< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 19 >

ئىسرائىللار مىسىر زېمىنىدىن چىقىپ، دەل ئۈچىنچى ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كەلدى. 1
ئۇلار رەفىدىمدىن چىقىپ، سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، چۆلدە چېدىر تىكتى؛ ئىسرائىل شۇ يەردە، تاغنىڭ ئۇدۇلىدا توختاپ چېدىر تىكتى. 2
مۇسا خۇدانىڭ ئالدىغا چىقىۋىدى، پەرۋەردىگار تاغدىن ئۇنىڭغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ سەن ياقۇپنىڭ جەمەتىگە سۆز قىلىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ خەۋەرنى يەتكۈزگىن: ــ 3
«مېنىڭ مىسىرلىقلارغا نېمە قىلغىنىمنى، شۇنداقلا مەن سىلەرنى خۇددى بۈركۈت بالىلىرىنى قاناتلىرىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، ئۆز قېشىمغا ئېلىپ كەلگىنىمنى ئۆزۈڭلار كۆردۈڭلار. 4
ئەمدى سىلەر دەرھەقىقەت مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ، ئەھدەمنى تۇتساڭلار، ئۇنداقتا بارلىق ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ماڭا خاس بىر گۆھەر بولىسىلەر ــ چۈنكى پۈتكۈل يەر مېنىڭكىدۇر ــ 5
ۋە سىلەر ماڭا كاھىنلاردىن تەركىب تاپقان خاس بىر پادىشاھلىق ۋە مۇقەددەس بىر قوۋم بولىسىلەر». مانا بۇ سەن ئىسرائىللارغا دېيىشىڭ كېرەك بولغان سۆزلەردۇر، ــ دېدى. 6
شۇنىڭ بىلەن مۇسا يېنىپ كېلىپ، خەلقنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان شۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 7
خەلقنىڭ ھەممىسى بىر ئېغىزدىن: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغاننىڭ ھەممىسىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مۇسا خەلقنىڭ جاۋاب سۆزلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكۈزدى. 8
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ مانا، مەن ساڭا سۆز قىلغىنىمدا خەلق ئاۋازىمنى ئاڭلىسۇن، ھەمىشە ساڭا ئىشەنسۇن دەپ، يېنىڭغا قارا بۇلۇتنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە كېلىمەن، دەپ ئېيتتى. مۇسامۇ خەلقنىڭ دېگەنلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاڭلاتتى. 9
پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە: ــ سەن خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە ئۇلارنى پاك-مۇقەددەس قىلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدۇرغىن. 10
ئۇلار ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرسۇن؛ چۈنكى ئۈچىنچى كۈنى بارلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا چۈشىدۇ. 11
سەن خەلق ئۈچۈن [تاغنىڭ] ئەتراپىغا بىر پاسىل قىلىپ، ئۇلارغا: «سىلەر ئېھتىيات قىلىڭلار، تاغقا چىقماڭلار ياكى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تېگىپ كەتمەڭلار. كىمكى تاغقا تەگسە ئۆلتۈرۈلمەي قالمايدۇ؛ 12
ئۇنىڭغا ھەتتا بىرەر قولى تېگىپ كەتسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن ياكى ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. مەيلى ھايۋان ياكى ئىنسان بولسۇن، شۇنداق قىلسا، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن» ــ دەپ ئېيتقىن. لېكىن كاناي ئۇزۇن چېلىنسا، ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىگە چىقسۇن، دېدى. 13
مۇسا تاغدىن چۈشۈپ خەلقنىڭ قېشىغا بېرىپ، خەلقنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلدى؛ ئۇلار كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇدى. 14
ئاندىن مۇسا خەلققە: ــ ئۈچىنچى كۈنىگە تەييار تۇرۇڭلار؛ ھېچكىم ئايالى بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىسۇن، دېدى. 15
ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا، تاڭ يورۇشى بىلەن شۇنداق بولدىكى، گۈلدۈرمامىلار گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغ ئۈستىدە قويۇق بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولدى، زور قاتتىق چېلىنغان كاناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇنى كۆرۈپ چېدىرگاھدىكى پۈتكۈل خەلق قورقۇنچىدىن تىترەپ كەتتى. 16
مۇسا خەلقنى خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇشقا چېدىرگاھدىن ئېلىپ چىقتى. ئۇلار كېلىپ تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇردى. 17
پەرۋەردىگار سىناي تېغىغا ئوتتا چۈشۈپ كەلگىنى ئۈچۈن ئىس-تۈتەك پۈتكۈل تاغنى قاپلىدى؛ ئىس-تۈتەك خۇمداندىن ئۆرلىگەن ئىس-تۈتەكتەك ئۈستىگە ئۆرلەپ چىقتى. پۈتكۈل تاغ قاتتىق تەۋرىنىشكە باشلىدى. 18
كاناي ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ ئىنتايىن قاتتىق چىقتى. مۇسا سۆز قىلىۋىدى، خۇدا ئاڭلاپ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن جاۋاب بەردى. 19
پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىغا، تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشتى؛ ئاندىن پەرۋەردىگار مۇسانى تاغنىڭ چوققىسىغا چاقىرىۋىدى، مۇسا تاغقا چىقتى. 20
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ سەن چۈشۈپ خالايىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ئۇلار «پەرۋەردىگارنى كۆرىمىز» دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ ئۇنداق قىلسا، ئۇلاردىن كۆپ ئادەم ھالاك بولىدۇ، دەپ ئېيتقىن. 21
پەرۋەردىگارغا يېقىن كېلەلەيدىغان كاھىنلارمۇ ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسۇن؛ بولمىسا، پەرۋەردىگار [سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارغا ھالاكەت يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. 22
مۇسا پەرۋەردىگارغا: ــ خالايىقنىڭ سىناي تېغىغا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئۆزۈڭ بىزگە قاتتىق ئاگاھلاندۇردۇڭ: تاغنى «مۇقەددەس» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا پاسىللارنى بېكىتىڭلار، دەپ ئەمر قىلدىڭ، ــ دېدى. 23
پەرۋەردىگار مۇساغا: ــ ماڭ، سەن چۈشۈپ كەتكىن. ئاندىن سەن ھارۇننى ئېلىپ، بىللە چىققىن؛ لېكىن كاھىنلار ۋە خەلق بولسا پەرۋەردىگارنىڭ قېشىغا بارايلى دەپ پاسىلدىن بۆسۈپ ئۆتمىسۇن؛ بولمىسا، [پەرۋەردىگار سېپىلنى] بۆسكەندەك ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ، ــ دېدى. 24
شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلقنىڭ قېشىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا بۇ سۆزنى يەتكۈزدى. 25

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 19 >