىما. 6
Nie naginaj sądu twego ubogiego w jego sprawie.
ھەرقانداق ساختا ئىشتىن ئۆزۈڭنى نېرى تارت؛ بىگۇناھ ئادەم بىلەن ھەققانىي ئادەمنى ئۆلتۈرمىگىن؛ چۈنكى مەن رەزىل ئادەمنى ھەرگىز ئادىل دەپ ئاقلىمايمەن. 7
Trzymaj się z dala od nieuczciwej sprawy. Nie zabijaj niewinnego i sprawiedliwego, bo nie usprawiedliwię bezbożnego.
شۇنىڭدەك ھېچقانداق پارا يېمە؛ چۈنكى پارا كۆزى ئوچۇقلارنى كور قىلىپ، ھەققانىيلارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ. 8
Nie będziesz też brać darów, ponieważ dar zaślepia mądrych i wypacza słowa sprawiedliwych.
مۇساپىر كىشىلەرگە زۇلۇم قىلما؛ چۈنكى ئۆزۈڭلار مىسىر زېمىنىدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، مۇساپىرنىڭ روھىي ھالىنى بىلىسىلەر. 9
Nie uciskaj również przybysza, bo sami wiecie, jak się czuje przybysz, gdyż byliście przybyszami w ziemi Egiptu.
ئالتە يىل ئۆز يېرىڭنى تېرىپ، ھوسۇللىرىنى ئال. 10
Przez sześć lat będziesz obsiewał swoją ziemię i zbierał jej plony;
لېكىن يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ ئۇنى بوش قوي؛ خەلقىڭنىڭ نامراتلىرى ئۇنىڭدىن يىغىپ يېسۇن، ئۇلاردىن ئاشقىنىنى جاڭگالدىكى ھايۋانلار يېسۇن؛ شۇنداقلا ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنزارلىقىڭنىمۇ شۇنداق قىلغىن. 11
A w siódmym [roku] zostawisz ją odłogiem, żeby odpoczęła, aby jedli ubodzy twego ludu, a co zostanie po nich, zjedzą zwierzęta polne. Tak też postąpisz ze swoją winnicą i swoim sadem oliwnym.
ئالتە كۈن ئىچىدە ئۆز ئىشىڭنى ئادا قىلىپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئېلىشىڭ زۆرۈر. بۇنىڭ بىلەن كالا-ئېشەكلىرىڭ ئارام تاپىدۇ، دېدىكىڭنىڭ ئوغلى بىلەن مۇساپىر كىشىمۇ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ. 12
Przez sześć dni będziesz wykonywać swoją pracę, ale siódmego dnia odpoczniesz, aby odpoczął twój wół i twój osioł i [żeby] odetchnął syn twojej niewolnicy i przybysz.
مەن ساڭا ئېيتقىنىمنىڭ ھەممىسىنى كۆڭۈل بۆلۈپ ئادا قىل؛ باشقا ئىلاھلارنىڭ نامىنى تىلىڭغا ئالما؛ بۇلار ھەتتا ئاغزىڭغىمۇ چىقمىسۇن. 13
A we wszystkim, co wam powiedziałem, bądźcie ostrożni. Nie wspominajcie też imienia obcych bogów, niech nie będzie słyszane z twoich ust.
ھەر يىلدا ئۈچ قېتىم مېنىڭ ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىن. 14
Trzy razy w roku będziesz obchodzić dla mnie święto.
ئالدى بىلەن «پېتىر نان ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك ئابىب ئېيىدىكى بېكىتىلگەن كۈنلەردە يەتتە كۈن پېتىر نان يېگىن؛ چۈنكى شۇ ئايدا سەن مىسىردىن چىققانىدىڭ. شۇ ھېيتتا ھېچكىشى ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمىسۇن. 15
Będziesz obchodzić Święto Przaśników. Siedem dni będziesz jeść przaśniki, jak ci nakazałem, w miesiącu Abib, bo w nim wyszedłeś z Egiptu. Nie pokażecie się przede mną z pustymi rękami.
