< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 2 >

لاۋىينىڭ جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى بېرىپ، لاۋىينىڭ نەسلىدىن بولغان بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. 1
بۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا ئۇنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇپ ساقلىدى. 2
ئۇنى يەنە يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قومۇشتىن بىر سېۋەت ياساپ، ئۇنىڭغا ياريېلىم ۋە موم سۇۋاپ، بالىنى ئىچىگە سېلىپ، دەريانىڭ قىرغىقىدىكى قومۇشلۇق ئارىسىغا قويۇپ قويدى. 3
ئاندىن بالىنىڭ ھەدىسى ئۇنىڭغا نېمە بولاركىن دەپ يىراقتىن قاراپ تۇردى. 4
ئۇ ۋاقىتتا پىرەۋننىڭ قىزى سۇغا چۆمۈلگىلى دەريا تەرەپكە كەلدى؛ ئۇنىڭ چۆرىلىرى دەريا بويىدا ئايلىنىپ يۈردى. پىرەۋننىڭ قىزى قومۇشلۇقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان سېۋەتنى كۆرۈپ، خاس چۆرىسىنى ئۇنى ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. 5
ئۇ سېۋەتنى ئېچىپ قارىۋىدى، مانا، بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە ئۇ بالا يىغلاپ كەتتى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: ــ بۇ شۈبھىسىزكى ئىبرانىيلارنىڭ بالىلىرىدىن بىرى ئىكەن، دېدى. 6
ئۇ چاغدا بالىنىڭ ھەدىسى پىرەۋننىڭ قىزىدىن: ــ مەن بېرىپ، سىلى ئۈچۈن بالىنى ئېمىتىپ باقىدىغان بىر ئىبرانىي ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 7
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، دېدى. قىز بېرىپ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 8
پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنىڭغا: ــ بۇ بالىنى ئېلىپ كېتىپ مەن ئۈچۈن ئېمىتىپ بېقىپ بەر؛ ھەققىڭنى بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال بالىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۇنى ئېمىتىپ باقتى. 9
بالا چوڭ بولغاندا ئۇنى پىرەۋننىڭ قىزىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئوغۇل بولدى. ئۇ: «مەن ئۇنى سۇدىن چىقىرىۋالغان» دەپ ئۇنىڭغا مۇسا دېگەن ئىسىمنى قويدى. 10
مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. 11
ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، قۇمغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ قويدى. 12
ئەتىسى ئۇ يەنە چىقىپ قارىۋىدى، مانا ئىككى ئىبرانىي بىر-بىرى بىلەن سوقۇشۇۋاتاتتى؛ ئۇ يولسىزلىق قىلىۋاتقان كىشىگە: ــ ئۆز قېرىندىشىڭنى نېمىشقا ئۇرىسەن؟ ــ دېدى. 13
ھېلىقى كىشى جاۋاب بېرىپ: ــ كىم سېنى بىزگە ھاكىم ۋە سوراقچى قىلىپ قويدى؟ ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ ئۆز ئىچىدە: «مەن قىلغان ئىش جەزمەن ئاشكارا بولۇپ قاپتۇ!» دەپ ئويلىدى. 14
پىرەۋن ھەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى؛ لېكىن مۇسا پىرەۋننىڭ ئالدىدىن قېچىپ، مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. بىر كۈنى، ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. 15
مىدىياننىڭ كاھىنىنىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى؛ ئۇلار كېلىپ، ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىشقا سۇ تارتىپ ئوقۇرلارغا قۇيۇپ تولدۇرۇشقا باشلىدى. 16
ئۇ ۋاقىتتا [يەرلىك] پادىچىلار كېلىپ، ئۇلارنى ھەيدىدى، مۇسا قوپۇپ قىزلارغا ياردەم بېرىپ، قويلىرىنى سۇغىرىشىپ بەردى. 17
ئۇلار ئاتىسى رېئۇئەلنىڭ قېشىغا يېنىپ كەلگەندە، ئۇلاردىن: ــ نېمىشقا بۈگۈن شۇنچە تېز يېنىپ كەلدىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. 18
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىر مىسىرلىق ئادەم بىزنى پادىچىلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ھەمدە بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ، قوي پادىمىزنى سۇغىرىپمۇ بەردى! ــ دېدى. 19
ئۇ قىزلىرىغا: ــ ئۇنداقتا ئۇ كىشى ھازىر نەدە؟! ئۇنى نېمىشقا سىرتتا تاشلاپ كەلدىڭلار؟ ئۇنى تاماققا چاقىرىڭلار، ــ دېدى. 20
مۇسا ئۇ كىشى بىلەن بىللە تۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇ قىزى زىپپوراھنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 21
ئۇ ئايال ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى؛ مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىردۇرمەن» دەپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى گەرشوم دەپ قويدى. 22
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ، مىسىرنىڭ پادىشاھى ئۆلدى. ئىسرائىللار ئۆز قۇللۇق ھالىتى تۈپەيلىدىن ئاھ-زار ئۇرۇپ، نالە-پەرياد كۆتۈردى؛ قۇللۇقتىن بولغان پەريادى خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ يەتتى. 23
خۇدا ئۇلارنىڭ ئاھ-زارلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئىبراھىم بىلەن، ئىسھاق بىلەن ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 24
شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى كۆردى ۋە خۇدا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلدى. 25

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 2 >