< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 18 >

مۇسانىڭ قېينئاتىسى، يەنى مىدىياننىڭ كاھىنى يەترو خۇدانىڭ مۇسا ئۈچۈن ھەمدە ئۆز خەلقى ئىسرائىل ئۈچۈن بارلىق قىلغانلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىدى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلنى مىسىردىن چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 1
شۇنىڭ بىلەن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئەسلىدە ئۆز يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەن ئايالى زىپپوراھ ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يولغا چىقتى (بىرىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەنىدى. 2
3
يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ئەلىئېزەر دەپ قويۇلغانىدى؛ چۈنكى مۇسا: «ئاتامنىڭ خۇداسى ماڭا ياردەمدە بولۇپ، مېنى پىرەۋننىڭ قىلىچىدىن قۇتقۇزدى»، دېگەنىدى). 4
شۇنداق قىلىپ مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو مۇسانىڭ ئوغۇللىرى بىلەن ئايالىنى ئېلىپ، مۇسانىڭ چۆلدە، خۇدانىڭ تېغىنىڭ يېنىدا چېدىر تىكگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى. 5
ئۇ ئەسلىدە مۇساغا: ــ «مانا، مەنكى قېينئاتاڭ يەترو سېنىڭ ئايالىڭنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن» دەپ خەۋەر ئەۋەتكەنىدى. 6
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۆز قېينئاتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ، ئۇنى سۆيدى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ چېدىرغا كىردى؛ 7
ئاندىن مۇسا قىيناتىسىغا ئىسرائىلنىڭ ۋەجىدىن پەرۋەردىگارنىڭ پىرەۋن ۋە مىسىرلىقلارغا قىلغان ھەممە ئەمەللىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ يول بويى بېشىغا چۈشكەن جەبىر-جاپالارنى بايان قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى قۇتقۇزغىنىنى ئېيتىپ بەردى. 8
بۇنى ئاڭلاپ يەترو پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن بارلىق ياخشىلىقىدىن، ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن شادلاندى. 9
يەترو شادلىنىپ: ــ سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە پىرەۋننىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۇرلەر بولغاي! ئۇ بۇ قوۋمنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى! 10
مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئەمدى بىلدىم؛ چۈنكى ئۇ دەل ئۇلار يوغانچىلىق قىلغان ئىشتا ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى ــ دېدى. 11
ئاندىن مۇسانىڭ قېينئاتىسى يەترو خۇداغا ئاتاپ بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بىرنەچچە [تەشەككۇر] قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئىسرائىلنىڭ ھەربىر ئاقساقىلى مۇسانىڭ قېينئاتىسى بىلەن بىللە خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تائام يېيىشكە كەلدى. 12
ئەتىسى مۇسا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا ئولتۇردى؛ خەلق ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە مۇسانىڭ چۆرىسىدە تۇرۇشتى. 13
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن: ــ سېنىڭ خەلققە قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ زادى نېمە ئىش؟ نېمىشقا سەن [بۇ ئىشتا] يالغۇز ئولتۇرىسەن، بارلىق خەلق نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ چۆرەڭدە تۇرىدۇ؟ ــ دېدى. 14
مۇسا قېينئاتىسىغا جاۋاب بېرىپ: ــ خەلق خۇدادىن يول ئىزدەشكە مېنىڭ قېشىمغا كېلىدۇ. 15
قاچانكى ئۇلارنىڭ بىر ئىش-دەۋاسى چىقسا ئۇلار يېنىمغا كېلىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىمەن ۋە شۇنداقلا خۇدانىڭ قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلارغا بىلدۈرىمەن، ــ دېدى. 16
مۇسانىڭ قېينئاتىسى ئۇنىڭغا: ــ بۇ قىلغىنىڭ ياخشى بولماپتۇ. 17
سەن جەزمەن ئۆزۈڭنى ھەمدە چۆرەڭدە تۇرغان خەلقنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن؛ چۈنكى بۇ ئىش ساڭا بەك ئېغىر كېلىدۇ. سەن ئۇنى يالغۇز قىلىپ يېتىشەلمەيسەن. 18
ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالغىن، مەن ساڭا بىر مەسلىھەت بېرەي ۋە [شۇنداق قىلساڭ،] خۇدا سېنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ: ــ سەن ئۆزۈڭ خۇدانىڭ ئالدىدا خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خۇداغا مەلۇم قىلغىن؛ 19
سەن خەلققە قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ئۆگىتىپ، ماڭىدىغان يولنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. 20
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سەن پۈتكۈل خەلقنىڭ ئارىسىدىن خۇدادىن قورقىدىغان، نەپسانىيەتچىلىكنى يامان كۆرىدىغان ھەم قابىلىيەتلىك ھەم دىيانەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. 21
شۇنىڭ بىلەن بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سورايدۇ. ئەگەر چوڭ بىر ئىش-دەۋا چىقىپ قالسا، بۇنى ساڭا تاپشۇرسۇن؛ لېكىن ھەممە كىچىك ئىش-دەۋالارنى ئۇلار ئۆزلىرى بېجىرىسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى يېنىكلىتىپ، يۈكۈڭنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىدۇ. 22
ئەگەر شۇنداق قىلساڭ ۋە خۇدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇسا، ئۆزۈڭ [ۋەزىپەڭدە] پۇت تىرەپ تۇرالايسەن ۋە خەلقىڭمۇ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆز جايىغا قايتىپ كېتىدۇ، دېدى. 23
مۇسا قېينئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ دېگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 24
مۇسا پۈتكۈل ئىسرائىل ئارىسىدىن قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى تاللاپ، ئۇلارنى خەلقنىڭ ئۈستىگە باش قىلىپ، بەزىسىنى مىڭبېشى، بەزىسىنى يۈزبېشى، بەزىسىنى ئەللىكبېشى، بەزىسىنى ئونبېشى قىلىپ قويدى. 25
بۇلار ھەرقانداق ۋاقىتتا خەلقنىڭ ئىش-دەۋالىرىنى سوراپ تۇردى؛ تەسرەك ئىش-دەۋالارنى بولسا، مۇساغا يوللايتتى، كىچىك ئىش-دەۋالارنى بولسا ئۆزلىرى سورايتتى. 26
ئاندىن مۇسا قېينئاتىسىنى يولغا سېلىپ قويدى، ئۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. 27

< مىسىردىن‭ ‬چىقىش‭ ‬ 18 >