< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 21 >

ــ سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ھۆكۈم-بەلگىلىمىلەر مۇنۇلاردۇر: ــ 1
ئەگەر سەن بىر ئىبرانىي قۇلنى سېتىۋالغان بولساڭ، ئۇ ئالتە يىلغىچە خىزمىتىڭدە بولۇپ، يەتتىنچى يىلى تۆلەمسىز ھۆر قىلىنسۇن. 2
ئۇ قۇل قىلىنىشقا تەنھا ھالەتتە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، تەنھا ھالەتتە كەتسۇن. ئايالى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنگەن بولسا، ئايالىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتسۇن. 3
ئەگەر خوجىسى ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بەرگەن بولسا، شۇنداقلا ئايالى ئۇنىڭغا ئوغۇل-قىزلارنى تۇغۇپ بەرگەن بولسا، ئايال بالىلىرى بىلەن خوجىسىغا قېلىپ، ئەر يالغۇز كەتسۇن. 4
لېكىن ئەگەر قۇل ئېلان قىلىپ: «مەن خوجام، ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا مۇھەببىتىم بولغىنى ئۈچۈن ھۆر بولۇپ كەتمەيمەن» دېسە، 5
ئۇنداقتا ئۇنىڭ خوجىسى ئۇنى خۇدانىڭ [ئىبادەت سورۇنىنىڭ] ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئىشىكنىڭ ئالدىدا ياكى ئىشىكنىڭ كېشىكىنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن؛ ئاندىن خوجىسى بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تەشسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ مەڭگۈگە خوجىسىنىڭ قۇلى بولۇپ قالىدۇ. 6
ئەگەر بىركىم قىزىنى دېدەكلىككە سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ئەر قۇللار ھۆر قىلىنغاندەك ھۆر قىلىنمىسۇن. 7
ئەگەر ئۆزىگە خاس سېتىۋالغان قىز خوجىسىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا ئۇ قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ ئۇنى ھۆر قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. لېكىن خوجىسىنىڭ ئۇنى يات خەلققە سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ؛ چۈنكى خوجىسى ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. 8
ئەگەر ئۇ قىزنى ئوغلىغا خاس بېكىتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلسۇن. 9
ئەگەر خوجىسى يەنە خوتۇن ئالسا، ئەسلىدە ئەمرىگە ئالغان دېدىكىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى، كىيىم-كېچىكىنى ۋە ئەر-خوتۇنچىلىق بۇرچىنى كېمەيتمىسۇن. 10
ئەگەر ئۇ شۇ ئۈچ ئىشنى ئادا قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇ بەدەل تۆلىمەي ھۆر بولسۇن. 11
كىمكى بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇمۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 12
لېكىن ئەگەر ئۇ كىشى [ئۆلگۈچىنىڭ] جېنىنى پايلاپ تۇرۇپ قەستەن ئۆلتۈرمىگەن، بەلكى مەن خۇدا ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە يول قويغان بولسام، ئۇنداق ئەھۋالدا مەن ئۇنىڭغا قاچىدىغان بىر جاينى ئورۇنلاشتۇرىمەن. 13
لېكىن ئەگەر بىرسى ئۆز قوشنىسىنى ھىيلە بىلەن ئۆلتۈرىمەن دەپ، ئۇنىڭغا قەستەن ھۇجۇم قىلسا، ئۇ گەرچە [پاناھ ئىزدەپ] قۇربانگاھىمغا قېچىپ كەلسىمۇ، ئۇ شۇ يەردە تۇتۇلسۇن ۋە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 14
كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا قول تەگكۈزسە، چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن. 15
كىمكى بىر ئادەمنى بۇلاپ ساتقان بولسا ياكى ئۇنىڭ قولىدا بارلىقى مەلۇم بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 16
كىمكى ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىغا لەنەت قىلىپ قارغىغان بولسا، جەزمەن ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 17
ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىرى يەنە بىرىنى تاش يا موشتى بىلەن ئۇرسا، ئۇرۇلغان كىشى ئۆلمەي، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، 18
ئۇ كىشى قوپۇپ ھاسىغا تايىنىپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئۇرغان كىشى جازادىن خالاس قىلىنسۇن؛ پەقەت زەخىملەنگۈچىنىڭ يېتىپ ئىشتىن قالغان ۋاقتى ئۈچۈن تۆلەم بېرىپ، ئۇنى داۋالىتىپ سەللىمازا ساقايتسۇن. 19
ئەگەر بىرسى قۇلى ياكى دېدىكىنى تاياقتا ئۇرسا، شۇنداقلا قۇل ياكى دېدەك نەق مەيداندا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن [ئىگىسى] چوقۇم جازاغا تارتىلسۇن. 20
لېكىن ئەگەر تاياق يېگۈچى بىر-ئىككى كۈن تىرىك تۇرسا، ئۇنداقتا قۇل خوجايىنىنىڭ شەخسى مال-مۈلكى بولغىنى ئۈچۈن، قۇلنىڭ جازاسىغا تارتىلمىسۇن. 21
ئەگەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇرۇپ سالسا، ھامىلىدار ئايالدا بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تۆلەم تەلىپى بويىچە ھاكىملارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ جەرىمانە تۆلىسۇن. 22
ئەگەر [ئايال ياكى بالا] زىيان-زەخەتكە ئۇچرىغان بولسا، ئۇنداقتا جېنىغا جان، 23
كۆزىگە كۆز، چىشىغا چىش، قولىغا قول، پۇتىغا پۇت، 24
كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم، كۆككە كۆك تۆلەنسۇن. 25
ئەگەر بىرسى ئۆز قۇل يا دېدىكىنىڭ كۆزىنى ئۇرۇپ ناكار قىلىپ قويسا، كۆزى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن. 26
شۇنىڭدەك بىرسى ئۆز قۇلى يا دېدىكىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ چىقىرىۋەتكەن بولسا، چىشى ۋەجىدىن ئۇنى ئازاد قىلسۇن». 27
ئەگەر بىر كالا بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن. لېكىن كالىنىڭ ئىگىسىگە گۇناھ كەلمىسۇن. 28
لېكىن بۇ ئۇينىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسۈش ئادىتى بولۇپ، ئىگىسىگە بۇ ھەقتە ئاگاھ بېرىلگەن بولسا، لېكىن يەنىلا ئۇنى باغلىمىغىنى ئۈچۈن ئەر-ئايال كىشىلەرنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن، ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 29
لېكىن ئۇنىڭدىن خۇن ھەققى تەلەپ قىلىنسا، ئۆز جېنىنىڭ ئورنىدا ئۇنىڭغا قانچىلىك تۆلەم قويۇلغان بولسا شۇنى بەرسۇن. 30
كالىدىن ئۈسۈلگۈچى ئوغۇل ياكى قىز بالا بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئوخشاشلا يۇقىرىقى ھۆكۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلىنسۇن. 31
كالا قۇل ياكى دېدەكنى ئۈسكەن بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى ئۈسۈلگۈچىنىڭ خوجىسىغا ئوتتۇز شەكەل كۈمۈش بەرسۇن؛ ئاندىن كالا چالما-كېسەك قىلىنسۇن. 32
ئەگەر بىرسى بىر ئورىنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان ئورىنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەك ئۇنىڭغا چۈشۈپ كەتسە، 33
ئۇنداقتا ئورىنىڭ ئىگىسى مال ئىگىسىنىڭ زىيىنىنى تولۇق تۆلەپ بەرسۇن؛ ئۆلگەن مال ئۇنىڭكى بولىدۇ. 34
ئەگەر بىرسىنىڭ كالىسى يەنە بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار تىرىك قالغان كالىنى سېتىپ، پۇلنى باراۋەر بۆلۈشسۇن ھەم ئۆلۈك كالىنىمۇ شۇنداق بۆلۈشسۇن. 35
لېكىن كالىنىڭ ئىلگىرىدىن ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقى ئېنىق تۇرۇپ، ئىگىسى ئۇنى باغلىماي قويۇۋەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۈسكۈچى كالىنىڭ ئىگىسى كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن، ئۆلۈك كالا ئۇنىڭ بولسۇن. 36

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 21 >