سەن ئەجىر قىلىپ تېرىغان ئېتىزدىكى زىرائىتىڭنىڭ تۇنجى ھوسۇلىنى ئورغاندا «ئورما ھېيتى»نى ئۆتكۈز؛ شۇنداقلا سەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ يەردىن ئاخىرقى ھوسۇل-مەھسۇلاتلىرىڭنى يىل ئاخىرىدا يىغقاندا «ھوسۇل يىغىش ھېيتى»نى ئۆتكۈز. 16
I Święto Żniw, pierwocin twojej pracy, tego, co posiałeś na polu. I także Święto Zbiorów pod koniec roku, gdy zbierzesz z pola [owoce] swojej pracy.
يىلدا ئۈچ قېتىم ئەركەكلىرىڭنىڭ ھەممىسى رەب پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ھازىر بولسۇن. 17
Trzy razy w roku wszyscy twoi mężczyźni mają się pokazać przed Panem BOGIEM.
سەن ماڭا ئاتالغان قۇربانلىقنىڭ قېنىنى خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نان بىلەن سۇنمىغىن؛ ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يېغىنى بولسا كېچىچە قوندۇرۇپ ئەتىگىچىگە ساقلىما. 18
Nie będziesz ofiarował krwi mojej ofiary z chlebem kwaszonym, a tłuszcz mojej ofiary nie zostanie przez noc aż do poranka.
زېمىنىڭدىكى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ ئەڭ ياخشسىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەل. ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە قاينىتىپ پىشۇرما. 19
Przyniesiesz do domu PANA, twego Boga, pierwociny z pierwszych plonów swojej ziemi. Nie będziesz gotował koźlęcia w mleku jego matki.
مانا، مەن بىر پەرىشتىنى يولدا سېنى قوغداپ، مەن ساڭا تەييارلىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن دەپ، ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. 20
Oto posyłam Anioła przed tobą, aby cię strzegł w drodze i doprowadził do miejsca, które przygotowałem.
سەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭگە ئاگاھ بول، ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سال. ئۇنىڭ زىتىغا تەگمە؛ بولمىسا، ئۇ ئىتائەتسىزلىكلىرىڭنى كەچۈرمەيدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ نامىم ئۇنىڭدىدۇر. 21
Zważaj na niego i słuchaj jego głosu; nie pobudzaj go do gniewu, bo nie przebaczy waszych przestępstw, gdyż moje imię jest w nim.
لېكىن ئەگەر سەن ئۇنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ بارلىق بۇيرۇغانلىرىمغا ئەمەل قىلساڭ، مەن دۈشمەنلىرىڭگە دۈشمەن، كۈشەندىلىرىڭگە كۈشەندە بولىمەن. 22
Bo jeśli będziesz pilnie słuchać jego głosu i uczynisz wszystko, co powiem, będę wrogiem twoich wrogów i będę dręczyć tych, którzy cię dręczyli.
چۈنكى مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا يۈرۈپ، سېنى ئامورىي، ھىتتىي، پەرىززىي، قانائانىي، ھىۋىي ۋە يەبۇسىيلارنىڭ زېمىنىغا باشلاپ كىرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن. 23
Mój Anioł bowiem pójdzie przed tobą i wprowadzi cię do Amorytów, Chetytów, Peryzzytów, Kananejczyków, Chiwwitów i Jebusytów, i wytracę ich.
سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئۇرۇپ ئىبادەت قىلما ۋە ياكى ئۇلار قىلغاندەك قىلما؛ بەلكى ئۇلارنىڭ [بۇتلىرىنى] ئۈزۈل-كېسىل چېقىۋەت، بۇت تۈۋرۈكلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل كۇكۇم-تالغان قىلىۋەت؛ 24
Nie będziesz oddawał pokłonu ich bogom ani nie będziesz im służył, ani nie postępuj według ich czynów, ale do gruntu zburz ich i doszczętnie pokrusz ich posągi.
لېكىن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادىتىدە بولۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ نان بىلەن سۈيۈڭلارنى بەرىكەتلەيدۇ؛ مەن بارلىق كېسەللىكنى ئاراڭلاردىن چىقىرىپ تاشلايمەن. 25
Będziecie służyć PANU, waszemu Bogu, a on będzie błogosławić twój chleb i twoją wodę; i oddalę od ciebie chorobę.
بۇنىڭ بىلەن زېمىنىڭدا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ھېچبىر ئايال ياكى چارپاي بولمايدۇ؛ ئۆمرۈڭنىڭ كۈنلىرىنى تولۇق قىلىمەن. 26
Nie będzie w twojej ziemi roniącej ani niepłodnej. Dopełnię liczbę twoich dni.
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ۋەھىمىمنى ئەۋەتىمەن، قايسى تائىپىگە يېقىنلاشساڭ شۇلارنى پاراكەندە قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ھەممە دۈشمەنلىرىڭنى كەينىگە ياندۇرۇپ قاچۇرىمەن. 27
Poślę mój strach przed tobą i strwożę wszelki lud, przeciw któremu pójdziesz, i sprawię, że wszyscy twoi wrogowie uciekną przed tobą.
ھىۋىيلار، قانائانىيلار ۋە ھىتتىيلارنى ئالدىڭدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە سېرىق ھەرىلەرنى ئالدىڭدا يۈرۈشكە ئەۋەتىمەن. 28
Poślę też przed tobą szerszenie, które wypędzą Chiwwitów, Kananejczyków i Chetytów sprzed twego oblicza.
ئەمما زېمىننىڭ خارابىلىشىپ، دالادا ۋەھشىي ھايۋانلار ئاۋۇپ ساڭا خەۋپ بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ ئەللەرنى ئالدىڭدىن بىر يىلغىچە ھەيدىۋەتمەيمەن، 29
Nie wypędzę ich sprzed twojego oblicza w jednym roku, by ziemia nie zmieniła się w pustynię i nie namnożył się przeciwko tobie dziki zwierz.
بەلكى سەن ئاۋۇپ، زېمىننى [پۈتۈنلەي] مىراس قىلىپ بولغۇچە، ئاز-ئازدىن ھەيدەپ تۇرىمەن. 30
Pomału będę ich wypędzał sprzed twego oblicza, aż się rozmnożysz i posiądziesz ziemię.
سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگرىلىرىنى قىزىل دېڭىزدىن تارتىپ فىلىستىيلەرنىڭ دېڭىزىغىچە، شۇنىڭدەك چۆلدىن تارتىپ [ئەفرات] دەرياسىغىچە بېكىتىمەن؛ چۈنكى زېمىندا تۇرۇۋاتقانلارنى ھەيدىۋېتىپ يېرىنى ئىگىلىشىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنى قولۇڭغا تاپشۇرىمەن. 31
A ustanowię twoje granice od Morza Czerwonego aż do Morza Filistynów, od pustyni aż do rzeki. Oddam bowiem w wasze ręce mieszkańców tej ziemi, a ty wypędzisz ich sprzed twego oblicza.
سەن ئۇلار بىلەن ۋە ياكى ئىلاھلىرى بىلەن ھېچقانداق بىر ئەھدە تۈزمە. 32
Nie zawrzesz przymierza z nimi ani z ich bogami.
ئۇلارنىڭ سېنى ئالدىمدا گۇناھقا پاتقۇزماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى زېمىنىڭدا قەتئىي تۇرغۇزما. چۈنكى مۇبادا سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ ئىبادىتىدە بولساڭ، بۇ ئىش ساڭا تۇزاق بولىدۇ. 33
Nie wolno im mieszkać w twojej ziemi, by cię nie doprowadzili do grzechu przeciwko mnie. Jeśli bowiem będziesz służył ich bogom, będzie to dla ciebie sidłem.

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 23 >